ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى      
      بېيجىڭ ۋاقتى 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى 18 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنىڭ  4 / 1  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمى شىۋېيتسارىيەدىكى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش ئىشتابىدا ئېلىپ بىرىلدى.
      چەك تارتىش نەتىجىسى : 
      گىرېكلەر رىقابەت  ------    خانلىق  مادرىد
      مارسېل              ------    بەيرېن مىيۇنخىن 
      بېنفىكا               ------   چېلسى 
      مىلان                ------    بارسېلونا     
      7 دۆلەتتىن كەلگەن 8 كوماندىنىڭ ۋەكىللىرى نەق مەيداندا مۇراسىمغا قاتناشتى، بۇ قېتىمقى چەك تارتىش مۇراسىمىدا بۇرۇنقىغا ئوخشاش بىر بىرلەشمىدىكى كوماندىلار ئۇچرىشىشقا بولمايدۇ، درگەن قائىدە بىكار قىلىنغان ئاساستا ئىلىپ بىرىلدى .  
      4 كۈچلۈك ئۇچرىشىشىنىڭ بىرىنچى- ئىككىنچى ئۇچرىشىشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3-ئاينىڭ 27-، 28-كۈنلىرى، 4-ئاينىڭ 3-، 4-كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 4-ئاينىڭ 17-، 18-كۈنلىرى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە  5-ئاينىڭ 19-كۈنى بەيرېن مىيۇنخىن كوماندىسىنىڭ مەيدانى ئاللىيانىز مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 
