ئىنتېر مىلانغا نىسپەتەن بۇ مۇسابىقە پەسلى بەكمۇ نەس باسقان پەسىل بولدى،كوماندىنىڭ نەتىجىسى 60 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئورۇندا تۇرماقتا.تۈنۈگۈن ئىنتېر كوماندىنىڭ تېرىنىرى رانىرىنى ئىشتىن بوشىتىپ،يىڭىلا ئىنتېر ياشلار كوماندىسىنى يىتەكلەپ،19 ياشلىقلار ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدا چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئىنتېر ياشلار كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى سىترا مىسسىئونىنى كوماندىنىڭ باش تېرىنىرلىقىغا تەيىنلىدى.
ئىنتېرنىڭ بۇ يىڭى تېرىنىرى بۇ يىل دەل 40 ياشتا بولۇپ،ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ياش ئۈچ تېرىنىرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان،ئۇ ئىنتېر كاپىتانى زانىتىدىن پەقەت ئىككى ياشلا چوڭ بولۇپ،ئۇ كوماندىنى قولىغا ئىلىپلا،كوماندىنى ياشلاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغىدى.
بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەرگە دىققەت قىلىدىغان بولساق،ئىنتېردىكى پىشقەدەم غوللۇق توپچىلارنىڭ يىشى ئاساسەن 30 ياشتىن يۇقىرى،نۆۋەتتە ئىنتېردىكى توپچىلار ئارىسىدا،پاچىنى،سىننىدىر،ناگاموتودىن باشقىلار ئاساسەن چىكىنىش يىشىغا يىقىنلىشىپ قالدى، ئىنتېر ھەقىقەتەن ياشلاشتۇرۇشقا موھتاج.
«مىلان تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئىنتېرنىڭ يىڭى تېرىنىرى ياشلار كوماندىسىدىن 8 نەپەر پۇتبولچىنى بىرىنچى كوماندىغا ئەپكەلمەكچى ئىكەن،بۇنىڭ ئىچىدە بۇرۇنقى باش تېرىنر رانىرى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىۋاتقان ياش توپچىلارمۇ بار.بۇلارنىڭ ئىچىدە پولى ۋە ئوبى قاتارلىق ياش توپچىلار تېخمۇ كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشىشى مومكىنكەن.ئىنتېرنىڭ موداپىئە سىپىدە بولسا رانوكىيا،خوئەن قاتارلىق توپچىلارغا تىخمۇ كۆپ پۇرسەت بىرىلىدىكەن.
بۇلاردىن باشقا يەنە يىڭى باش تېرىنىرنىڭ نەزىرىدىكى ياش توپچىلاردىن كېرسىدىگنىڭ بىرىنچى كوماندىغا چىقىش ئىھتىماللىغى يۇقىرى بولۇپ،ئۇ نۆۋەتتە ئىتالىيدە يىتىشىپ چىقىۋاتقان ئۈمىدلىك پۇتبولچى بولۇپ،ياۋرۇپا 19 ياشلىقلار چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدا ئۇنىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى بولدى،ھەمدە مۇسابىقىدە موھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.ئىلگىرى ئۇ بىر قانچە قىتىم بىرىنچى كوماندا بىلەن بىللە مەشىقلەندۈرۈلگەن بولسىمۇ،بىراق مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەندى،بۇ قىتىم ئۇنىڭغىمۇ پۇرسەت كىلىشى مومكىن.
ئىنتېردىكى بۇ ياش توپچىلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنىشىگە ئەگىشىپ،بىر ئەۋلات پىشقەدەم توپچىلار بەلكىم بۇ يىللىق قىشلىق يۆتكىلىشتە كوماندىدىن ئايرىلىشى مومكىن.
نۆۋەتتە ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىشىقا يەنە 9 ئايلانما قالدى،بۇ يىڭى تېرىنىر كوماندىنى يىتەكلەپ،ئىنتېرنى بىرلەشمىدە ھازىرقىدىن ياخشىراق نەتىجىگە ئىرىشتۈرەلەمدۇ؟بۇنى ئالدىمىزدا كۆرىمىز.
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى:نۇر تورىدىكى توپچى يەنى مەن بۇ مۇنبەردىكى توپچى