نورۇز بايرىمى ھەققىدە
جاپپار ئەمەت
نورۇز بايرىمى ئەڭ قەدىمكى بايراملىرىمىزدىن بىرى بولۇپ، «نەۋرۇز» پارسچە سۆز ، لۇغەت مەنىسى «يېڭى كۈن»، «يېڭى يىل» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بەزى ئېتنوگرافلارنىڭ بايان قىلىشىچە، قەدىمدىن تارتىپ نورۇز بايرىمى ــ يىل بېشى (باھار) غا توغرا كەلگەن .ساسانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە (3-ئەسىردە) يىل بېشى يازغا-يەنى يازلىق قۇياشنىڭ تىك تۇرۇش كۈنىگە (مىلادى بويىچە21-22-ئىيۇن كۈنلىرىگە) ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئاي كالېندارى (قەمەرىيە) قوللىنىلغاندىن كېيىن، يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى (دەلۋە) باھارغا، يەنى كېچە بىلەن كۈندۈز تەڭلەشكەن كۈنگە (مىلادى بويىچە 3-ئاينىڭ 22-كۈنىگە) ئۆزگەرتىلگەن.بۇ ھەقتە، x-xl-ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئالىم ۋە مۇتەپەككۇر ئەبۇ رەيھان بېرونىي ئۆزىنىڭ «قەدىمكى خەلقلەردىن قالغان قالغان يادىكارلىقلار» دېگەن شانلىق ئەسىرىدە مۇنداق يازىدۇ: «نورۇز ئۆتمۈش زامانلاردا قۇياشنىڭ سەرەتان بۇرجىغا كىرىش پەيتىگە توغرا كېلەتتى.ئۇ ئارقىغا سۈرۈلۈپ، باھاردا كېلىدىغان بولدى. ئەمدى ئۇ پۈتۈن يىل ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدىغان بىر ۋاقىتتا، يەنى باھار يامغۇرىنىڭ بىرىنچى تامچىسى چۈشۈشتىن گۈللەر ئېچىلغۇنچە، دەرەخلەر گۈللەشتىن مېۋىلىرى يېتىلگۈنچە، ھايۋانلاردا شەھۋەت قوزغىلىشتىن تا نەسىل ۋۇجۇدقا كەلگۈچە داۋام قىلغان ۋاقىتتا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «نورۇز» ئالەمنىڭ باشلىنىشى ۋە يارىتىلىشىغا دەلىل قىلىنغان.
نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ھەرخىل ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر بار. زەردۇشت (ئوتپەرەسلىك) دىنىي دەۋردىكى چۈشەنچىلەرگە قارىغاندا، ياخشىلىق خۇداسى ئاخۇرامازدا (ھۇرمۇز) باھار ۋە يازدا؛ يامانلىق خۇداسى ئانفىرا مەئنىيۇ (ئەھرەمەن) كۈز ۋە قىش پەسلىدە ھۆكۈمرانلىق قىلارمىش، باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بولغان بىر قېتىملىق جەڭدە ياخشىلىق خۇداسى يامانلىق خۇداسى ئۈستىدىن غالىب كەلگەن، بۇ كۇن «مۇقەددەس سەنە» ئاتىلىپ، چوڭ بايرام قىلىنغان. بۇ سەنە دەل نورۇز كۈنىگەتوغرا كەلگەن، شۇڭا ھەر يىلى نورۇز كۈنى يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ قالغان. يەنە بىر رىۋايەتتە، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا جەننەتتىن قوغلانغاندىن كېيىن، زېمىندا ئەڭ دەسلەپ ئۇچراشقان كۈنى بايرام نورۇزغا توغرا كېلىپ، بۇ كۈن بايرام بولۇپ قالغان دېيىلىدۇ. ئىران شائىرى ئوبۇلقاسىم فېردەۋسى يازغان «شاھنامە» ناملىق داستاندا نورۇزنىڭ مەيدانغا كېلىشى جەمشىدنىڭ نامى بىلەن باغلانغان، جۈملىدىن جەمشىد يۇرتقا ياخشىلىق قىلش نىيىتىدە ئادەملەرگە ھۈنەر ئۆگەتكەن، تۆمۈر ئېرىتىپ قورال ياساتقان، يىپ ئىگىرگۈزۈپ كىيىم توقۇتقان، ئۆي-ساراي، ھاممام (مۇنچا) سالدۇرغان، تېبابەتچىلىك سىرلىرىنى ئاچقان، باغ ئەھيا قىلغان ھەممە ئىش راۋاج تېپىۋاتقان شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەخت ياسىتىپ، شۇ تەختكە ئولتۇرۇپ ئاسمانغا قاراپ ئۇچقان، بۇ دەل نورۇز كۈنى بولۇپ، شۇندىن كېيىن بايرامغا ئايلانغان.
