توي قىلغان كۈنىمىز مەن ئايالىمنى كۆتۈرگىنىمچە ئۆيگە كىردىم. ئەينى يىللىرى ئۆيىمىز كىچىك قورۇدىكى بىر ئېغىزلىق ئاددىيغىنە ئۆي ئىدى. توي ماشىنىسى ئىشىك ئالدىمىزدا توختىغاندا،ئاغىنىلىرىمنىڭ تەلىپى بويىچە ئايالىمنى كۆتۈرۈپ ، قىقاس-چۇقانلار ئىچىدە ئۆيگە ئېلىپ كىردىم. ئايالىم ياشلىقى ئۇرغۇپ ،مەڭزىدىن قىزىللىق تېپىپ تۇرغان بىر گۈزەل قىز ئىدى. مەن بولسام كېلىشكەن، قاۋۇل،ئىچى-ئىچىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇرغان بىر يىگىت ئىدىم .
مانا بۇ ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر كۆرۈنۈش.
كۈنلىرىمىز ئېقىن سۇدەك تىز ئۆتمەكتە. ئايالىم ئىككىمىز كۈندە ئەتىگەندە بىللە ئىشقا ماڭىمىز، ئىشتىن چۈشكەندىمۇ كۆپىنچە بىللە قايتىمىز. ئوغلۇممۇ مەكتەپ يېشىغا يېتىپ، ياتاقلىق مەكتەپكە كەتتى. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە، بىز تولىمۇ ماسلاشقان بىر جۈپلەر، كەم-كۈتىسىز بىر بەختلىك ئائىلىنىڭ ئىگىلىرى. بىراق، مانا مۇشۇنداق تىپتىنچ بەخت ئىچىدە،تۇيۇقسىز داۋالغۇش يۈز بەردى. ‹ئۇ› تۇرمۇشۇمغا بۆسۈپ كىردى.
بۈگۈن ھاۋا ناھايىتىمۇ ياخشى ئىدى . مەن ‹ئۇ› نىڭ ئۈچۈن ئېلىپ بەرگەن ئۆينىڭ كەڭرى، ئازادە مەن بالكونىدا ساپ ھاۋادىن چوڭقۇر نەپەس ئالغاچ ، ئاسمانغا قارىدىم . ‹ئۇ› نازۇك بىلەكلىرىنى كەڭ يايغىنىچە كەينىمدىن چىڭ قۇچاقلىۋالدى. ئىللىق بىر سېزىمنى ھېس قىلدىم ، ‹ئۇ› نىڭ سۆيگۈسىدىن قەلبىم يەنە بىر قېتىم ئەسىرگە ئېلىندى .
ئۇ دۈمبەمگە يۈزىنى يېقىپ تۇرۇپ :‹سىزدەك ئەرلەر قىزلارنىڭ دىققىتىنى ئاسانلا ئۆزىگە قارىتىۋالالايدۇ› دېگىنىچە مېنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى.
يېڭى توي قىلغان ۋاقىتلىرىمىزدا ئايالىمنىڭمۇ ماڭا شۇنداق دېگەنلىكى غىل-پال يادىمغا يەتتى. بىلىپ تۇرىۋاتىمەن، ئايالىمغا يۈز كېلەلمەيمەن . بىراق... مەندىمۇ نېمە ئامال...
مەن ‹ئۇ› نىڭ قولىنى بېلىمدىن ئاستا ئاجراتتىم، ئۆزۈمگە قارىتىپ تۇرۇپ: ‹ئائىلە سايمانلىرىنى ئۆزىڭىز ياقتۇرغاننى سېتىۋېلىڭ، بۈگۈن شىركەتتە يەنە ئازراق ئىشىم بار ئىدى، سىزگە ھەمرا بۇلالمايدىغان بولدۇم› دېدىم. ئەسلى دېيىشىپ قويغىنىمىز بويىچە بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بازار چۆگلىمەكچى بولغانىدىم. ئۇ خاپا بولدى، دومسايغىنىچە ‹خوش!› مۇ دېمەستىن كېتىپ قالدى.
