(كەچۈرۈڭلار، ئەسلى مۇكاپاتلىق سەھىپىگە يوللاي دېگەن، بىراق شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالىمىدىم، خىجىلمەن)
بېيجىڭدا نورۇز ئۆتكۈزگەن
شۇكۈنلەرنى سېغىندىم
ئۆمەرجان ئىسمائىل ئارتۇچى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ21-كۈنى، بېيجىڭ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قورۇسى.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم،نورۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
-بىرگەبولسۇن.
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ، ئىدارەئىشخانىسى.
ھەممەيلەن خۇش ياقمىغان ھالدا ئىشخانىغا كىرىپ «كەلدىڭلارمۇ» دېيىشىپلا كومپىيۇتېرىنى ئىچىشىپ، تورغا سىڭىپ كەتتى.
بۇرۇن بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ھېيىت-بايراملارنى بولۇپمۇ نورۇزنى يۇرتۇمدا ئۆتكۈزۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس» دېگەندەك ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپلا يۇرتىمىزدىكى بىر ئىدارىدىن خىزمەت تاپتىم. كۆڭلۈم شۇنداق خاتىرجەم بولدى. خىزمەت تاپقانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى تۈرلۈك بايراملارنى يۇرتۇمدا ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىمدىن كۆڭلۈم ئىللىق سىزىم ئىلكىدە دولقۇنلاندى.
خىزمەتكەچىقىپ ئاران ئىككى ئاي تولغان قۇتلۇق كۈنلەردە يەنى مارت كۈنلىرىدە خانىم-قىزلاربايرىمى بولۇپ ئۆتتى. ئاندىن 21-نەۋرۇزدا مەن ئىچكىرىدە مىللىيچە ئۆتكۈزۈپ كۆنۈپ قالغان نورۇز بايرىمى يېتىپ كەلدى. بۇنىڭدىن يۈرۈگۈم تىپچەكلىدى. مەن نەۋرۇزكۈنىدە يۇرتداشلار ئۆز-ئارا تەبرىكلىشىپ، بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزۈشكە تەشنا بولۇۋاتاتتىم. نەۋرۇزغا ئاز قالغان كۈنلەردە مەن تۇغۇلغان سەھرادا ئالدىنئالا نورۇزلۇق پائالىيەت خەۋىرى ئاڭلاندى. مەن گېزىتخانىنىڭ مۇخبىرى بولغاچقا، شۇ كۈنى بۇرۇنلا پائالىيەت نەق مەيدانىغا باردىم. كۆردۈمكى، پۈتۈن پائالىيەت سەنئەت نۇمۇرىلا بولۇپ، ئاقساقاللارغا، سېخى بايلارغا تون كەيدۈرۈش مۇراسىمى ئوتتۇرىغا قىستۇرۇلۇپتۇ. شۇنچە كەڭ مەيدان تۇرۇپ، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، ئارغامچا تارتىش،چىلىشىش...دېگەندەك نورۇز پائالىيەتلىرى يوق ئىكەن. نورۇز ئېشى پىشىۋاتقان قازاننىڭ يېنىغا باردىم. كۆڭلۈم بىئارام بولدى. چوڭ قازاندا پىشۋاتقان نورۇزئېشىدا توققۇز خۇرۇچ كەم ئىدى، ئاش ئۈستىدە چىلان دېگەندەك مېۋىلەرنىڭ قىزىل يۈزىنى كۆرگىلى بولمايىتتى.
ئىچىمدەدېدىم: بۇ پائالىيەت شەكلەن ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. يىل بېشى بەلگىسى بولغان نورۇز كۈنىدەئامما تولۇق قاتنىشالايدىغان پائالىيەتلەر نېمىشقا كەم؟ سەنئەت نۇمۇرلىرى تېلېۋىزىيەدە ئازمۇ؟ نورۇز ئېشىغا نېمىشقا بەخت-سائادەتكە سىمۋۇل قىلىنىدىغان خۇرۇشلار تولۇق سىلىنمىدى......
19-چىسلائىشقا چىقتىم. سەھرايىمدىكى نورۇز پائالىيىتى يېزىلغان سۈرەتلىك خەۋىرىمنى خەنزۇچەگېزىتكە بەرمەك بولۇپ مۇخبىرلار بۆلىمىگە كىردىم. مەن بىلەن قۇرداش خەنزۇ يىگىت خەۋىرىمنى كۆرۈپ، «نورۇز» دېگەن نېمە پائالىيەت ئۇ؟، دېمەسمۇ يۈرۈكۈم تىلىنىپ كەتتى. بىر قېتىم ئىدارىدا بىر گەپ بولۇپ بىرەيلەن «ئۈستىدە ئۇيغۇرچە خەت بولسىلامۇسۇلمانچە بولامدۇ» دەپ سورىغىنىدىن شۇنداق تىرىككەن ئىدىم ھەم بۇنداق ئىشلارغاكۆنۈپ كەتكەنمۇ بولدۇم. شۇنىڭدىن بېرى، شۇنداق چۈشەنمىگۈچىلەرگە دەل ۋاقتىداچۈشەندۈرۈش بېرىپ كېلىۋاتىمەن.
كۈنلەرئۆتۈپ نورۇز يېتىپ كەلدى. مەن ئەتىگەندە ئىشخانىغا كىرىپ، ئۆزۈم مەسئۇل بولىۋاتقان نورۇزلۇق ئەدەبىي بەتنىڭ غىمىگە چۈشتۈم. نورۇزغا ئاتالغان ھەربىر شېئىرنى ئوقۇسام نورۇزتەبىئەتكە ئەمەس مېنى يېشىللىق سەزگۈسىدە غىدىقلاۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.
