كۆرۈش: 6647|ئىنكاس: 14

ئالتۇن ئاشسا قىزلارنىڭ قىممىتىمۇ ئاشامدۇ ؟؟؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
296
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 13:41:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالتۇن ئاشسا قىزلارنىڭ قىممىتىمۇ ئاشامدۇ ؟؟؟



      يىقىندىن بىرى ئالتۇن باھاسى 1790 دوللارغا، ھەر گىرامى 385 يۈەنگە چىقتى.
      بۇنىڭ بىلەن كىشلەر ئارىسىدا ئالتۇننىڭ ھەر گىرامى 400 يۈەنگە چىقىدىكەن، دېگەن سۆزلەر تارقىلىپ زور دەرجىدە ئالتۇن قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى .
      بەزى بىر قىسىم كىشلىرىمىزدە ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىنى توي ۋە قىزلىرىمىزنىڭ قىممىتى بىلەن باغلىۋالىدىغان ھالەت شەكىللەندى .
      يەنە بەزىلەر ئالتۇن ئاشتى دېگەنلىك قىزلارنىڭ باھاسى ئاشتى دېگەنلىك، دەپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى.
      يەنە بەزى ئاتا - ئانىلار ئالتۇن تېخىمۇ ئاشسا قىزلىرىمىزنىڭ تۇيلۇقىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇل تەرەپ توي قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلىدۇ.
      تويدىن كېيىن قىزىمىز ھەرقانچە ئوشۇقلۇق قىلسىمۇ قىزلار قىممەت بولغاچقا ئاجرىشىشىقا پېتىنالمايدۇ، دەيدۇ.
      بۇ خىل قاراش قىزلارنى ئېنىقلا تاۋارغا ئايلاندۇرۋەتكەنلىك بولۇپ قالامدۇ قانداق؟؟؟؟
      ئالتۇنغۇ ئاشتى، ئالتۇنلا ئەمەس ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئاشتى.
      مېنىڭچە قىز - يىگىتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى چىن - ساداقەت، ئىشەنچ، مۇھەببەتنىڭ باھاسى تېخىمۇ ئاشسا، قانداق دېدىم؟؟؟
      بىزدە مۇنداقمۇ قىز سودىسى باركەن. توۋا !!!!!!!!!!!!!!!
      يېقىندا مەلۇم ئىككى تويلىشىدىغان ئائىلە تويلۇق توغرىسىدا كېلىشەلمەي توي يېنىشىپ كېتىپتۇ.
      ئاساسلىق سەۋەب: قىز تەرەپ بىر ھەپتە ئىلگىرى تويلۇققا 15000 يۈەن باھا قويۇپ، ئۆزئارا سودىلىشىپ 13000 يۈەنگە پۈتۈشكەن.
      شۇ ئارىلىقتا ئوغۇل تەرەپتىكى مەلۇم بىرەيلەن كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان. شۇ كېلىشمەسلىك بىلەن ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە تاپشۇرىدىغان پۇلنى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قىزنىڭ ئائىلسىگە ئىلىپ بارغان.
      لېكىن قىزنىڭ ئانىسى پۇلنى ئېلىشنى رەت قىلغان. سەۋەبى: ھازىر ئالتۇن باھاسى ئېشىپ كەتتى. ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بۇ پۇلنى ئەكەلگەن بولساڭلار ئۇ چاغدا ئالتۇن زىبۇ - زىننەتلەرنى ھازىرقىدىن خېلىلا ئەرزان ئالغان بولاتتۇق. شۇڭا 15000 بولسا قىزىم تەييار، بولمىسا توختاپ قېلىڭلار دەپتۇ.
      يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلەر شۇنچە چۈشەندۇرسىمۇ قىزنىڭ ئانىسى گەپ يېمەپتۇ. (بۇ يېقىندا تويلۇق ئېلىشقا كىرگەن خېرىدارلاردىن ئاڭلىغان گەپ)
      مەن مۇشۇنداق قىز سودىسىغا بەك نەپرەتلىنىمەن. شۇمۇ گەپ بولدىمۇ؟؟ شۇنداقلارغا مۇنداق مۇراجىئەت قىلغۇم كېلىدۇ!!!
      سېز قىزىڭىزنىڭ ئانىسىمۇ ياكى ئىشرەتخانىنىڭ خوجايىنىمۇ ؟؟؟؟
      ئۆزئارا قۇدا بولۇپ يېقىن تۇغقانلارغا ئايلانماقچى بولغان تۇرۇپ، پاك مۇھەببەت، ساداقەت، ۋاپانى، جۈملىدىن ئىنسانلاردا بولىدىغان ئادىمىيلىك خىسلەتنى ئۇنتۇپ قېلىپ، پۇلنى دەپ پاك سۆيگۈلەرنى پايخان قىلسىڭىز توغرا بولارمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 19:24  

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1313
تۆھپە
801
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 20:20:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يېزلىغان ئەسەركەن. تۇرمۇرشتىكى يۈز بېرىۋاتقان ئشىلاردى بۇ.. كىينكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن... ھارمىغايسىز.. قېرىندىشىم...

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1313
تۆھپە
801
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 20:21:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا مۇنبەر ئىسمىڭىزنى ئۇيغۇرچە قويىۋالغان بۇلسىڭىز .بەك ياخشى بۇلاتتىكەن...

Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
3
UID
11385
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 21:47:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر  پاك مۇھەببەت قالمىدى   پۇلنىلا تونىيدۇ !!!!!!!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
844
تۆھپە
574
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 23:35:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك توغرا يېزىپسىز.بىر قىزنىڭ قىممىتى ۋە باھاسى مۇشۇنداق پۇل  بىلەن بېكىتىلسە ،مېنىڭچە ئادىمىلىك  قىممىتى يوق بولغان بولىدۇ؛ئادەم دىگەندە كىشلىك قەدىر -قىممەت بولۇشى كېرەك _ئەلۋەتتە.ئەگەر راستىنلا پۇل ،ئالتۇن ئۆلچەم قىلىنسا ،قىز دىگەن ھەرقانداق توۋاردىن ئەرزان دىيىشكە بولىدىكەن.چۇنكى پۇل.ئالتۇن .مال-مۈلۈك دىگەننى تىرشسا تاقىلى  بولىدۇ.ئەمما بىر ئىپپەتلىك ،ئارنۇمۇسلۇق،پاك ۋىژدانلىق ،كەلگۈسىنىڭ بۈيۈك ئانىللىرىنى ،كىشلىك قەدىر-قىممەتنى ،ساپ مۇھابەتنى ،ۋىژداننى تاپقىلى ،سېتىۋالغىلى بولمايدۇ_دە؟!مەن 7__8ياش چاغلىرىمدا ئالتۇن گىرام ئەمەس ،مىسقىلى 100يۇەنگە يەتمەيتى.يېقىن كەلگۈسىدە ئالتۇننىڭ باھاسى ھەر گىرىمى 115يۇەن ئەتىراپىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.ئەگەر ئاشۇنداق بولسا ،ئالتۇنغا تىگىشىدىغان بۇ قىزلارنىڭ كۈرسىسى بەك چۈشۈپ كەتكۈدەك _تە!ھېلىقىدەك ئانىلار قانداق قىلار شۇ چاغدا؟
مەن شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ:-ئەگەر ئەقىلىق ،ۋىزدانلىق ،ھەقىقى ئەركەك بولۇپ چوڭ بولغان ئوغۇل بالا ،توي قىلىدىغان جورە تاللاشتا  ،ئاتا-ئانىسىنى ،تىگى -تەكتىنى 3ئەۋلات بىلىپ بېقىپ ،ئۆزىگە -ئۆزگىگە ماس كەلگۈدەك ،ساپاسى ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەۋلادىنى جۆرە قىلىپ تاللىسا دەپ ئويلايمەن؛نىمە ئۇ باي -نامرات دىگەن ،مال دۇنياسى بولۇپ ساپاسى ياخشى بولمىسا پۇل -مال دىگەن ۋاقىتلىق نەرسە ،ئۇمۇ تېزلا تۈگەپ كىتىدۇ،ئۇنۋېرسال ساپاسى ياخشى ،ئۆزلىرىمۇ ھەرجەھەتتىن ياخشى يىتىلگەن بولسا ،ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئەجىرىنىڭ تىگى بىباھا ،ھىساپسىز بايلىق .....
  قىسقىسى ،ئەنە شۇنداق يىتىلگەن ،ۋۇجۇدى تاۋلانغان بولسىلا (ئەزىز تېىنى خۇدا ساقلىسا )شۇ تەڭداشسىز باي -بەخىتلىك .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   skod تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 23:55  

Rank: 6Rank: 6

تىللا
520
تۆھپە
294
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 23:54:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  توغرا گەپ  بۇ،،ھازىر   مۇھاببەت  نەدە  قالدى،،پۇل  ۋە   ئالتۇننى  تۇنۇيدۇ  ،،،ھەي  ئىسىت   قىزلار  كورسە  بوپتىكەن  مۇشۇ  ئەسەرنى ....ئالتۇن  مۇشۇنداق  ئۆرلەۋەرسە   بويتاقلار  سانى  كۆپەيگۇدك  ...پۇلدارلار  جېق  ئالغۇدەك  خۇتۇننى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
520
تۆھپە
294
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 23:55:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1776
تۆھپە
975
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:18:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇرۇنقى تويلار نەدە قالدى ، ئىنساپ  نەدە قالدى ،جاھان تەرەققى قىلسا ھەممە نەرسە بۇزۇلۇپ كىتىدىكىن
ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:47:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق دىسەم مىللىتىمنى كەمسىتكىنىم ئەمەس دوسلار بىزدە بىر نان تاپساق داپ چالىدىغان ئەھۋال بەك ئېغىر ئالتۇنىڭ باھاسىغا كەلسەك مال باھاسى ئۇشقاندەك ئۇرلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نىمە چارە دەيسىز؟ئاددىسى 2سوملۇق راڭپىزا 4سومغا ئۇسكەن تۇرسا.....

Rank: 2

تىللا
115
تۆھپە
59
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 12:25:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي شۇ ھەممىنى قىلغان شۇ پۇل. مال -دۇنيا. بايلىق. شۈكرى قانائەت بىلەن ياشىماق تەس بۇلۇپ كەتتىغۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 08:07, Processed in 0.077709 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991