يەر سېتىش
(ئىتوت)
(1) . ئىمىناخۇن – ھۇرۇن دېھقان ئايشەمخان-- ئىمىناخۇننىڭ ئايالى
مەمىتاخۇن -- مەھەللى باشلىغى قادىر -- كەنت شۇجسى
رۇزاخۇن – بۇغالتىر ئوسمان چۇتا- تىجارەتچى
(ئىمىناخۇننىڭ ھويلىسى)
ئايشەمخان: ئۆيدىن چىقىپ ھورۇنلۇق بىلەن ئەسنەيدۇ، ئىمىناخۇن بىر خالتا ئوت كۆتۈرۈپ كىرىدۇ . ئىمىناخۇن: - ئايشەمخان.... ھوي خوتۇن ...
ئايشەمخان: ھوي.. ھە...ھە...مانا...مانا
ئىمىناخۇن: يائاللا...يائاللا.... ۋاي ئالغىنەۋە مانى...
مانا...مانا.. ئوھ...ۋاي شۇ ئېشەك دېگەن قۇتا بوشۇنۇپ كېتىپتىكەن، ئا مامۇت سالپاڭنىڭ قۇنىقىنى چەيلىۋېتىپتۇ، ئا تىللاقىز يەنە ئەتتىگەندە يوتقانغا سىيىپ قويۇپتۇ، ئا ئالتۇنقىزنىڭ قىززىتمىسى تېخى يانماپتۇ، ئا ئەيسا قارىنىڭ ئىچى سۈرۈپ قاپتۇ، ئا سىدىقھاجى باغۇ ئاغرىق پاقلاننى قوينىغا سېلىپ يېتىپتىكەن، ماياقلاپ قويۇپتۇ.
ئىمىناخۇن: يەنىچۇ...يەنىچۇ، يەنە نېمە ئىش بوپتۇ، ئەتىگەندە سېنىڭ ئاغزىڭدىن بىر ياخشى گەپ چىقمامدا، ئەتىگەندە قوپۇپ ئا ئېشەكنى چىڭ باغلا دېسەم لاپشىيىپ ياتقانسە، بولمىسا بوشۇنۇپ كېتەمتىۋا... ئېشەك.
ئايشەمخان: ما ئوتنى بىر دەمدە ئەپكىرىپسىلە، ئا خەقنىڭ ئەپ قويغان ئوتىنى ئوغرىلاپلا كىرگەن ئوخشىمامسىلە.
ئىمىناخۇن: ھەي تولا كاپىلدىماي ئەكىرىپ ئا ئۇلاققا سېلىپ بىرە ماڭ.
ئايشەمخان: بۇ ئوت بىلەنغۇ ئۇلاقنىڭ قۇسۇغىنى گوللامىز، بىراق ئا ئېتىزدىكى كېۋەزنىڭ ئوتىنى ئالمىساق بولماس.
ئىمىناخۇن: ئاغزىڭنى يۇم، نېمانداق قىلىدۇ ماۋۇ، ماڭە بى يەيدىغان بىنمە باما.
ئايشەمخان: ئۆيدە چامغۇردىن باشقا نەرسە يوقكەن، سۇيقاش ئەتكەن.
ئىمىناخۇن: سۇيقېشىڭنىمۇ بولسىمۇ ئەچىقمامسەن ئەمسە. (سۇنايلىنىپ ياتىدۇ) ۋايجان ئۇھ ....
(2). ئايشەمخان: ھە ماقۇ، ماقۇ، مانا (ئاشنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ)، ھە قوپسىلا دەيمەن، ما ئاشلىرىنى ئىچسىلە.
ئىمىناخۇن: ھە ئەچىقتىڭما، ھەي قېتىپ قاپتۇغۇ بۇ سۇيقېشىڭ.
ئايشەمخان: ئوت ئۆچۈپ قاپتۇ، ئا ئوتۇنمۇ يوقكەن.
مەمىتاخۇن: ئۆھۆ (سىرتتىن مەھەللە باشلىغى كىرىپ كېلىدۇ)، ھوي ئىمىناخۇن ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يا ئاللا، ھەي بۇ ئەتىگەنلىكمۇ، يا چۈشلۈك تاماقمۇ بۇ.
ئىمىناخۇن: قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىلە مەمىتاخۇن، بىز ئەمدى ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك دەپ ئولتامايمىز، قاچان قوسىغىمىز ئاشسا يەلىۋېرىمىز.
مەمىتاخۇن: ھەيييي...ئا كېۋىزىڭلىنى تېخى ئوتاپ بولالماپسىلىغۇ؟
ئايشەمخان: ۋاي شۇ ما ئىمىناخۇننىڭ مىجەزى يوق، ئېتىزغا چىقالمىغان مەمىتاخۇن.
مەمىتاخۇن: ئا ئىمىناخۇنغۇ شۇ ئىشنى كۆرسە ئاغرىپلا قالىدىغان بىر ئادەم، شۇ كېۋەزلەر سېلىنىڭ بولۇپ قالغىنىغا قانچىلىك پۇشايمان قىپ كەتكەندۇ – ھە؟ ئايشەمخان مەن سېلىگە دەپ قوياي –بۈگۈن باھالاش بار، ئەگەر يەنە ئوتاپ بولالمىساڭلار بۇرۇنقىدەك يەنە جەرىمانە تۆلەيسىلە جۇما.
ئىمىناخۇن: ۋاي..ۋۇي، ھە دېسىلا جەرىمانە - جەرىمانە دەيدىكەن، ھوي مەن بىر جەرىمانە تۆلەپ باقمىغان ئادەم ئەمەس، تولا پوپوزا قىلماڭلا مەمىتاخۇن.
