ئەل ئالقىشلىغان دېھقان كەشپىياتچى
جاپپار يۇنۇس
قاراقاش ناھىيەسىدە ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەجرى بەدىلىگە يېڭى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى كەشىپ قىلىپ، يېزىلاردىكى جاپاكەش دېھقانلارنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى ۋە يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بىر تۆھپىكار ياش كەشپىياتچى بار. ئۇ قاراقاش ناھىيەسى قاراقاش بازىرى يېڭىشەھەر ئاھالە كومىتىتى 3-مەھەللىدىكى ياش دېھقان كەشپىياتچى مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا بولىدۇ.
ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك ماشىنا سايمانلىرىنى ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا بېرىلىپ ئىزدىنىپ، ئۆگىنىش بىلەن تەكرار تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ‹‹ئۈچ يۇلتۇز›› ماركىلىق پۈتۈن ئاپتوماتىك بۇغداي سوقۇش ماشىنىسى (دان ئايرىش ماشىنىسى)، ‹‹ئۈچ يۇلتۇز›› ماركىلىق قۇرۇق يەل-يېمىشنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسى قاتارلىق يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى كەشىپ قىلىپ، پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، دېھقانلارنىڭ خامان ئېلىشى تەس بولۇش، ياڭاق، چىلان، گۈلە قاتارلىقلارنى دەرىجىگە ئايرىشتا ئادەم كۈچى كۆپ كەتكەچكە، دېھقانلارنىڭ قۇرۇق يەل-يېمىشتىن ئالىدىغان پايدىسى تۆۋەن بولۇپ قېلىش قاتارلىق قىيىن ھەم قولايسىز شارائىتىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى.
مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا 1984-يىلى 5-ئايدا قاراقاش ناھىيەسىگە قاراقاشلىق قاراقاش بازىرى يېڭىشەھەر ئاھالە كومىتېتى 3-مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. دادىسى ئابدۇللا مۇھەممەد بىلەن ئانىسى قەمەرخان ئەخمەت ئوغلى مۇھەممەدئىمىننى كىچىكىدىن باشلاپ زېرەك، ئەقىللىق تەربىيەلەش ئۈچۈن، ئوزۇقلاندۇرۇش بىلەن ئىلمىي تەربىيەلەشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى. ئۇنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ، يېڭىدىن بارلىقا كەلگەن تەرەققىياتلارنى كۆرسەتتى.ئۇ ئەنە شۇنداق ئەتراپلىق تەربىيە ئارقىلىق تەربىيەلەندى. مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا باشلانغۇچ مەكتەپتىن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ياخشى ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولسىمۇ لېكىن، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە ئوقۇش شارائىتىغا ئېرىشەلمىدى. ئۇ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بەرگەن پارچە پۇللارنى يىغىپ، ‹‹يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن››، ‹‹ئېدىسون››، ‹‹فارابى››، ‹‹نىيوتۇن›› قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىنغان پەن-تېخنىكىغا ئائىت كىتابلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ كەشپىيات، تەتقىقات جەريانلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى ھەمدە ئۆزىدە بېرىلىپ ئىزدىنىش روھى، يېڭى كەشپىيات يارىتىش ئېرادىسىنى تۇرغۇزدى. يەنە تىنىم تاپماي ئۆگەندى.جىسىملارنى مىخانىك ھەركەت قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلدى. دادىسى ئابدۇللا مۇھەممەد پارتىيەنىڭ يېزىلارغا قارىتىلغان يېزا ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىلھامى بىلەن ھۈنەر-كەسىپ ئىگىلەپ،2000-يىلدىن باشلاپ،قاراقاش ناھىيە بازىرىدا تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ئاچقانىدى.مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا 2003-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە دادىسىغا شاگرىت بولۇپ، دادىسىدىن تىراكتورلارنىڭ كوزۇپ(توچەي، شال تىلىش ھەرىسىنى ياساشنى ئۆگەندى. كېيىنچە كىچىك تىپتىكى ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، قوناق تىكىش ماشىنىلىرىنى ياساشنى ئۆگەندى.
مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمى ۋە بانكىدىن قەرز ئېلىش ئارقىلىق 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ جۇغلاپ، 2008-يىلنىڭ بېشىدا قاراقاش ناھىيە بازىرىدىن 36 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە دۇكان ئىجارە ئېلىپ، كىچىك تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياساش ۋە رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىنىسى مۇھەممەدئۆمەر ئابدۇللا بىلەن مۇھەممەتتوختى ئابدۇللانى شاگرىتلىققا قوبۇل قىلىپ، قاراقاش ‹‹ئۈچ يۇلتۇز›› يېزا ئىگىلىك سايمانلىرىنى ياساش ۋە رېمونت قىلىش دۇكىنى ئاچتى. مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا 2008-يىلنىڭ بېشىدىن 2009-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە چوڭ-كىچىك تىراكتورلارنىڭ كوزۇپ، شال تىلىش ھەرىسى، يېرىم ئاپتوماتىك دان ئايرىش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ياساپ سېتىش كەسپىدىن 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ساپ كىرىم قىلدى.
