مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى خۇاڭ شىخۇا مۇنداق قارىدى : مەملىكىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى نىكاھ قانۇنىدا بېكىتىلگەن توي قىلىش يېشى «ئوغۇللارنىڭ 22 ياشتىن تۆۋەن بولماسلىقى ، قىزلارنىڭ 20 ياشتىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك ››. بۇنىڭدا توي قىلىش يېشى بەك يۇقىرى بېكىتىلگەن بولۇپ ، بىرمۇنچە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلدى . شۇڭا، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئۇ ئىككى يىغىندا، قانۇندا بېكىتىلگەن توي قىلىش يېشىنى 18 ياشقا تۆۋەنلىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
دۆلىتىمىزنىڭ بۇرۇنقى توي قىلىش يېشى نىسبەتەن تۆۋەن ئىدى . مەسىلەن ، تاڭ ، سۇڭ سۇلالىرىدا ئوغۇللار 15 ياش ، قىزلار 13 ياش قىلىپ بېكىتىلگەن . يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ، 1950–يىلى نىكاھ قانۇنىدا ئوغۇللارنىڭ توي قىلىش يېشى 20 ياش ، قىزلارنىڭ 18 ياش قىلىپ بېكىتىلگەن . ئەمما 1980-يىلىدىكى نىكاھ قانۇنىدا ئوغۇللارنىڭ يېشى 22 ياشقا، قىزلارنىڭ يېشى 20 ياشقا ئۆستۈرۈلدى . 2001-يىلى بۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندە ، مۇشۇ ياش ئۆلچىمى يەنىلا ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن قارىغاندا ، بۇ ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ . توي قىلىش يېشىنىڭ ئۆستۈرۈلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى بەك تېز بولۇپ ، توي قىلىش يېشىنى ئۆستۈرۈش نوپۇسنىڭ سانىنى ۋە ئۆسۈشىنى تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى . دەرۋەقە ، يولغا قويۇش ئۈنۈمىدىن قارىغاندا ، توي قىلىش يېشىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى بولۇشى دۆلىتىمىزنىڭ بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ، مۇئەييەن ئىلمىيلىككە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئارىدىن 30 يىل ئۆتتى . ھازىر قانۇندا بېكىتىلگەن توي قىلىش يېشىنى 18 ياشقا تۆۋەنلىتىشنى ھېچقانداق ئاساسى يوق ۋە مۇۋاپىق ئەمەس دېيىشكىمۇ بولمايدۇ .
قانۇندا بېكىتىلگەن توي قىلىش يېشىنى 18 ياشقا تۆۋەنلىتىش ، يالغۇز دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۆز ئارا بىر خىللىقنى ساقلىغانلىق بولۇپلا قالماستىن ، قانۇن جەھەتتە ئېيتقاندىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ . ھەق تەلەپ قانۇنىدا بېكىتىلىشىچە، 18 ياشقا تولغان بالاغەتكە يەتكەن ياشلار ھەق-تەلەپ ھەرىكىتى ئىقتىدارىغا تولۇق ئىگە ئادەملەر، ھەق تەلەپ قانۇنىدىن تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ، يەنى توي قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ توي قىلىش يېشىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ نوپۇسنىڭ بەك تېز كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. دەرۋەقە ، توي قىلىش يېشىنى تۆۋەنلىتىش مۇۋاپىق ياشتىكى ئاياللارنىڭ تۇغۇت دەۋرىنى ئۇزارتىپ ، نوپۇسنىڭ بەك تېز كۆپىيىپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئەمما، شۇنى بىلىش كېرەككى ، توي قىلىش يېشى پەقەت توي قىلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن يېشى بولۇپ، توي قىلىش بوسۇغىسىغا قارىتىلغان. توي قىلىش ئادەمنىڭ بىر تۈرلۈك ھوقۇقى بولۇپ، 18 ياشقا تولغاندا جەزمەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئەمەس، توي قىلسىمۇ بولىدۇ، قىلمىسىمۇ بولىدۇ. جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەردىن قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە توي قىلىش يېشى كۆپىنچە قانۇندا بېكىتىلگەن ئاساستا، 7 ـــــ 10 يىلغىچە كېچىككەن بولىۋاتىدۇ، يەنى 25 ـــــ 29 ياش ئارىلىقىدا بولىۋاتىدۇ، ھەرگىزمۇ بىز خىيالىمىزدا ئويلىغىنىمىزدەك 18 ياشلا ئەمەس. شۇڭا، قانۇند بېكىتىلگەن توي قىلىش يېشىنى تۆۋەنلىتىش پەقەتلا توي قىلىش نىسبىتىنى ۋە نوپۇسنىڭ ئېشىش مۇمكىنچىلىكىنى كۆپەيتىۋەتسمۇ، ھەرگىز مۇقەررەر ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ مەغلۇب بولۇشى ۋە نوپۇس سانىنىڭ بەك تېز ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. چۈنكى، نۇرغۇن يىللاردىن بۇيانقى تەشۋىقات ۋە تەربىيە سەۋەبىدىن، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ كەلدى. دەرۋەقە، يۇقىرى تۇرمۇش تەننەرخى، يۇقىرى بېسىم ئاستىدا، كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش پۇرسىتى بولسىمۇ، ئەمما پەرزەنت كۆرۈش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنىڭ بولۇشى ناتايىن.
دۆلىتىمىز بالدۇر توي قىلىش، بالدۇر پەرزەنت كۆرۈش ئەنئەنىسىگە ئىگە دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ نىكاھ قانۇنىدا بېكىتىلگەن توي قىلىش شەرتلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئەر-ئايال ئىكى تەرەپ چوقۇم قانۇندا بېكىتىلگەن توي قىلىش يېشىغا يەتكەن بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن نىكاھلىنىش ئۈنۈمسىز ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، يۇقىرى توي قىلىش يېشى مۇقەررەر ھالدا بىر قىسىم توي قىلىشقا مۇۋاپىق كەلگەن ياشلارنى قانۇنلۇق توي قىلىش سىرتىغا قالدۇرۇپ قويىدۇ. بەزى كىشىلەر يېشىنى يالغاندىن مەلۇم قىلىپ، توي خېتىنى ئالدامچىلىق بىلەن ئېلىۋالىدۇ، ياكى «توي قىلماي بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ» توي خېتى ئالمايدۇ. قانۇندا بېكىتىلگەن توي قىلىش يېشىنى 18 ياشقا تۆۋەنلىتىش، ئۇلارغا توي قىلىشقا «رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى» تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇ جەمئىيەتتىكى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولغان «ئۈنۈمسىز» لەر، ياكى ئاتالمىش تۆۋەن ياشتىكى «ئەمەلىيەتتە توي قىلىۋالغان» لارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىلىق.
تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت بارات
بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