بۇ جىنايەت دېلوسىغا قانداق قارايسىز؟؟
گۇاڭجۇ كۈندىلىك گېزىتى مۇخبىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شيوڭۋېي دوستى بىلەن گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى بىچىڭ شەھىرى دىڭخۇ رايونى كاڭكودىكى سۇسۈن كەنتىدە ساياھەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا شۇ كەنتتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئوغرى دەپ قارىلىپ، نۇرغۇن ئامانلىق قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى بىچىڭ شەھىرى دىڭخۇ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىقىپ ھۆكۈم ئېلان قىلدى ھەم بۇ ھۆكۈمنىڭ 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا چېتىشلىق لى فامىلىلىك، بەي فامىلىلىك ۋە چېڭ فامىلىلىك قاتارلىق جىنايەت گۇماندارلىرىغا ئايرىم - ئايرىم مۇددەتلىك ئۈچ يىلدىن تۆت يىلغىچە قاماق جازاسى بەردى. 2011 - يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كەچ سائەت توققۇز بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شيوڭۋېي بىلەن يەنە بىر ئەر بىچىڭ شەھىرى دىڭخۇ رايونى كاڭكو كوچىسىدىكى كەنتتە سەيلە قىلىۋاتقاندا شۇ يەردىكى كەنت ئاممىسى تەرىپىدىن خاتا ھالدا ئوغرى دەپ قارىلىپ، دەرھال كەنت كومىتىتى مۇئاۋىن باشلىقىغا ئەھۋالنى دوكلات قىلغان ھەم بۇ لى فامىلىلىك تېلېفون قىلىپ ئادەم تەشكىللەپ بۇ يەرنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن. كېيىن لى فامىلىلىك تەشكىللىگەن كەنت ئامانلىق قوغداش خادىملىرى بۇ يەرگە كېلىپ بۇ ئىككىسىنى تۇتۇپ تۇرغان ھەم دېلو مەلۇم قىلغان. لى فامىلىلىك نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن شيوڭۋېي دېگەن بۇ ئەرنى تىزلىنىشقا بۇيرىغان ھەم ئۇنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇپ، جىنايەت قورالى بولغان ئىككى دانە كىچىك ئۈسكۈنىنى تاپقان. كېيىن بۇ لى فامىلىلىك، بەي فامىلىلىك ۋە چېن فامىلىلىك كىشىلەر بۇ ئىككىسىنى قوغلاپ ئۇرۇپ شيوڭۋېينى ئېغىر يارىلاندۇرغان. كېيىن بۇ كىشى دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن سۇسۈن كەنتى كومىتېتى ۋە جىنايەت گۇماندارلىرى لى فامىلىلىك، بەي فامىلىلىك ۋە چېن فامىلىلىكنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شيوڭۋېينىڭ ئاتا - ئانىسى تۆلەم تەلەپ قىلىپ كېلىشىم تۈزۈشكە باشلىغان. بىر قېتىمدىلا 290 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلىنى شۇ كۈنىلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بەرگەن ھەم يازمىچە كەچۈرۈم سوراش ۋە ئەپۇ قىلىش ئىسپاتلىرىنى يېزىشقان. كېيىن 2011 - يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى بۇ لى فامىلىلىك، بەي فامىلىلىك ۋە چېن فامىلىلىكلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقچىخانىغا كېلىپ تەكشۈرۈشكە ماسلاشقان ھەم ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ دېلونىڭ بارلىق جەريانىنى ئىقرار قىلغان. جىنايەت گۇماندارلىرى لى فامىلىلىك، بەي فامىلىلىك ۋە چېن فامىلىلىك ئۆزلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېلو مەلۇم قىلغانلىقىنى ھەم ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى، بىر قېتىمدىلا تۆلەم بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆزلىرىگە كەڭچىلىك بىلەن جازا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. سوت مەھكىمىسى بۇ جىنايەت گۇماندارلىرى لى فامىلىلىك، باي فامىلىلىك ۋە چېن فامىلىلىكلەرنىڭ قەستەن ئادەم ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەنلىكى ھەم قارشى تەرەپنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، قىلمىشى قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە كىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، چوقۇم جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم تۆلەم بەرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ يۇقىرىقىدەك جازا بەرگەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-22 16:42
|