ئايالىمنىڭ ماڭا يۈز كېلەلمەيدىغان يېرى يوق، ئۆيگە كەلگىنىمدە، ئايالىم يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئاشخانىدا ئالدىراشلىق بىلەن كەچلىك تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، مەن يەنە بۇرۇنقىدەكلا تېلىۋېزورنى ئېچىپ، خەۋەر كۆرۈپ ئولتۇردۇم. تاماقمۇ ناھايىتى تىزلا ئۈستەلگە تىزىلىپ بولدى، ئىككىمىز بىللە تاماق يىگەچ،تېلىۋىزور كۆردۇق. نېمە كۆرىۋاتىمەن بىلمەيمەن ، خىيالىمدا ‹ئۇ› لا بار ، ‹ئۇ› نى خىيال قىلىش مەن ئۈچۈن ئەڭ ھوزۇرلۇق بىر ئىش ئىدى .
ئايالىمنى سىناق بېقىش نىيىتىدە ئېغىز ئاچتىم :
-مۇبادا بىز ئاجرىشىپ كەتسەك، سېنىڭچە قانداق بولار؟
ئايالىم ماڭا لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ، خۇددى بۇ ئىشنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك جاۋاب قايتۇرمىدى. مەن ئايالىمنىڭ بۇ ئىشقا نىسبەتەن قانداق ئويلايدىغىنىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن .
ئەتىسى چۈشتە ‹ئۇ› ئەمدىلا ئىشخانامدىن چىقىشىغا، ئايالىم شىركەتكە مېنى ئىزدەپ كېلىپ، ئىككىسى دوقۇرۇشۇپ قالدى. شىركەتتىكىلەرنىڭ كۆزىدىن ھېچنىمىنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايتتى.
ئايالىم نېمىلەرنىدۇ ھېس قىلغاندەك قىلدىيۇ، ئەمما بۇرۇنقىدەكلا ماڭا ۋە قول ئاستىمدىكىلەرگە كۈلۈمسىرىگىنىچە سالام قىلدى. ئايالىم كۈلۈمسىرىگەن شۇ دەقىقىلەردە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يوشۇرۇپ ئۈلگۈرەلمىگەن بىر خىل ئازابنى ھېس قىلدىم.
-ئاجرىشىڭ، بىز توي قىلايلى بۇلامدۇ؟ ،-بۇ ‹ئۇ› نىڭ ماڭا ئىككىنچى قېتىم ئېغىز ئېچىشى ئىدى. ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بېشىمنى لىڭشىتتىم. ‹ئۇ›نىڭ سۆزلىرى كاللامدىن كەتمەيتتى. ئۆيدە تاماق مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق ئەمدىلا ئۈستەلگە چىقىشىغا مەن ئايالىمنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالدىم:
-ساڭا دەيدىغان گېپىم بار،
ئايالىم ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردى ، ئىككىمىز ئۈن-تۈنسىز ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشكە باشلىدۇق. ئالدىنقى قېتىم ئايالىمنىڭ كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرغان ‹ئازاب› نى ئەسكە ئالدىم ، مانا ئەمدىلىكتە تېخىمۇ روشەن ھېس قىلىۋاتىمەن.
- بىز ئاجرىشايلى !
ئايالىم ئاددىيلا قىلىپ:
-نېمىشقا ؟،-دەپ سورىدى .
مەن مىيىقىمدا بىرنى كۈلۈپ قويدۇم.
-ياق، مەن چاقچاق قىلمىدىم. راستىنلا ئاجرىشىپ كېتەيلى.
ئايالىمنىڭ چىرايى تۇيۇقسىز ئۆزگەردى، ئۇ غەزەپ ئاچچىقى بىلەن قولىدىكى چوكىنى تاشلىۋەتتى-دە :
-ئادەم ئەمەس !، دەپ ۋارقىرىغىنىچە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
كېچە... ئۆي ئىچى جىمجىت. پەقەتلا ئايالىمنىڭ بوش ئاۋازدا يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ‹نېمىشقا› دەپ سورىغىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ ، بىراق ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشقا ئاجىزلىق قىلاتتىم.
ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسىنى ئايالىمغا كۆرسەتتىم. ئولتۇرىۋاتقان ئۆيىمىز، ماشىنا ھەم يەنە شىركەتنىڭ 30 پىرسەنت پېيىنى ئايالىمغا قالدۇرغانىدىم . ئايالىم بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن كېلىشىمنامىنى قولىغا ئېلىپ، يىرتىپ تىتما-تىتما قىلىپ، يۈزۈمگە ئېتىۋېتىپ چىقىپ كەتتى. يۈرىكىم ئاغرىغاندەك بولدى، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ مېنىڭ ئون يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن ئايالىم ئەمەسمۇ !
خېرىدارلىرىمغا ھەمرا بولۇپ، ھاراق ئىچىپ يېرىم مەس ھالەتتە ئۆيگە قايتقان كۈنۈم ئىدى . ئايالىم ئاخىرى ئاۋازىنى قويىۋېتىپ يىغلىدى. بۇ دەل مېنىڭ كۈتكىنىم ئىدى، مانا بۇ يىغا بىلەن نېمىلەردىندۇ ئازراق بولسىمۇ ئازات بولۇپ قالىدىغاندەك، يىنىكلەپ قالىدىغاندەك... ئايالىم ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ بىر نەرسە يېزىشقا باشلىدى.
مەن كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ ئۇيقىغا كەتتىم . ئەتىگىنى ئويغانغان ۋاقتىمدا ئايالىم يەنىلا شۇ ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇراتتى . ئۇ ماڭا ھېچنىمە ئالمايدىغانلىقىنى، پەقەتلا ئاجرىشىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ بىر تەلىپىگە قوشۇلۇشۇم كېرەكلىكىنى ئېيتتى . ئۇنىڭ تەلىپى ناھايىتى ئاددىي ئىدى. ئۇ بىر ئاي ۋاقىت بېرىشىمنى سورىدى، بىر ئايدىن كېيىن ئوغلىمىزنىڭ يازلىق تەتىل ۋاقتى توشسا، ! ياتاقلىق مەكتەپكە كېتەتتى، ئاجراشقان بۇ مەنزىرىنى ئوغلىمىزغا كۆرسەتكۈسى يوقلىقىنى دېدى.
ئايالىم يازغان ئاجرىشىش كېلىشىمنامىنى قولۇمغا ئالدىم . ئايالىم مەندىن :
-مېنىڭ بۇ ئۆيگە قانداق ياتلىق بولۇپ كىرگىنىم ئېسىڭىزدە بارمۇ؟،-دەپ سورىدى.
توي كۈنىدىكى ئىشلار كۆز ئالدىمغا كەلدى. بېشىمنى لىڭشىتتىم .
- توي قىلغان كۈنى، سىز مېنى بۇ ئۆيگە كۆتۈرۈپ ئەكىرگەن، ئەگەر ئاجراشساق، مېنى كۆتۈرۈپ بۇ ئۆيدىن چىقىرىپ قويۇڭ، بۇ كېلىش-كېتىشلەرگە سىز ئۆزىڭىز مەسئۇل، مەن پەقەت، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە كۈندە ئەتىگەندە ئىشقا مېڭىشنىڭ ئالدىدا، ياتاق ئۆيدىن تاكى دەرۋازىنىڭ ئالدىغىچە مېنى كۆتۈرۈپ ئەچىقىپ قويىشىڭىزنىلا تەلەپ قىلىمەن.
مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدۇم. ئايالىم مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق نىكاھىمىزنى ئاخىرلاشتۇرماقچى ۋە ياكى بۇ ئائىلىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەنلىك سەۋەبىدىندۇر دەپ ئويلىدىم.
ئايالىمنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىنى ‹ئۇ› نىڭغا ئېيتتىم . ‹ئۇ› تەنتەكلىك بىلەن كۈلۈپ كەتتى.
-بەرىبىر ئاجرىشىدىغان ئىش ، نېمە قىلار بۇنچە ئاۋارە بولۇپ. بىر ئاينى چەك قىلىپ تۇرۇپ،بۈگۈن بىرىنچى كۈننى باشلىدىم.
ئىككىلىمىزنىڭ ھەركىتى ئانچە تەبىئىي ئەمەس ئىدى . ئايالىم ئىككىمىزنىڭ بۇنچە يېقىن تۇرۇپ باقمىغىنىمىزغا ناھايىتى ئۇزۇن بوپتىكەن. ئوغلۇم كەينىمدە تۇرۇپ،كىچىككىنە قوللىرى بىلەن چاۋاك چېلىپ توۋلاشقا باشلىدى:
-دادام ئاپامنى كۆتۈرىۋالدى! دادام ئاپامنى كۆتۈرىۋالدى !
ئوغلۇمنىڭ شۇنچە خۇشال ھالدا توۋلاشلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم سەل يېرىم بولدى. ئايالىمنى كۆتۈرۈپ ياتاق ئۆيدىن مېھمانخانىغا، ئاندىن دەرۋازا ئالدىغىچە باردىم. ئايالىم قوينۇمدا كۆزلىرىنى بوش يۇمغان ھالدا پىچىرلىدى:‹ بۈگۈندىن باشلايلى، ئاجرىشىدىغاننى ئوغلىمىز ھەرگىز بىلىپ قالمىسۇن › . بىر قېتىم بېشىمنى لىڭشىتتىم، كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولدى .
ئىككىنچى كۈنى ، ئايالىم ئىككىلىمىزنىڭ ھەركىتى خېلىلا ئەركىن ئىدى. ئۇ ئەپچىللىك بىلەن ماڭا چىڭ يېپىشتى، ئۇنىڭ چېچىۋالغان ئەتىرى دىمىغىمغا يىنىك ئۇرۇلدى . ئايالىم ھەقىقەتەن قېرىپتۇ، ئۇنىڭغا بۇنچە يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ قاراپ باقمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. پارقىراق تېرىسىدە ئىنچىكە قورۇقلار پەيدا بوپتۇ.
مەن نېمىشقىمۇ ئۇنىڭ يۈزىدىكى قورۇقلارنى كۆرمىگەندىمەن؟
ئۈچىنچى كۈنى ، مەن ئايالىمنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىشىمغا، ئۇ قۇلىقىمغا ئاغزىنى يېقىن ئەكىلىپ، ھويلىدىكى گۈللۈكنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، مېنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشتىن ئېھتىيات قىلىشىمنى ئېيتتى.
تۆتىنچى كۈنى ، ياتاق ئۆيدە ئايالىمنى كۆتۈرگەن ۋاقتىمدا، مەندە ئىككىمىز ئاۋالقىدەكلا يېقىن ئەر-خوتۇنلاردەك، ئۇ مېنىڭ ئاۋالقىدەكلا ئامرىقىمدەك ھېسسىيات پەيدا بولدى. ئايالىمنى پۈتۈن مېھرىم بىلەن كۆتۈردۈم ،‹ئۇ› نىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلار بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدەك غۇۋا بىلىنىشكە باشلىدى.
بەشىنچى ، ئالتىنچى كۈنلىرى ، ھەر قېتىم مەن ئۇنى كۆتۈرگەن ۋاقتىمدا، ئۇ قۇلىقىمغا پىچىرلاپ، كىيىملىرىمنى دەزماللاپ ئېسىپ قويغىنىنى، تاماق ئەتكەن ۋاقتىمدا ماينى چاچرىتىۋەتمەسلىكىمنى...قاتارلىق ئۇششاق تەپسىلاتلارغىچە جىكىلەپ تۇردى. مەن پەقەتلا باش لىڭشىتاتتىم، قەلبىمدە ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىيات تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.
بۇ ئىشلارنى مەن ‹ئۇ› نىڭغا دېمىدىم . توساتتىن ئايالىمنى كۆتۈرگەنسىرى
ئۇنىڭ ئېغىر بىلىنمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم . بەلكىم بۇ ئۇنى كۈندە كۆتۈرگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك.
بىر كۈنى ئەتىگەندە، ئايالىم كىيىم ئالماشتۇرىۋاتاتتى، مەن بىر چەتتە تۇرۇپ ئۇنى كۆتۈرۈپ مەن چىقىشنى ساقلىدىم. ئۇ بىر نەچچە قۇر كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ، مۇۋاپىقنى تاپالمىدى-دە، ئۇھ تارتقىنىچە ، ھەممە كىيىمىنىڭ چوڭ كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ جايىدىلا ئولتۇرىۋالدى. مەن كۈلدۈميۇ،بىراق ئاخىرىغىچە كۈلەلمىدىم، بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ھېچقانچە كۈچىمەيلا كۆتۈرگەنلىكىمنى ئەسكە ئالدىم، بۇ مېنىڭ كۈچلۈكلۈكىمدىن ئەمەس بەلكى، بارلىق دەردىنى ئىچىگە يۈتكەن ئايالىمنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى.
شۇ ھامان ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىدى، ئۇنىڭ چېكە چاچلىرىنى قايرىپ تۇرۇپ، يۈزىنى سىلىغۇم كەلدى.
شۇ ئارىدا ئوغلۇم سىرتتىن يۈگۈرگەن پېتى كىرىپ:
-دادا، دادا، ئاپامنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان ۋاقتىڭىز بولدى،-دېگىنىچە بىزنى ئالدىراتقىلى تۇردى . نەچچە كۈنلەردىن بۇيان ئايالىمنى كۆتۈرۈپ ماڭغىنىم ئوغلۇمغا نىسبەتەن ئويۇن بولۇپ قالغانىدى.
ئايالىم ئوغلۇمنى تارتقىنىچە باغرىغا چىڭ باستى. مەن بۇنى كۆرۈپ تۇرۇشقا چىدىيالماي، ئانا بالا ئىككىسىگە كەينىمنى قىلىپ تۇرىۋالدىم.
مەن شۇ تاپتا بۇ قىيالماسلىقنىڭ پۇشايمانغا سەۋەب بولۇپ قېلىشىدىن قورقاتتىم.
ئايالىمنى ياتاق ئۆيدىن كۆتۈرۈپ چىقتىم، مېھمانخانا، كارىدور ، ھويلا...ئايالىم ناھايىتى تەبىئىي ھالدا قولى بىلەن بوينۇمدىن چىڭ قۇچاقلىۋالدى. خۇددى يېڭى توي قىلغان ۋاقىتتىكىدەك مەنمۇ ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ كۆتۈردۈم. ئەمما ئۇ بارغانسېرى يىنىكلەپ كېتىۋاتاتتى، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماستىن قانغىچە بىر يىغلىۋالغۇم كەلدى.
ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ، ئايالىمنى كۆتۈرگەن ۋاقتىمدا، داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدىم. ھېچ يەرگە ماڭمىدىم .
ئوغلىمىز مەكتەپكە كەتكەنىدى. ئايالىممۇ داڭقېتىپ ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى ۋە :
- ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ مېنى مەڭگۈ مۇشۇنداق قۇچاقلاپ تۇرىشىڭىزنى تولىمۇ خالايتتىم،-دېدى.
ماشىنىنى توختاتقان ۋاقتىمدا، ھەتتا ماشىنىنىڭ ئىشىكنىمۇ ئېتىشنى ئۇنتۇپ قالغىنىمچە،ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردۈم. ۋاقىت ئازراقلا ئۆتۈپ كەتسە پىكرىم قالايمىقانلىشىپ ، مۇددىئايىمنى ئۇنتۇپ قالىدىغاندەك ...
ھاسىرغىنىمچە ئىشىكنى چەكتىم، ‹ئۇ› ئۇيقۇچان كۆزلىرىنى ئېچىپ ئالدىمغا چىقتى.
-كەچۈرۈڭ، مەن ئاجراشمايدىغان بولدۇم، مەن راستىنلا ئاجراشمايدىغان بولدۇم.
‹ئۇ› گەپلىرىمگە ئىشەنمىگەندەك قىلىپ، قولىنى چىقىرىپ پىشانەمگە ياقتى:
- قىزىپ قالمىغانسىز؟
مەن ‹ئۇ› نىڭ قولىنى پىشانەمدىن ئاجراتقىنىمچە ئۇنىڭغا قارىدىم :
- كەچۈرۈڭ، مەن پەقەت سىزگە ‹كەچۈرۈڭ›لا دېيەلەيدىكەنمەن. مەن ئاجراشمايمەن. ئايالىمغا بولغان مېھرىمنىڭ ، مۇھەببىتىمنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بۈگۈن ھېس قىلدىم ، بىز توي قىلغاندا، مەن ئۇنى قۇچاقلاپ كۆتۈرگىنىمچە ئۆيۈمگە ئېلىپ كىرگەن،
ئۇ مەن ئۈچۈن ئوغلۇمنى تۇغۇپ تەربىيلەپ چوڭ قىلدى، مەن ئۇنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە قۇچاقلاپ
كۆتۈرۈشۈم كېرەك. شۇڭا ، سىزگە ‹كەچۈرۈڭ› لا دېيەلىگۈدەكمەن .
‹ئۇ› ئەمدى ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدى، غەزەپ ئاچچىقى بىلەن كاچىتىمغا بىرنى سالدى-دە ،
ئىشىكنى قاتتىق ياپتى. مەن بىنادىن چۈشۈپ، ماشىنامنى ھەيدىگەنچە شىركەتكە قاراپ ماڭدىم.
يولدا گۈلخانىنىڭ ئالدىدا توختاپ ، ئايالىمغا ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ‹ئاشىق-مەشۇقلارگۈلى› بىر دەستە زاكاس قىلدىم. گۈل ساتقۇچى قىز كارتىغا تەبرىك سۆزى يېزىپ بېرىشىمنى ئېيتتى .
مەن كۈلۈمسىرىگىنىمچە قولۇمغا قەلەمنى ئالدىم-دە،يېزىشقا باشلىدىم :
‹مەن ھەر كۈنى سېنى ئۆيدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئىشقا ئۇزۇتۇپ قويىمەن، تاكى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە...›