ئۇنىڭ قولىغا پۇل كىرىۋىدى، ئۇ دېھقانلارنىڭ قىيىن شارائىتىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا ھەمدە چوڭراق بىر ئىشنى قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جەمئىيەتنى ماھىرلىق بىلەن كۆزەتتى. ئۇ ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ تەشەببۇس خوتەن ۋىلايىتىدە، بولۇپمۇ قاراقاش ناھىيەسىدە تېز ئەمەلىيلىشىپ، ناھىيە بويىچە دېھقانلار 300 مىڭ مودىن كۆپرەك كۆلەمگە ئىگە ياڭاقلىق باغ، چىلانلىق باغ، ئۆرۈكلۈك باغ بىنا قىلغانلىقىنى، ياڭاق، چىلان، گۈلە-قاقتىن ھوسۇل ئالغان دېھقانلار قۇرۇق يەل-يېمىشلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكى ئۆلكە بازارلىرىغا ئاپىرىپ سېتىشنى ئويلاپ، ياڭاق، چىلان، گۈلە قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى ئادەم كۈچى بىلەن 1-، 2-، 3-دەرىجىلەرگە ئايرىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدى. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قۇرۇق مېۋىلەرنى دەرىجىگە ئايرىغاندا ئادەم كۈچى كۆپ، ۋاقىت ئۇزاق كېتىپ، چىقىم كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە، دەرىجىگە ئايرىشتا بەزى خاتالىقلار ساقلىنىپ، دېھقانلارنىڭ يەرلىك، ئالاھىدە قۇرۇق يەل-يمىشلىرىنى كوزۇر مەھسۇلات، داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇش، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە خەلقئارا بازارلارغا كىرگۈزۈشكە تەسىر يېتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ تۈۋەن بۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدى. مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا دېھقانلارنىڭ بۇ قىيىن شارائىتىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ قۇرۇق مېۋىلەرنى ئاپتۇماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇ 2010-يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ كەشپىيات بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشتى. مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا شۇ يىلى 1-ئايدىن 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى، بېيجىڭ، شاڭخەيلەردىكى زاۋۇت ۋە شىركەتلەرگە بېرىپ، ھەرخىل ئىلغار ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى ياساش جەريانىنى كۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيىتتى.توردىن ئۇچۇر كۆردى.بىراق ئۆزى ئويلىغان قۇرۇق مېۋىلەرنى ئاپتۇماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسىنى ئۇچراتمىدى. ئۇ ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپ، قۇرۇق مېۋىلەرنى دەرىجىگە ئايرىشنىڭ بىر بوشلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدى.
مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا 2010-يىلى 4-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئەتراپلىق ئىزدەندى. بۇ خىل ماشىنىنى ياساشقا دائىر پەن-تېخنىكا كىتابلىرىنى سېتىۋېلىپ، مېخانىك ھەرىكەت ۋە ئۇنى گۇرۇپپىلاش قاتارلىق بىلىملىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆزىدە دەسلەپكى قەدەمدە پۇختا نەزەرىيەۋى ئاساسنى تۇرغۇزدى. ئۇ ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋىلايەتلىك ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پاتېنت مۇلازىمەت ئورنىدىكى خادىملاردىن لايىھەلەش، چېرتىيوژ سىزىش جەھەتتە مەسلىھەت ئالدى. ئۇ تالاي كۈنلەرنى تۈنلەرگە ئۇلاپ، كېچىنىڭ يېرىمىغىچە، بەزى ۋاقىتلاردا ئاۋال ئاخشامدىن تاڭ سەھەرگىچە كىرپىك قاقماي ئىزدىنىش، كەشىپ قىلىش، كەشىپ قىلغان يېڭى ماشىنىنى تەكرار تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق 2010-يىلى 4-ئاينىڭ بېشىدىن 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە جاپالىق ئىزدىنىپ، ‹‹قۇرۇق مېۋىلەرنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسى››نى كەشىپ قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئۇ، بۇ ماشىنىغا ‹‹ئۈچ يۇلتۇز ماركىلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسى›› دەپ نام بەردى.
بۇ ماشىنا پولات، چويۇن، ئاليومىندىن ياسالغان ھەرخىل ئايلانما ئوق، چىشلىق چاق، ئېلېكتىرموتور قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، ئېلىكتىرماتوربىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. دېزىل ماتورى بىلەنمۇ ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 3.75 مېتىر، ئېگىزلىكى بىر مېتىر، ئېغىرلىقى 381كىلوگىرام بولۇپ، سائىتىگە چىلاندىن ئىككى توننا، ياڭاقتىن 1.5 توننا، گۈلىدىن 1.8 توننا دەرىجىگە ئايرىيالايدۇ. توك سەرپىياتى تۆۋەن. قۇرۇق مېۋىلەرنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى: تەننەرخى ئەرزان، ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى، ھەرىكەت قىسىملىرى يېپىق ھالەتتە بولۇپ، بىخەتەر، مۇھىت بۇلغىمايدۇ، بىر ئادەم مەشغۇلات قىلالايدۇ. يۆتكەشكە ئەپلىك، ھەرىكەت قىسىملىرىنى ئاپتوماتىك كونترول قىلغىلى بولىدۇ.بەش يىلدىن يۇقۇرى چىدامچانلىققا ئىگە.
ئۇ، بۇ ماشىنىنىڭ چېرتيوژىنى ھەم ماشىنا مودېلىنى 2010-يىلى 10-ئايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىغا يوللىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشى ئارقىلىق 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ‹‹ئۈچ يۇلتۇز ماركىلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسى›› دۆلەت ئەقلىي مۈلۈك ئىدارىسى تەرىپىدىن پاتېنت ھوقۇقىغا ئىرىشتى.مۇھەممەتئىمىن ئابدۇللا كەشىپ قىلغان «ئۈچ يۇلتۇز ماركىلىق قۇرۇق مىۋىلەرنى ئاپتۇماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسى›› كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ جايدىكى دېھقانلار يەرلىك، ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان ياڭاق، چىلان، گۈلە قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دەرىجىگە ئايرىپ، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە خەلقئارا بازارلارغا كىرگۈزۈپ، كوزېر مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى باھادا سېتىپ، ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.بۇنىڭ بىلەن ئاددىي دېھقانلاردىن پوللېكلاردىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەسكەرلىرىگىچە ھەممەيلەننىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى.
نەتىجىدە ياش كەشپىياتچى مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا 2010-يىلى 7-ئايدىن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزى كەشىپ قىلغان ‹‹ئۈچ يۇلتۇز›› ماركىلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسىدىن 412يۈرۈش سېتىپ چىقىرىپ، 386 مىڭ 100 يۈەن ساپ پايدىغا ئېرىشتى.
ياش كەشپىياتچى مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا ئىنىلىرى مۇھەممەت ئۆمەر ئابدۇللا، مۇھەممەدتوختى ئابدۇللا بىلەن بىلەن بىرلىكتە بۇ ماشىنىنى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. بۇ يېڭى ماشىنىنىڭ كەشىپ قىلىنغانلىقىنى بىلگەن دېھقانلار بەس-بەستە ماشىنا سېتىۋېلىش توختاملىرىنى تۈزۈپ، ماشىنا سېتىۋېلىشقا كىرىشتى. ‹‹ئۈچ يۇلتۇز›› ماركىلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى ئاپتوماتىك دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسىنى خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى، شىخەنزە، 14-دىۋىزىيەنىڭ گۇما، قاراقاش ئېچىش رايونى، 14-دىۋىزىيەنىڭ 47-پولكى ۋە گۇما قارا تاغاز دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغىچە سېتىلدى.
ئۇ جەمئىيەتنى كۆزىتىش ئارقىلىق قاراقاش ناھىيەسىدە 520 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس بارلىقىنى، يەر كۆلىمىنىڭمۇ بىرقەدەر كۆپلىكىنى، دېھقانلارنىڭ ياز كۈنلىرى خامان ئېلىشتا ئېتىز ئۈستىدە يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدىكى تونۇرنىڭ ئۈستىدەك قىزىق مۇھىتتا 5-4 ئادەم يېرىم ئاپتوماتىك دان ئايرىش ماشىنىسىغا بۇغداي باشاقلىرىنى يۆتكەپ كېلىۋاتقان، ئۇلارنىڭ تارتىدىغان جاپاسىنىڭ يەنىلا كۆپلىكىنى بىلدى. ئۇ ‹‹مەن چوقۇم تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتوماتىك دان ئايرىش ماشىنىسى ياساپ، دېھقانلارنىڭ خامان ئېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشۇشۇم كېرەك››، دېگەنلەرنى ئويلاپ، پۈتۈن ئاپتوماتىك دان ئايرىش ماشىنىسى ياساشقا كىرىشتى.
