كۆرۈش: 3604|ئىنكاس: 6

بىزگە يول كۆرسەتسەڭلار؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
7773
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 13:47:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىزگە يول كۆرسەتسەڭلار؟


   بىز قەشقەر پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن بۇلۇپ،مەن(ئىسمىم تۇردى موللاق)1964-يىلى 7995-قسىمدا ھەربى ۋەزىپە ئۆتەپ1970-يىلى ھەربىيلىكتىن قايىتقان.يېزىمىزدا مەندەك 1970-يىللاردا ھەربىيلىكتىن قايتىپ كەلگەنلەردىن 15نەپەر ئەتىراپىدا ئادەم بار بۇلۇپ بۇلار ھازىرغا كەلگىچە دۆلەتنىڭ ھېچقانداق قۇشۇمچە تەمىناتىدىن بەھرىمان بۇلالمدۇق.بولدۇق دىگەن تەقدىردىمۇ 2005-يىللاردىن كىيىن ھەر يىلى ھېيىت-بايراملاردا 200 يۇەن ئەتىراپىدا جەمئى1000يۇەندەك پۇل تارقىتىپ بەردى.6يىل ھەربى بۇلۇپ قايتىپ كىلىپ 42يىل جەريانىدا1000يۇەن پۇل ئاپتۇق.كۆپچىلىكىمىزنىڭ تېرىلغۇ يىرى ئاز،ئائىلە نۇپۇس سانىمىز كۆپ،مۇقۇم كىرىمىمىز بولمىغاچقا تۇرمۇشىمىز غۇرىگىل ئۆتىۋاتىدۇ.ھەتتا يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغىمۇ ئىرىشەلمىدۇق.
  پارتىينىڭ يېزلاردىكى نامىرات ئائىلىلەرنى يۆلەش،پىشقەدەم كادىرلارغا غەمخورلۇق قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرلىۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى كۈنلەردە بىزدەك چەتتە قالغانلار دەردىمىزنى كىمگە دىسەك بۇلار؟
بىزنىڭ ئۈمۈدىمىز كىينكى قسقىغىنە ھاياتىمىزنى پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ يار-يۆلىكى ئاستىدا خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش.شۇڭا بىز ئايدا ئازدۇر-كۆپتۇر ياردەم-نەپىقە تەلەپ قىلىمىز.
بۇ ئىلتىماسىمىزنى كىمگە دىسەك كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاپقا ئىرىشەلەرمىز؟يول كۆرسەتكەن بولساڭلار.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
233
تۆھپە
130
UID
1406
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 22:18:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما بوپتۇ مىھمان تاغا ،مىنىڭ داداممۇ سىز بىلەن ئوخشاش . داداممۇ بۇنىڭغا ئىنىق جاۋاپ تاپالمىغان . بولمىسا قولىدا ھەممە كىنىشكىلىرى تۇلۇق . يول ماڭسا سىلەرنىڭ ئارخىۋىڭلار يوقكەن دىگەنمىش .
بۇ تىمىڭىزغا بۇ مۇنبەردىن قانا ئەتلىنەرلىك جاۋاپنىڭ چىقىشىغا تەشنامەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 23:43:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي دىمىسىمۇ  بۇ قانداق ئىشتۇ؟ مەن نۇرغۇن كۇزنەكلىك ئورۇنلارغا ئىش بېجىرىشكە كىرسەم ھەربىلەرگە ئالدى بىلەن مۇلازىمەت قىلىمىز ......دىگەندەك ئەھۋاللارنى كۇرگۈنۈمدە ئارمىيەگە كىرىشنىڭ كارامەت ئىشلىگىنى ئويلايتىم.لېكىن سىز دىگەندەك ئەھۋاللا بارلىغىنى ئويلىماپتىمەن ھەم بۇ ئىشتا سىزگە ياردەم قىلالمىغىدەكمەن لېكىن ئىشىنىمەنكى بۇ مۇنبەردە سىزگە ياردەم قىلىدىغانلار چىقىدۇ.


Rank: 1

ئىسىمى
魅力喀什噶尔
تىللا
34
تۆھپە
11
UID
7748
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 23:47:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ھەي ........ 1970- يىللاردا ھەربىيلىكتىن قايتقانلارنى مەن تىخى ئاللا قاچان دۆلەتنىڭ خادىملىرى بولۇپ بودى دىسەم يەنلا باركەنغۇ 70-يىللار ئەمەس ھازىرقى ۋاقىتلاردا قايتقانلارمۇ يەردە قالمىدى بۇتوغرىسىدا مەنمۇ ئىنىق بىلمەيدىكەنمەن مەنچە بۇ تىمىنى جاڭ چۇن شەن شۇجى كۆرسە بىرگەپ بولارمىكىن ......ئۇمۇد سىزلەنمىسىلە !!!!!!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 13:35:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دەيمىنا................


سەكرا

Rank: 4

تىللا
269
تۆھپە
118
UID
6455
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 14:38:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي..........


Rank: 4

تىللا
362
تۆھپە
193
UID
2910
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 11:19:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ئۇمىدىسىزلىنىپ  كەتمەڭ  ،  ھۆكىمەت  بولغاندىن  كىيىن يەنە
بىر  گەپ  بولۇپ  قالار  .  ھازىر  سىياسەت  قانۇن  ھۆكىمەت  ئاكاملار  بەك
ياخشى  بولۇپ  كەتتىغۇ !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:04, Processed in 0.073083 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991