كۆرۈش: 8534|ئىنكاس: 8

«مۇھەببەتتە مېنىڭمۇ ھەققىم بار» رومانى نەشردىن چىقتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
8025
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 13:35:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«مۇھەببەتتە مېنىڭمۇ ھەققىم بار» رومانى نەشردىن چىقتى


      تونۇلۇۋاتقان ياش يازغۇچى ساجىدە سۇلايمان 1967-يىلى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كىچىكىدىن تارتىپ دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تەربىيەلەشكە ئاساس سالغان. 1984– يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك تېخنىك ئىشچىلار  مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان. 1988– يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئاپتونوم  رايۇنلۇق پارتىيە مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن،  شۇ مەكتەپنىڭ ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇش ئىنستىتۇتىدا مەخسۇس كۇرسنى تاماملىغان. ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتەپتە ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئاپتورنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇرمۇش ھاياتىدىكى ئاچچىق-چۈچۈك كەچۈرمىشلىرىنى، ئانىسىنىڭ كۈندە ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىشلىرى ۋە بالىلىق ۋاقىتلىرىدا دادىسىنىڭ تىجارەت مۇناسىۋىتى (مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە  ئەركىن تىجارەتكە يول قويماسلىق سەۋەبلىك بىر مەزگىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈرۈپ، يۇرتقا كېلەلمىگەنلىكى) بىلەن ئۆزلىرى بىلەن بىرگە تۇرالماسلىق سەۋەبلىرى ئۇنىڭ قەلبىدە باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغان، چوڭلارغا خاس تەمكىنلىك، ئىشلارغا ياخشى-يامان كۆز قارىشى بىلەن قارايدىغان سەزگۈرلۈك خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەر كۈنى ئاڭلاپ تۇرغان «راست ئىشلار خاتىرىسى» ئۇنىڭ يۇمران قەلبىگە بىلىندۈرمەي ئەدەبىيات ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. ئۇنىڭ تۈنجى ئىجادىيىتى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىل1- سانىدا  ئېلان قىلىنغان «ئەر – ئايال ھەققىدە پاراڭ» ناملىق ماقالىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «يېڭى قاشتېشى»، «قەشقەر»، «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «قىزىلسۇ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 30 پارچىدەك شېئىر، پوۋست، ھېكايە، ماقالىسى ئېلان قىلىنغان .
      ئاپتور يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى چەت، يىراق ناھىيە، يېزا-قىشلاقلارغىچە بېرىپ تۇرمۇش ئۆگەندى، جاپاكەش دېھقانلار، سەھرا ئاياللىرى ۋە بىرمۇنچە تارىخ، مەدەنىيەت بازىلىرىغا بىرىپ ماتېرىيال توپلىدى ھەم ئۆز جەمەتىنىڭ تارىخ – شەجەرىسى ئۈستىدە ئىزدەندى. تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، رېئاللىقنى ئەينەن خاتىرىلەپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېڭى تېمىلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىرقانچە رومان، پوۋست ، ھېكايىلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. يېقىندا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «مۇھەببەتتە مېنىڭمۇ ھەققىم بار» ناملىق رومانى ئەنە شۇلارنىڭ دەلىلى. ئاپتور يېقىندا يەنە بىر قىسىم نەشرىيات ئورۇنلىرىغا ئىككى روماننى  نەشرگە سۇندى ھەمدە بىر پوۋستلار توپلىمىنى نەشرگە سۇنۇش ئالدىدا تۇرىدۇ .
      ئاپتور ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. بىز ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، ئىزدىنىشچانلىق روھى بىلەن ئەدەبىياتقا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، خاسلىققا ئىگە تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .

1.jpg


2.jpg


3.jpg


4.jpg



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-9 14:52  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1302
تۆھپە
942
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 17:52:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاپ رەسمى بازارغا كىرگەن بولسا مەن چۇكۇم بىرنى ئېلىپ ئۇقۇيمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
488
تۆھپە
272
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 20:32:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن ..


قەلەمىي بېلوگى
ئاچىل تېلۋېزىيسى

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمىسىز كۆچۈرمەڭ ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ

Rank: 3Rank: 3

تىللا
176
تۆھپە
89
UID
2786
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 21:07:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش يازغۇچىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
981
تۆھپە
435
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 15:05:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساجىدە خانىم مەن سىزنىڭ ‹‹جوڭگۇ مىللەتلىرى،›ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىڭىزنى سۆيۇنۇش ئىچىدە ئوقۇغان ئىدىم،بۇ تۇنجى رومانىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نەفىسە
تىللا
598
تۆھپە
268
UID
5838
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 01:25:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالايلى.................


قارىسام كۆرىنمەيدۇ دۇنيانىڭ چېتى ،
بۇ دۇنيا بىر كونا رابات، بىز يول ئۆتكۈچى.نەفىس

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2072
تۆھپە
1542
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 12:10:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قۇتلۇقلايمەن


Rank: 4

تىللا
334
تۆھپە
103
UID
4364
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 18:43:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساجىدە سۇلايماننىڭ بۇرۇن تورلاردا ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلەنگەن ئەسەرلىرىنى ئاڭلىغان خېلى ياخشى يېزىپتىكەن قارىغاندا بۇ رۇمانىمۇ ياخشى يېزىلغان بۇلۇشى مۇمكىن ئاپتورنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!


ھەقىقى ئەركىنلىك روھى ئەركىنلىكتۇر

Rank: 1

تىللا
48
تۆھپە
15
UID
88
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 22:49:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن  ئازىقنىڭ  تۇنجى رومانىمنىڭ خۇش خەۋىرىنى بۇ يەرگە يوللاپ قېرىنداشلىرىمنى  خەۋەرلەندۈۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، رەھمەت سىزگە ئازىق!

بۇرۇنقى يازمىلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان بارلىق ئەزىزلەرگە تەشەككۇرۇمنى بىلدۈرىمەن، ھەمدە  بۇ روماننى ئوقۇغاندىن كېيىن قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بېرىشىڭلارنىمۇ چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 04:04, Processed in 0.083776 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991