مەمىتاخۇن: ھەي ..ھەي.. بۇنچىۋالامۇ دەپ كەتمەڭلا، قاغىنى نېمە قىلساڭلا قىلمامسىلە (سىرتقا ماڭىدۇ)
ئايشەمخان: ھاي، ھاي، مەمىتاخۇن ما بالىنى باشلاپ چىقاي، ھەممىمىزچۇ ئى ئىمىناخۇنمۇ چىقىدۇ، بىر دەمدىلا ئوتىۋاتىمىز ئۇ ئوتنى.
مەمىتاخۇن: ئۇنداق بولسا مۇنداق بولسۇن ئايشەمخان، ئا باھالاش سېلىنىڭ ئېتىزغا بېرىپ بولغۇچىغۇ ئۇتاپ بولاسىلە، ھە ماڭا قاراڭلا بىزدىغۇ گەپ يوق، گەپنىڭ ھەممىسى ئا باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىدا ئەمەسمۇ.
ئايشەمخان: ۋاي شۇ باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىنى يەنە شۇ ھېمىت مۇدىر چىقا ئۇ ئادەمگە گەپ قىلماق ئاسان ئۆتكۈزۈۋاتىمىز ئۇنى.
مەمىتاخۇن: ئايشەمخان بۈگۈنكى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى باغۇ قادىر شۇجى جۇما.
ئايشەمخان: قادى شۇجى..
ئىمىناخۇن: ۋاي قادى چوڭ باھالاشقا چىقمايتىغۇ؟
(3). مەمىتاخۇن: ھاي ھاييييي، ئۇنى دېسە بۇنى دەيدىكەنسىلە، نېمە قىلساڭلا قىلىڭلا، كارىم يوق مىنڭكى (چىقىپ كېتىدۇ)
ئايشەمخان: ھەييييي، قادى شۇجى...قادى شۇجى چىقسا قانداق قىلدۇق ئەمدى.
ئىمىناخۇن: ھەممىسى سېنىڭ كاساپىتىڭ، دۆت خوتۇن.
ئايشەمخان؛ ۋەي، ۋەي، ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى دەپ كۈچلىرى ماڭا يەتتىمۇ ئەمدى – ھە؟ ھېي..ئۆزلىرى چۈش بولغىچە ئۇخلاپ لاپشىيىپ ياتقىچە، خەق چىققاندا سېلىمۇ چىقسىلا بولمامتى شۇ ئېتىزغا.
ئىمىناخۇن: ۋىيەي، مەن لاپشىيىپ ياتقان بولسام، سەن قوپۇپ نېمىشقا چىقمايسەن شۇ ئېتىزغا.
ئايشەمخان: ۋاي..ۋاي..ۋاي.. ما ئۇلاغلىنىڭ ھەممىسى ئېغىلغا سىيىۋېيىپتىكەن، توپا تاشلاپ قۇرۇقدىدىم، ئا قازان - قۇمۇچنى چىۋىن بېسىپ كېتىپتىكەن يۇدۇم.
ئىمىناخۇن: ھەي، ئاشۇ ئىشلارنى بۈگۈن قىلمىساڭ، ئى بى كىندىكىڭ ئىشىىشىپ قالامداۋا سېنىڭ.
ئايشەمخان: ما ئۆيدىكى جانىۋار بىلەن ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ قورسىقى ماڭا ئاتىقلىق تۇرسا.
ئىمىناخۇن: ئۇنى دېسە بۇنى دەيدۇ، بۇنى دېسە ئۇنى دەيدۇ، ھەي سېنىمۇ خوتۇن كىشى دېگىلى بولامداۋا.
ئايشەمخان: ۋېي..ۋېي ۋېي ۋېي، گەپ قىلمىسام مۆڭمىكىن، جىم تۇرسام دۆڭمىكىن دەپ قاللىما؟ ۋېي، قېچىپ قويسام قوغلاۋىرىدا ئادەمنى، ھە ئۇرۇپ باقسىلا، ھە ئۇسىلا قېنى، ھە ئۇسىلا.
ئىمىناخۇن : بىر قويىمەن ھېلى؟
ئايشەمخان: (يالغان يىغلايدۇ) ھىىىىىىىىىىىىىىىى...
ئىمىناخۇن: ئىسىت، ئىسىت، ئەجەبمۇ زېرىكتىم بۇ دىخانچىلىق دېگەندىن، ئا بىزنىڭ مەھەللىدىكى تۇدى قاپاقمۇ چوڭ شەگە چىقىپ ئاشخانا ئېچىپتىكەن شۇنداق بېيىپ كېتىپتۇ دەيدۇ، ھە راست، ئۆتكەندە بىر كۈنى بى كولدوروڭ شالى ماشىنىنى ھەيدەپ كىلىپ، يېنىمغا غىچچىدە توختىتىپ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئىمىناخۇن..دەپ مېنى زاڭلىق قىپ كېتىپتۇ قارا، ھەي مەن بى ئەشىنچىلەكمۇ بولالمەسمەنما زادى؟
ئايشەمخان: ھەي، ئۇ تۇدى قاباق ئاشپەزلىك قىلالايدىغان تۇرسا.
ئىمىناخۇن: ئىشىڭنى قىلەۋە، نەدە ئۇنىڭ ئاشپەزلىكتىن خەۋىرى بار؟ ئەڭ مۇھىمى ئا شەھەرگە كىرىپ تىجارەت قىلسا پۇل تاپماق ئاسان دېگەن گەپ ماۋۇ، قارا ئا تۆت بالىسىنى گۈلدەك بېقىۋاتمامدا، بىزنىڭچۇ بىرسى چىشقاق، بىرسى سىگەك، بىرسىمۇ كاغا كەلمەيدۇ ئۇ گۇيلىنىڭ.
(ئاخىرى بار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-28 11:25