ئىشىككە تەلمۈرۈپ تۇردۇم. خىزمەتداشلار كەلدى. «كەلدىڭىزمۇ» دەپلا ھارغىن ھالدائورۇنلىرىدا ئولتۇرۇشتى. ئۇلار خۇددى يۈرۈكۈم ئۈستىدە ئولتۇرۇۋاتقاندەك يۈرىكىمسىقىلدى-دە، خىيال كەپتىرىم ئالدىمىزدا دەبدەبە بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن 8-مارت كۈنى شېخىغا قوندى.
-خانىم-قىزلاربايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن،-دەپ قۇرۇقلا تەبرىكلەشتۇق ئىشخانىدىكى ئەر زاتى ئىككەيلەن خىزمەتداش خانىم – قىزلارنى. سوۋغا گۈللەر ئەۋەتىلىشىپ، تەبرىكلەرئۈزۈلمەي ئىشخانا قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۈمدى. قىزلار خۇددى باھاردىكى قالىغاچلاردەك كۈن بويى بىر-بىرىنى تەبرىكلىشىپ خۇشال ھالدا ئۆيىگە قايتىشتى. مەنمۇئۇلارنىڭ بۇ خۇشاللىقىدىن بايرامنىڭ ئىنسان پىسخىكىسىغا بولغان ئىجابىي تەسىرىنى تونۇپ يەتتىم.
ئىشقىلىپ،بۇ قېتىمقى نورۇز بايرام بولمىغان كۈنلەردىنمۇ تىنىچ، شۇنداق تىنىچ بىچارىلەرچە ئۆتۈپ كەتتى. ئىشخانىدىكى بۇرۇختۇمچىلىقتا مەن پەقەت تور دۇنياسىدا نورۇزئۆتكۈدۈم. ئەنئەنىۋى بىر بايرامنىڭ مۇشۇنداق قەدىرسىز ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن بېيجىڭدائۆتكۈزگەن نورۇز خىيال ئىكرانىمدا قايتىدىن زاھىر بولۇپ ماڭا تەسەللىي بەردى.
21-چىسلا مەكتەپ يىرىم كۈن قويۇپ بېرەتتى. چۈشتىن كېيىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، كادىر-دېھقانلاربولسۇن (بېيجىڭدا ئەلۋەتتە ھەر ساھە كىشى تېپىلىدۇ) بېشىغا بادام-چىمەن دوپپىلىرىنى كېيىشىپ، مەكتەپنىڭ كەڭ سەيناسىغا يىغىلاتتى. نورۇزنامە ئوقۇلۇپ،مەردانە يىگىتلەرنىڭ مەردانە ساماسى باشلىناتتى. ئارقىدىن ئارغامچا تارتىش،چىلىشىش، مۇشائىرە.... قاتارلىق مول-مەزمۇنلۇق پائالىيەتتىن كېيىن، بېيجىڭداياشاۋاتقان كىشىلەر ئەتكەن نورۇز ئېشىغا ئېغىز تېگىشەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن سەنئەت نۇمۇرلىرى باشلىناتتى. ئەلۋەتتە، دائىم كىتاب سېتىش، پۇتبول مۇسابىقىسى دېگەندەك ئىشلار پائالىيەتتىن كەم قىلىنمايىتتى.
ئەڭ مۇھىمى21-چىسلادىكى تاڭ سەھەر «نورۇز مۇبارەك» دېگەن مۇبارەك سۆز بىلەن ئوڭۇشلۇق باشلىناتتى. باشقا مىللەتلەر بىزگە ھەۋەس قىلىپ، بىرگە پائالىيەتكە جۆر بولاتتى.
ئەپسۇس،يۇرتۇمدىكى نورۇزدا ياقا يۇرتتىكى نورۇز كۈنىدەك ھەقىقىي خۇشاللىقنى ھېس قىلالمىدىم. ئۇياقتا ئۇيغۇرلار ئاشىق-مەشۇلار بايرىمى دېگەندەك بايراملارنى ئۆتكۈزۈشنى بايقۇت قىلىپ، مىللىي، ئەنئەنىۋىي بايراملارغا كۈچەۋاتقان ئەھۋالدا، يۇرتۇمدىكى كىشىلەرنىڭ شۇ بايراملارنى ھېچبىرمۇددىئاسىز ھالدا «تەنتەنىلىك» ئۆتكۈزىشى نېمىسى ئەمدى؟
بولسا ھەممە بايراملار ئۆز ئەھمىيىتىدە مەنىلىك ئۆتسە؛ بايراملاردا مىللىي ئەنئەنە قويۇق گەۋدىلەنسە؛ بايراملار بۈگۈنكىدەك ئاسايىشلىق كۈنلەر بىلەن زىچ گىرەلىشىپ، ئاۋام شادلىققا چۈمسە نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە!
نورۇز بوۋا!مەن بۈگۈن سىز ماڭا سوۋغا قىلغان تۇيغۇ بىلەن باھار ئەگىزلىرى شارىلداپ ئېقىۋاتقان ئېقىنلارغا، بىخ سۈرگەن دەل-دەرەخلەرگە، پارلاپ تۇرغان قۇياشقا قاراپ نورۇز پەيزىنى،يۇرتۇم نورۇز پەيزىنى سۈرۈۋاتىمەن. سىزگە ئوخشاشلا نورۇز ئەھلىگە يېڭى يىلدا يېڭى ھاسىلات، سالامەتلىك، بەخت تىلەيمەن.