ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نۇرىمانگۈل ئوسمان، ئادالەت ئابدۇۋەلى خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيىتى داڭلىق شەھەر›› بولۇش ئىلتىماسى يېقىندا گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن تەستىقلاندى. گوۋۇيۈەن تەستىق جاۋاب بېرىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۇچا ناھىيەسىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيىتى داڭلىق شەھەر بولۇشىغا قوشۇلدى.
تەستىق جاۋابتا مۇنداق دېيىلدى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيەت مەزمۇنى مول، تارىخىي ئاسارە–ئەتىقىلەر كۆپ، شەھەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئەندىزىسى مۇكەممەل ساقلانغان، مىللىيچە ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك.
تەستىق جاۋاپتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە كۇچا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹تارىخىي مەدەنىيىتى داڭلىق شەھەر بازار كەنتلەرنى قوغداش نىزامى››نىڭ تەلىپى بويىچە، شەھەر قۇرۇلۇشى بىلەن تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىشنىڭ مەزمۇنى ۋە قىممىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قوغداش پىرىنسىپى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، تارىخىي مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەرلەرنى قوغداش پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە شەھەر ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، تارىخىي مەدەنىيەتلىك كوچا رايونلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى، تارىخىي ئىمارەتلەرنى قوغداش دائىرىسى ۋە قۇرۇلۇش قىلىشنى تىزگىنلەيدىغان جايلارنى ئايرىپ، قاتتىق قوغداش تەدبىرىنى بېكىتىشى، تارىخىي مەدەنىيىتى داڭلىق شەھەرلەرنى قوغداش پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مۇھىم قوغداش بۆلەكلىرىنىڭ تەپسىلىي پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ چىقىشى، پىلانلاش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك ئەنئەنىۋى قىياپەتنى نامايەن قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تارىخىي مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەرنىڭ مۇھىتى ۋە قىياپىتىگە ماس كەلمەيدىغان ھەرقانداق قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماسلىق كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسى ئەنئەنىۋى تارىخىي مەدەنىيەت كوچىلىرىنى رىمۇنت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، كونا شەھەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ، تارىخىي مەدەنىيىتى داڭلىق شەھەر ئۇسلۇبى بىلەن ماس كەلمەيدىغان ئىمارەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك چېقىپ، مەدەنىي قائىدە–يوسۇنلار، تارىخىي مەدەنىيەت بىلىملىرى ئوقۇشلۇقى تارقىتىش شەكلى ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى داڭلىق شەھەرنى تونۇش سەۋىيەسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ كۇچادىكى قەدىمىي ئىمارەتلەرنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۇچا كونا شەھەرنىڭ قەدىمىي ئۇسلۇپ –قىياپەتتىكى تارىخىي كۆرۈنۈشىنى قوغدىدى.
ئىگىلىنىشىچە، كۇچا ناھىيەسى قەشقەر شەھىرى، تۇرپان شەھىرى ۋە تېكەس ناھىيەسىدىن كېيىن دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيىتى داڭلىق شەھەر شان–شەرىپىگە ئېرىشىپ، شىنجاڭدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيىتى داڭلىق شەھەر بولۇش ئىلتىماسى تۆتىنچى بولۇپ تەستىقلانغان ناھىيە بولۇپ قالغان.
كۇچا ناھىيەسىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيىتى داڭلىق شەھەر بولۇشى، كۇچانىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائي تەرەققىياتى، شەھەر ئوبرازىنى يارىتىش ۋە كۈسەن مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي