كۆرۈش: 9860|ئىنكاس: 7

بۈركۈت: دۇنيادىكى مەشھۇر ۋەقەلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1405
تۆھپە
944
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 18:58:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دۇنيادىكى مەشھۇر ۋەقەلەر


ئادەمنىڭ ئالدىن سېزىشىگە دائىر مەشھۇر ۋەقەلەر


      ئامېرىكا زۇڭتۇڭى لىنكولىن 1865-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. ئۆلۈشتىن 2-3 كۈن بۇرۇن، ئۆز يېقىنلىرىنىڭ يىغىلىشىدا بىر يامان چۈشنى سۆزلەپ بەرگەن:
      «ئەتراپ ئىنتايىن جىمجىت ئىدى. مەن چۈشۈمدە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار بەكمۇ ئازابلىق يىغلاۋاتاتتى. نېمە ئىش بولغاندۇ؟ مەن ھۇجرامدىن چىقىپ بىر نەچچە ئۆينى ئارىلاپ چىقتىم. ئاخىرى بىر ئۆيگە كىرىپ قاپتىمەن. بۇ ئۆيدە بىر جەسەت ياتاتتى. ئەتراپىدا بىر مۇنچە كىشىلەر يىغلاۋاتاتتى. مەن بىر ئەسكەردىن: ئاق سارايدا كىم قازا قىلدى؟ - دەپ سورىدىم. ئۇ زۇڭتۇڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى، - دەپ جاۋاب بەردى».
      ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ مەيداندىكىلەر بەكمۇ خاتىرجەمسىزلەندى. چىرايلىرى تۇتۇلۇپ چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە ئۈن-تىنسىز تۇرۇشۇپ قالدى. 2-3 كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ سەزگىنى راستلا ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. لىنكولىن بىر تىياتىرخانىدا ئوق تېگىپ داۋالىغىلى بولماي قازا قىلدى.
      ئامېرىكىدا يەنە بىر ۋەقە كەڭ تارقىلىپ يۈرمەكتە: بۇ ھېكايىنىڭ باش پېرسوناژى لوسى دېسون دېگەن بىر خانىم بولۇپ، چۈشىدىكى بېشارەت بىلەن بىر بالادىن قۇتۇلۇپ قالغان. لوسى دېسون خانىم سېنت لوئىستا ئولتۇرۇشلۇق ئىدى. بىر قېتىم ئۇ چىكاگوغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر يېزىدا تۇرۇشلۇق دوستىنى يوقلاپ ئۇ يەردە بىر كېچە تۇرۇپ قالغان. شۇ كېچىسى سائەت 12 بولغاندا، سىرتتىكى شېغىللىق يولدىن ئات تۇيىقىنىڭ تاقىلدىغان تىۋىشى كېلىدۇ: «يېرىم كېچىدە كەلگەن قانداق مېھماندۇ؟» دەپ ئويلايدۇ لوسى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزە پەردىسىنىڭ يوچۇقىدىن سىرتقا قارايدۇ. يولدا كېتىۋاتقىنى بىر تاۋۇت ھارۋىسى بولۇپ، ئۈستىدە مېيىت ساندۇقى يوق. ئەمما، لىق ئادەم ئولتۇرغان. ھارۋا لوسى قاراۋاتقان دېرىزىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ھارۋىكەش كۈچەپ بېلىنى رۇسلايدۇ-دە، بۇ تەرەپكە قاراپ كېلىدۇ، نېمىدېگەن قورقۇنچلىق ئەر كىشى-ھە! لوسى قورققىنىدىن تۇرۇپلا قالىدۇ. ئۇ پەقەت ھېلىقى ئەر كىشىنىڭ «يەنە بىر ئادەم چىقسا بولىدۇ» دەپ ۋارقىرىغىنىنىلا ئاڭلىيالايدۇ. لوسى ھاپىلا-شاپىلا دېرىزە پەردىسىنى تارتىۋېتىدۇ. كارىۋاتنىڭ قېشىغا قېچىپ بېرىپ ئەدىيال بىلەن بېشىنى چۈمكىۋالىدۇ.
      ئەتىسى ئەتىگەندە لوسى كېچىسى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ چۈش ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، كۆڭلىدە يەنىلا قورقۇنچ ھېس قىلىدۇ ۋە دوستىنىڭ قايتا –قايتا تۇتۇشىغا قارىماي ئۇنىڭ بىلەن ئالدىراشلا خوشلىشىپ بۇ ئۆيدىن ئايرىلىدۇ.
      لوسى چىكاگوغا بارغاندىن كېيىن بىر چوڭ سودا سارىيىغا بېرىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالغان. ماگزىننىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىقىپ قالغان لوسى دەرھال قوزغىلىدىغان لىفتقا ئۈلگۈرگەن ئىدى. بىراق لىفتتا لىق ئادەم بولغاچقا سەل ئىككىلىنىپ قالىدۇ. لىفتنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا: «يەنە بىر ئادەم چىقسا بولىدۇ» دەيدۇ. «پاھ! بۇ تۈنۈگۈن كەچتىكى ھېلىقى ئادەمنىڭ ئاۋازى بىلەن ئوپمۇئوخشاشقۇ ؟» لوسى گۇمانسىراشقا باشلايدۇ. «بولدىلا مەن مېڭىپ چۈشۈپ كېتەي»، ئۇ شۇنداق دېگىنىچە پەلەمپەي تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز «تاراق» قىلغان غايەت زور ئاۋاز بىلەن لىفت كىشىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ۋارقىراشلىرى ئىچىدە مىتورىتقا ئوخشاش پەسكە چۈشۈپ كېتىدۇ. لىفتتىكىلەر كېلىشمەسلىككە ئۇچرايدۇ. بىراق لوسى چۈشىدىكى ئاجايىپ بىشارەت بىلەن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
      ئالدىن سېزىش ئىنسانىيەت پائالىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كەتكەن، كىشىلەر ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئۇنىڭ نامايان بولۇشىنى كۆزەتكەن ۋە تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن. بۇ خىل تاسادىپىي يۈز بېرىدىغان، ئاسان ئىشەنگىلى بولمايدىغان سىرلىق ھادىسە ئۇزۇن مەزگىل كىشىنى قايىل قىلىدىغان مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈشكە ئىگە بولالمىدى. 1982-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرى مەلۇم تاغلىق كەنتتە كىشىلەر ئۇدا بىر نەچچە ئاخشام بېلىجانلارنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان. بېلىجانلارنىڭ ئېچىنىشلىق  يىغا ئاۋازى خۇددى كىچىك بالىنىڭ يىغىسىغا ئوخشاپ كەتكەن. بىر قىسىم ياشانغان كىشىلەر: بالا بېلىجانلار تەڭرىدىن «ئاپەت تىلەۋاتىدۇ» دېيىشكەن. ھايۋاناتنىڭ، بولۇپمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋاناتنىڭ ئاپەت سەزگۈسى ئىنسانىيەتنىڭ ئاپەت سەزگۈسىدىن خېلىلا تېز بولىدۇ. قارچۇغىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى ئادەمنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ 30 ھەسسىسىگە باراۋەر، شەپەرەڭنىڭ قۇيرۇقى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قويۇپ بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭ تېنىدە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنى سەزگۈچى ئەزا بار. كەپتەر يەر ماگنېتى ئارقىلىق ھاۋادا يول باشلاشتەك ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە. ئۇلار رادار بازىسى ئۈستىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە ئۆزلۈكىدىن يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى يۇقىرىغا قاراپ ئۇچىدۇ. ئافرىقىنىڭ قويۇق ئورمانلىقلىرىدا بىر خىل ئۆمىلەيدىغان ھاشارەت بولۇپ، تېرىسىنىڭ رەڭگى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەر سائەتتە بىر قېتىم ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆلچەملىك بىر «ھاشارەت سائەت» بولۇپ قالغان.
      دېمەك، بەزى ھايۋاناتلار ئازراق خەتەر ياكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا «ئاجايىپ سەزگۈسى» ئارقىلىق ھودۇقۇش، قورقۇش، خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلىدۇ. كىشىلەر بۇنى «نورمالسىز ھادىسە» دەپ قارايدۇ. ئادەملەرگە نىسبەتەن بۇ بەلكىم بىر خىل «پالاكەتنىڭ بىشارىتى»، بىراق، ئادەم بىلە ھايۋاننىڭ ئورتاق تىلى بولمىغاچقا، ئۆزئارا ئالاقىلىشەلمەيدۇ. كۆپ ھاللاردا مەلۇم ھايۋانغا تەھدىت ياكى خەتەر شەكىللەندۈرگەن ئىش ئادەمگىمۇ تەھدىت ياكى خەتەر شەكىللەندۈرىدۇ.
      1982-يىلى 7-ئايدا، بېلىجانلار بۇ قەدىمىي تاغلىق كەنتكە بىشارەت بەرگەن بالايىئاپەت ناھايىتى تېزلا يۈز بەرگەن.
      قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان بىر كېچىدە تاغ قاپتىلىدىن ئاسمان ئۆرۈلۈپ تاغ يېرىلغاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، يەر ئاستى سۈيى ئېتىلىپ چىققان، بۇ سۇ تاغ ئېتىكىدىكى بۇ كەنتنى كۇمپەيكۇم قىلىۋەتكەن.
      («شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1999-يىللىق 2-سانىدىن ئېلى بۇراۋىدىن بۈركۈت تەۋسىيەسى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-16 20:48  


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2149
تۆھپە
742
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 23:00:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجاپىپ ئىش بەزىدە ئادەمنىڭ چۈشىدە كۆرگەن ئىشلىرى ئەمىلىيەتكە ئايلىنىپ قالىدىكەن!


ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.

Rank: 2

ئىسىمى
ئابلاجان
تىللا
98
تۆھپە
3
UID
6466
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 01:26:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنيا نىڭ ئىشلىرى ئاجايىپ .


Rank: 1

تىللا
18
تۆھپە
2
UID
145
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 05:02:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6 - سەزگۈ بار دىسە ئىشەنسەڭلار بولدۇ جۇما


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1054
تۆھپە
514
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 17:59:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-سەزگۈ ھەقىقەتەن مەۋجۇت...


ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 6Rank: 6

تىللا
697
تۆھپە
372
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 19:11:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى بىر چۇشلەرنىڭ ئالدىن بىشارەت بۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش كىرەك،،،


Rank: 2

ئىسىمى
ئاتىللا
تىللا
117
تۆھپە
48
UID
8673
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 22:02:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇشكە ئىشەنسەك بولىدىكەندە!


Rank: 4

تىللا
244
تۆھپە
169
UID
7217
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 19:14:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:20, Processed in 0.081871 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991