بىز رىۋايەت، ئەپسانىلەرنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نورۇز بايرىمىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، بۇ بايرام ھەقىقەتەن خاسىيەتلىك بايرام. چۈنكى، نورۇز بايرىمى تۆۋەندىكىچە ئىلمىي ئاساسلارغا ئىگە: 1) ئۇ كائىنات ۋە تەبىئەت قانۇنىغا ئۇيغۇن. نورۇز قۇياش ھەمەل بۇرجىغا كىرگەن كۈنگە (كېچە-كۈندۈز تەڭلىشىپ، كۈندۈز ئۇزاشقا باشلىغان كۈنگە)- يەنى شەمسىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 22-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. 2) نورۇز باھارنىڭ باشلانغانلىقىدىن، تەبىئەتنىڭ جانلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا بۇ يېڭى يىل بايرىمى بولۇش بىلەن بىرگە باھار بايرىمى ھەمدۇر. مۇنداق كۈننىڭ يېڭى يىل ۋە باھار بايرىمى قىلىپ بەلگىلىنىشى ئادەملەردە ۋاقىت كۆز قارىشىنى ئويغىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى باشلاشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ. 3) نورۇزنىڭ باھار بايرىمى دېگن بۇ خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ، جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا ئىنتايىن باب.
ئادەتتە باھار بايرىمى ئىنسانىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئەڭ قەدىمكى بايرام بولۇپ، ئۇ ھەر قايسى جاي ۋە مىللەتلەردە ھەر ىىل تىل بىلەن ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: باھار بايرىمى ياپونلاردا «رىسسۇن»، سىلاۋىيانلاردا «ماسلېننتسا» دەپ ئاتالسا، قېرىنداش خەنزۇ خەلقى ئۇنى «چۈنجې» دەپ ئاتايدۇ. بىز ئۇنى «چاغان» دەيمىز. گەرچە بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسى «باھار بايرىمى» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرسىمۇ، باھار بايرىمىنىڭ باشلىنىش كۈنى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: چاغان (باھار) بايرىمى ئادەتتە ئىككى يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى كەلسە، ئۈچىنچى يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى كېلىدۇ. بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا ۋە باھارنىڭ باشلىنىش مەزگىلىگە تامامەن ئۇيغۇن. نورۇز بايرىمى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كەلگەچكە، بۇمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ، جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا ئۇيغۇن، چۈنكى نورۇز بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە توڭلار ئېرىپ، ئەگىز سۈيى كېلىدۇ. يەرلەر ئەكچىپ، كۆكتاتلار ياشىرىدۇ، ئېتىزغا قوش چىقىدۇ. گۈل-چېچەكلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، مېۋە(غورا) تۈگىدۇ. قۇش قۇرتلار ئۆچەكتىن چىقىدۇ. قارلىغاچ، كاككۇكلار قايتىپ كېلىشكە باشلايدۇ ۋە باشقىلار.
بۇلار نورۇزنىڭ شىنجاڭدا باھار باشلىنىش ۋاقتىغا ئۇيغۇن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. نورۇزنى «دىنىي بايرام» دەپ خاتا چۈشەنگۈچىلەر بۇ پاكىتلارنى رەت قىلالمىسا كېرەك.
ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى قەبىلە ۋە دۆلەتلەردە قۇرۇلتاي تۈزۈمى بارلىققا كەلدى. بۇ قۇرۇلتايلار ئىلگىرى قىش پەسلىنىڭ بېشى ياكى ئوتتۇرىلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، كېيىنچە نورۇز بايرىمى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى باھاردا پادىشاھلار ئۆزىگە تەۋە جايلاردىكى قەبىلە باشلىقلىرى ۋە يۇرت ئاقساقاللىرىنى قۇرۇلتايغا چاقىرىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى مەسلىھەتلىشىپ، كېيىكى ئىشلارنى پىلانلايدىغان بولدى. يىغىندىن كېيىن ئات ئۈسيى جەڭ مەشىقى، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش قوشۇلۇپ، بايرامنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىدى. ئىسلامىيەتتىن كېيىن نورۇز بايرىمى ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاساسىدا تېخىمۇ يېڭىلىنىپ باردى. جۈملىدىن نورۇز بايرىمىدا نان-توقاچ يېقىپ، تاتلىق يېمەكلىك ۋە ياغلىق يېمەكلىك (پوشكال، قۇيماق) تەييارلاپ، ئۆزئارا مېھمان بولۇپ، بىر-بىرىنى يوقلاش، داربازلىق، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، ناخشا-ئۇسسۇل، قوھقار، ئۆكۈز، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، سارغايدى، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش قاتارلىق تەنھەرىكەت ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەر قوشۇلۇپ قويۇق مىللىي تۈس ئالدى.
بىزدە يەنە نورۇز بايرىمىغا ئەگىشىپ كېلىدىغان بىر مۇنچە بايرام ۋە مۇراسىملار بار. بۇنىڭ مۇھىملىرى تۆۋەندىكىچە:
1) مايسا بايرىمى: بۇ بايرام ئاساسەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىشتىن ئاۋۋال نىشانلىنىپ بىر قانچە خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ بۇنىڭ بىرى كۆجە (سۈمۈلەك) ئېشى مېھماندارچىلىقى، كۆجە ئېشى ئۈچۈن ھەر قايسى ئائىلىدىن ئۇرۇقلۇق بۇغدايغا ئېلىپ قويۇلغان دانلاردىن يىغىۋېلىنىدۇ. يىغىلغان بۇغداينى داشقازانغا سېلىپ ئۇزاق قاينىتىپ، ككجە ئېشى قىلىنىدۇ. ئۇرۇقلۇق بۇغدايدىن كۆجە ئېشى تەييارلاش «ھوسۇلىمىز مول بولسۇن» دېگەن ئارزۇنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. كۆجە ئېشىنى ئاساسەن ئاياللار تەييارلىغاچقا، ئۇلار ئوچاق بېشىغا يىغىلىپ ھېكايە، چۆچەك، لەتىپە ۋە تېپىشماق ئېيتىشىدۇ، كۈلكە-چاقچاق قىلىشىدۇ. كۆجە ئېشى تەييار بولغاندىن كېيىن مەھەللە ئاھالىسى يىغىلىپ ئاشقا ئېغىز تېگىدۇ ۋە دۇئا-تەكبىر قىلىدۇ. مايسا بايرىمىدىكى يەنە بىر پائالىيەت: توڭ ئېرىپ كۆكتاتلار ياشىرىشقا باشلىغاندا، بالىلار ئېرىق بويلىرى ۋە كۈزگى بۇغداي ئېتىزلىرىنى ئارىلاپ، تۇنجى قېتىم ياشارغان كۆكتاتنى تېرىۋېلىپ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئۇستازلىرىغا سوۋغا قىلىدۇ، بۇ باھار كەلگەنلىكىدىن خۇشخەۋەر يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى مۇۋاپىق مۇكاپاتلار بىلەن خۇشال قىلىدۇ. قۇمۇل خەلقى ئارىسىدىكى مايسا بايرىمى تېخىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، نورۇز بايرىمى ئالدىدا ھەر بىر ئائىلە پىيالىگە سۇ قۇيۇپ بۇغداي مايسىسى ئۆستۈرىدۇ. مايسا تەييار بولغاندا، بىر-بىرىنى مېھمانغا چاقىرىدۇ. مەشرەپتە چاي تۇتقانغا ئوخشاش مايسىنى بېيىت-قوشاقلار بىلەن قولمۇ-قول تۇتىشىپ ئوينايدۇ ۋە مايسا شەرىپىگە مەشرەپ ئويۇشتۇرىدۇ. بۇ باھار مايسىسىنى تەبرىكلەش ۋە مول ھوسۇل تىلەشنى مەقسەت قىلغان.
2) يەرگە ئۇرۇق سېلىش بايرىمى: بۇ ئېتىزغا قوش چىقىرىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى باشلاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە قولۇم-قوشنىلار مەسلىھەتلىشىپ لاپقۇتلىشىش (ھەمكارلىق) گۇرۇپپىلىرىنى تۈزىدۇ.تېرىلغۇ ئۇلاغلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بېقىشقا باشلايدۇ، تېرىلغۇ سايمانلىرىنى رېمونت قىلىدۇ، بۇغداينى نەمدەپ تەييارلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر مويسىپىت دېھقاننىڭ ئېتىزىغا يىغىلىپ، قوش ھەيدەپ ئۇرۇق سېلىشنى باشلايدۇ. بۇنى تەجرىبىلىك، ئاق يوللۇق بىر دېھقان باشلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەرەپ-تەرەپتە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىپ كېتىدۇ. ئېتىزلار قوش ئاۋازى، ناخشا ئاۋازى بىلەن جانلىنىپ كېتىدۇ، بۇ خىل باشلىنىش ياشلارغا تەجرىبە كۆرسىتىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ.
3) سەھرا خەتمە : بۇزار خەتمە، يامغۇر تىلەش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىش بىلەن ئاللادىن سۇنىڭ مول بولۇشىنى تىلەش، قۇرغاقچىلىق، سۇ ئاپىتى، ئاغرىق سىلاقتىن خالىي بولۇش مەقستى بىلەن ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يۇرت چوڭلىرى مەسلىھەتلىشىپ، ئۆي-ئۆيگە بېرىپ گۆش، ياغ، ئۇن، گۈرۈچ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىختىيارىي ھالدا يىغىدۇ. ياكى ئۆزلىرى چىقىرىدۇ. يىغىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بىر ياكى بىر قانچە داش قازانغا تاشلىنىپ، شىلان ئېشى (ئۇماچ) پىشۇرۇلىدۇ. بۇنداق سەھرا خەتمىسىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولغاندا شەھەر، يېزا بويىچە، كىچىك بولغاندا كەنت، مەھەللە بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، سەھرا خەتمىدە يۇرت مۆتىۋەرلىرى يىغىلىپ، شۇ يىلىقى ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىش، زاكۇ-توسمىلارنى ياساش قاتارلىق سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى پىلانلايدۇ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاغرىق-سىلاقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا بۇ پىلان تەدبىر بەلگىلەش يىغىلىشىدۇر.
4) باھار سەيلىسى : بۇ ئاساسەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئاياقلىشىپ، جىددىيلىك تۈگىگەن، چېچەك چوكانلار ئېچىلىپ، ھەممە ياق يېشىللىققا تولغان مەزگىلدە باشلىنىدۇ. بۇ مازايى-ماشايىقلارنى تاۋاپ قىلىش،كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل سەيلىلەر ھەر قايسى جايلاردىكى سەيلە مەيدانلىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: قەشقەردە ئاپئاق غوجام سەيلىسى، ئودا خېنىم سەيلىسى، خوتەندە ئىمامى ئاسىم سەيلىسى قاتارلىقلار. سەيلە ئون نەچچە كۈن داۋام قىلىپ، ھەر كۈنلۈك سەيلىگە نەچچە يۈز ۋە نەچچە مىڭ كىشى قاتنىشىدۇ. سەيلىدە مازارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش تۈگىگەندىن كېيىن، تەرەپ-تەرەپتە كىچىك سورۇنلار تۈزۈلۈپ چېلىش مۇسابىقىسى، مۇقام بەزمىسى، ھېكمەت ئوقۇش، ناخشا-ئۇسسۇل، ىەلق سەنئەتكارلىرى داستان، قىسسە سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5) قىزىل گۈل سەيلىسى : بۇ ئاساسەن قىزىل گۈل ئېچىلىشقا باشلىغاندا باشلىنىدۇ. شەھەر ۋە يېزا بازارلىرى باغۋەنلەر ئېلىپ كىرگەن گۈللەر بىلەن توشىدۇ، ھەممە ياقنى قىزىل گۈلنىڭ خۇش پۇرىقى قاپلايدۇ. كىشىلەر دەستە-دەستە گۈل تىزىپ لوڭقا، تەشتەكلەرگە گۈل چىلايدۇ. ئاياللارغا گۈل تەقدىم قىلىدۇ. يىگىت-قىزلار ئۆزئارا گۈل تۇتۇش ئارقىلىق مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىدۇ. قىز-چوكانلار قۇلاقلىرىغا گۈل قىسىۋالىدۇ. گۈلقەنت مۇرابباسى سېلىشمۇ مۇشۇ مەزگىلدە باشلىنىدۇ. ئۆيلەردە تەشتەكلەرگە، بوش جايلارغا ھەرخىل گۈللەر تېرىلىدۇ.
(جاپپار ئەمەتنىڭ «شىنجاڭ ياشلىرى»ژۇرنىلىنىڭ 1993-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان «بىزنىڭ ھېيت-بايرام ۋە مۇراسىملىرىمىز» ناملىق ماقالىسىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى)
تەۋسىيەدە : ئېلى بۇراۋىدىن بۈركۈت