نورمال بولغان غەلىتە ئىشلار
1.بىنالار قانچە كۆپ سېلىنغانسىرى ، ھەر كىۋادىرات مېتىردىكى باھا پەرقى شۇنچە روشەنلىشىدۇ.
2.يوللا قانچە كۆپ ياسالغانسىرى ، ئاپتوموبىللار داۋاملىق توسۇلۇپ قالىدۇ.
3. ئېلانلار قانچە كۆپ ئاڭلىتىلغانسىرى ، راست- يالغىنىنى پەرق ئەتمەك تەسلىشىدۇ.
4. كومپيۇتېرنى كۆپ ئىشلەتكەنسېرى ، قەلەم بىلەن خەت يازغاندا خاتا بەتلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.
5. ‹‹ ئورۇقلايمەن›› دېگەنسېرى ، ئېچىرقاشقا چىداپ جاپالىق مەشىق قىلىنىدۇ.
6. ئاجرىشىش كۆپەيگەنسىرى ، بىرى يەنە بىرىگە يەتمەيدۇ.
7. بايلىق قانچە كۆپ توپلانغانسېرى، قانائەت ۋە خۇشاللىق شۇنچە ئازىيىدۇ.
8. چۈش ۋە خام- خىيال قانچە كۆپ بولغانسېرى ، ياخشى ئىش قىلىش رىۋايەتكە ئايلىنىدۇ.
9. غەلىتە ئىشلار قانچە كۆپ بولغانسېرى ، دائىم غەلىتە تۇرمۇش كەچۈرۈلىدۇ.
ساقلىغانلىرىم