ئۇ 2010-يىلى 10-ئايدىن 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۈچ ئاي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پولات، تۆمۈر، چويۈن قاتارلىق مېتاللارنى ئىشلىتىپ، تەكرار تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش، كۆپ قېتىم سىناق قىلىش ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى پۈتۈن ئاپتوماتىك دان ئايرىش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلدى. ئۇ، بۇ ماشىنىغا ‹‹ئۈچ يۇلتۇز ماركىلىق پۈتۈن ئاپتۇماتىك دان ئايرىش ماشىنىسى›› دەپ ماركا بېجىردى ھەمدە ئەنگە ئالدۇردى. بۇ ‹‹ئۈچ يۇلتۇز ماركىلىق پۈتۈن ئاپتوماتىك دان ئايرىش ماشىنىسى››نىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ ماشىنا ئېلېكتىروموتور، تىراكتور قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇلات قىلغىلى، ئېھتىياجغا ئاساسەن50،30 ،40تىپلىق تىراكتورلارنىڭ ھەممىسىگە چېتىپ مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ. بىر سائەتتە 3.5 مو يەردىكى بۇغدايلاردىن دان ئايرىيالايدۇ. پەقەت بىردىن ئىككىگىچە ئادەم يېتىشەلەيدۇ. بۇغداي پاكىزلىنىپ تاغارغا، سامىنى بىر تەرەپكە رەتلىك چىقىدۇ. ھەرىكەت قىسىملىرى يېپىق ھالەتتە بولۇپ، چاڭ-توزاندىن خالىي، بىخەتەر، يۆتكەشكە ئەپلىك، بەش يىلدىن 10 يىلغىچە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا ئىنىلىرى بىلەن 2011-يىلى 1-ئايدىن بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ماشىنىدىن 257 يۈرۈشنى ياساپ سېتىپ، 210 مىڭ 500يۈەندىن كۆپرەك ساپ پايدىغا ئېرىشتى. ياش كەشپىياتچى مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا يېڭى كەشپىياتلارنى يارىتىپ بېيىغاندىن كېيىن، يېزىدىكى نامرات، ئاجىز، قارىغۇچىسى يوق نامرات ئائىلىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ 2011-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغا قەدەر يۇرتىدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار ۋە نامرات ئائىلە پەرزەنتىدىن 41 نەپەر ياشقا ھۈنەر-تېخنىكا ئۆگىتىپ، ئۇلارنى ئۆز كارخانىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بەردى. 2011-يىلى 6-ئايدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كاۋاك يېزىسى بىلەن خوتەن ناھىيەسىنىڭ سېغىزكۆل يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن قاراقاش دەرياسىنىڭ ئاياغ تەرەپىدىكى سۇ يۈزىگە بىر كۆۋرۈك سېلىشقا كىرىشىپ، ئۇلار قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا ئۆز يېنىدىن 15 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، كۆۋرۈك سېلىشقا ئىئانە قىلدى. ئۇ يەنە 2010-يىلى 4-ئايدا ۋە 2011-يىلى 12-ئايدا ئۆزيېنىدىن 17مىڭ 500يۈەن چىقىرىپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراقاش بازىرى يىڭىشەھەر،كونىشەھەر، خوتەن ناھىيەسىنىڭ يىڭى ئاۋات يېزا جاغلىغا كەنتىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر 58 نامرات ئائىلىگە ئۇن، يېمەكلىك، ماي، گۆش قاتارلىقلارنى ياردەم قىلدى.
ياش كەشپىياتچى ۋە شىجائەتلىك ياش مۇھەممەدئىمىن ئابدۇللا بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلان-تەسەۋۋۇرلىرىنى ھەققىدە مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل 9-ئايدا قاراقاش ‹‹ئۈچ يۇلتۇز›› ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ ئوقۇش خىراجىتىدە قىسىلغان بەش نەپەر ئوقۇغۇچىغا 1000 يۈەندىن جەمئىي 5000 يۈەن مۇكاپات تارقىتىمەن. مەن 2012-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بىر مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، 750 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە ‹‹قاراقاش ئۈچ يۇلتۇز يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى››نى قۇرۇپ، ئاممىغا ئېھتىياجلىق يېڭى ماشىنىلارنى كەشىپ قىلىپ، سودا تىجارەت دائىرەمنى مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، كۆلەملەشكەن، زامانىۋىلاشقان، ئىشلەپچىقىرىش مېخانىزمى بەرپا قىلىمەن. ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار ۋە نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىدىن 50 نەپەر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي