كۆرۈش: 4420|ئىنكاس: 4

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نى يېزىشتىكى مەقسىتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
37
تۆھپە
27
UID
6981
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 00:44:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ"تۈركىي تىللار دىۋانى" نى يېزىشتىكى مەقسىتى

مەھمۇد قەشقەرى ئەرەبخەلىپىلىگىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە مۇھىم رول ئوينىغۇچى ۋەزىرلەر ،ئەمىر، سەركەردىلەر ئوغۇز تۈركمەنلىرىدىن بولۇپ ، ئۇلار ھاكىمىيەتساھەسىدە يۇقۇرى ئىناۋەتكە ئىگە ئىدى . يەنە بىر تەرەپتىن ، " سالجۇقلارخاندانلىغىنىڭ ئەمىلى ھوقۇقىغا پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قومانلىق قىلغۇچى " ('تۈركىي تىللاردىۋىنى' 1- توم ، كىرىش سۆز ، 8 - بەت) خانىشتەركان خاتۇننىڭ قاراخانىلار مەلىكىسى ئىكەنلىكى سەۋەبىدىن ، قەشقەر ،بالاساغۇنقاتارلىق جايلاردىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ، قارلۇق زىيالىلىرى باغداتقا بېرىپ مۇھىمجامائەت خىزمەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىشقان ئىدى . مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، باغدات ناھايىتى تېزلا تۈركلەرنىڭ نوپۇزى ئاستىغا ئۆتتى . قەدىمكىتۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ مەدىنىيىتى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ،ئەرەبمەدەنىيىتى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ، ئەرەب مەدەنىيىتى بىلەن " تەڭ بەيگىگەچۈشكەن ئىككى ئاتتەك چېپىپ " ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى نامايىش قىلدى . جۈملىدىنئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارىخىي مۇقەددەم ، ئەڭ قەدىمىي خەلق ---- ئۇيغۇرلار قاراخانىلارخانلىغى مەزگىلىدە ئۆز مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ نامايەن قىلىپ ، ئەرەبخەلىپىلىكىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى ، ئەرەب دۇنياسىغا تونۇلۇۋاتقان مەدەنىيەتتەئۇلارنىڭ ھەسسىسى زور بولدى . دېمەك ، يۇقۇرقىدەك تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتئەرەب ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ، سىياسەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ تۈرك تىلىنىئۈگۈنىشكە بولغان ئېھتىياجىنى تەبىئىي ھالدا كەلتۈرۈپ چىقاردى . دەۋر تەرىپىدىنبەلگىلەنگەن ئاشۇ ئېھتىياجنى تەمىن ئېتىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەھمۇد قەشقەرىپۈتۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ ، بۇ ئۆلمەس ئەسەرنى يېزىپ چىقتى .
ئۇلۇغئالىم كىتابنىڭ يېزىلىشى ھەققىدە " .... تۈرك تىلىنىڭ ئەرەب تىلى بىلەنبەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىغىنى ئېنىق كۆرسىتىشئۈچۈن ... " " ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس بايلىق بولۇپقالسۇن دەپ ، .... بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭغا <دىۋىنۇ لۇغانتتۈرك> (تۈركىي تىللار دىۋانى) دەپ ئات قويدۇم " دەيدۇ . مەلۇمكى ،مەھمۇدقەشقەرى بۇ ئەسەرنى ئەرەبلەرگە ، ئومۇمەن تۈرك تىلىنى بىلمەيدىغانلارغا ئۇنىئۈگۈتۈش مەقسىدى بىلەن يازغان . جاپالىق ئەمگەك سەرپ قىلىپ ، تۈركى تىللاردىكىسۆزلەرگە ئەرەبچە ئىزاھ بەرگەن ۋە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ تۈركى تىللارنىڭگىراماتىكىسى توغرىسىدا خېلى تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن .
ئالىممەھمۇد قەشقەرى ئۆز كىتاۋىنى قانداق يازغانلىقىنى ، يېزىشتا قانداقئۇسۇل قوللىنىلغانلىغىنى ۋە نېمىگە دىققەت قىلغانلىغىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ :
" ...... مەنتۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن ، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلاردىن ،ئەڭزېرەكلىرىدىن ، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇبلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستانەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن - ئاياقكېزىپ چىقتىم ، تۈرك ، تۈركمەن ، ئوغۇز ،چىگىل، ياغما ، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنىئېنىقلاپ چىقىپ ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم .... پۇختا رەتلەپ ،ئوبدانتەرتىپكە سېلىپ چىقتىم . " بۇ كىتابنى " ھېكمەتلىك سۆزلەر ،قاپىيىلىكنەسرلەر ، ماقال - تەمسىللەر ، بېيىت - قوشاقلار ، رەجەزلەر ۋەنەسرىي پارچىلار بىلەن بېزەپ ، مەخسۇس ئېلىپبە تەرتىۋىدە تۈزۈپ چىقتىم ...." . "...... جۈملىدىن تۈرك خەلقلەرنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرىنىئىپادىلەيدىغان شىئېر - قوشاقلىرىدىن ، قايغۇلۇق ۋە خوشاللىق كۈنلىرىدە ئېيتقانچوڭقۇر مەنىلىك ماقال - تەمسىللىرىدىن مىساللار كەلتۈردۈم ...... شۇنداق قىلىپ بۇكىتاب يېڭىلىقلارنى بېرىشتە قىيامغا ، قىممەت ۋە گۈزەللىكتە پايانىغا يەتتى "
يۇقۇرىداكەلتۈرۈلگەن پاكىتلاردىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، مەھمۇد قەشقەرى "تۈركى تىللاردىۋانى" نى يېزىشتا ، بىر تەرەپتىن ، تۈرك تىلىنىڭئەرەب تىلىدىن قېلىشمايدىغانلىغىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا ،يەنەبىر تەرەپتىن ، تۈرك مەدىنىيىتى بىلەن تونۇشۇشنى ئارزۇ قىلغان ئەرەبلەرنىڭ بۇتىلنى ئۈگىنىشكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان .
مەسىلىنىڭمۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلىشىدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى سەۋەب بار :
بىرى، ئۇممەۋى (ئۈمەييە) ۋە خەلپىلىرى ئىشغال قىلغان كەڭ زېمىندابويسۇندۇرۇلغان يەرلىك ئاھالە ئالى ھاكىمىيەت تىلى بولغان ئەرەب تىلىنى قوللىناتتى. ئىلىم - پەن . ئەدەبىيات ، تارىخ ، تىلشۇناسلىق ،قانۇن- سىياسەتكە دائىر ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەرەب تىلىدا يېزىلاتتى . شۇڭا بۇ رايونلاردىكىخەلقلەرنىڭ ھەممىسى ئەرەب مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ياشىغان بولغاچقا ،ئەرەبتىلىنى مۇكەممەل ئەدىبىي تىل ھېسابلىشاتتى . مانا مۇنداق ئىجتىمائىي سەۋەبلەردىن ،ئوتتۇرائەسىر دۇنياسىدا غەربتە لاتىن تىلى ، شەرقتە ئەرەب تىلى ئاساسلىق تىل دەپ قارالدى. ياۋروپادىكى كۆپلىگەن ئېنگىلىز ۋە نېمىس ئالىملىرى ئۆز ئەسەرلىرىنى لاتىن تىلىدايازغان بولسا ، شەرقتىكى نۇرغۇن مۇسۇلمان ئالىملىرى ئۆز ئەسەرلىرىنى ئەرەبچەيازدى . ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى " تۈركى تىللار دىۋانى "ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىش ئارقىلىق تۈرك تىلىنىڭ دۇنيادا شۆھرەتلىك تىل دەپتونۇلۇۋاتقان " ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش "تەك چېپىپ كېتىۋاتقانلىغىنى قايىل قىلارلىق تىل پاكىتلىرى بىلەن ئوچۇق كۆرسۈتۈپتۇراتتى .
يەنەبىرى ، سالجۇق تۈرك سۇلتانلىقى بىلەن قاراخانىلار خانلىغى ئەرەبلەرنىڭسىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مەدىنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىغىتۈپەيلىدىن ، ئەرەب خەلىپىلىكى تەۋەسىدە تۈرك تىلىنى ئۈگۈنۈش زۆرۈر ۋە ھاجەتبولۇپ قالدى . بۇ سەۋەبلەرگە كۆرە مەھمۇد قەشقەرى " تۈركى تىللار دىۋانى"نى يېزىپ ، ئەرەبلەرنىڭ تۈرك تىلىنى ئۈگۈنۈش ئېھتىياجىنى قاندۇردى .
"تۈركىتىللار دىۋانى" نىڭ تىلى توغرىسىدا شۇنى ئېيتىش مۈمكىنكى ،مەشھۇرئالىم ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركى تىللار ئىچىدىن خاقانىيە تىلىنى قېلىپلاشقان ئەدىبى تىلدەپ تۇنۇپ ۋە ئۇنى ئاساس قىلىپ ئۆز ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى . خاقانىيە تىلىنىڭ فونتېكا، مورفولوگىيە ، لېكسىكىلىرىنى چۈشەندۈردى . ئەينى دەۋردەئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن بۇ ئەدىبىي تىل توغۇرلۇق تىللارنىڭ ئىچىدە "ئەڭ پاساھەتلىكتىل خاقانىيىنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىدىكى خەلقنىڭ تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" ،" بارلىقۋە خەت ئالاقىلىرى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىلىپ كەلگەن " دەپ يازدى . دېمەك ،"تۈركىتىللار دىۋانى" 11 - ئەسىردىكى تۈركى تىلىنىڭ ، بولۇپمۇ ئەينىزاماندىكى ئۇيغۇر ئەدىبىي تىلىنىڭ قىممەتلىك بىر خەزىنىسىدۇر
  
         تولۇق ئوتتۇردىكى بىلىملىرىم ھەم كىتاپلىرىم


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
Barcelona + 20赞一个!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 20  باھا خاتىرىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1302
تۆھپە
942
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 13:33:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نۇخىتىنى بىلىۋالدۇق


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
1193
تۆھپە
700
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 08:26:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ«تۈركىي تىللار دىۋانى»-بىباھا گۈھەردۇر. ياخشى كىتاپ-بىر دۇنيا.


Rank: 4

ئىسىمى
FAShiS
تىللا
197
تۆھپە
106
UID
475
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-5 23:31:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇد قەشقەرى تۇرۇك تىللا دىۋانى دىگەن كىتاپنى قاچان يازغان بولغۇيتى ھە . . . !


Rank: 1

تىللا
37
تۆھپە
27
UID
6981
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 10:29:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
FAShiS يوللىغان ۋاقتى  2012-3-5 23:31
مەھمۇد قەشقەرى تۇرۇك تىللا دىۋانى دىگەن كىتاپنى قاچان  ...

50 ياشلار ئەتراپىدىغۇ دەيمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 03:53, Processed in 0.075229 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991