مارالبېشىدىكى تارىخىي ئىزلار(4)
سائادەت بەگ قەبرىسى
توغراق يوللانمىسى
سائادەت بەگ قەبرىسى مارالبېشى ناھىيەسى شاقۇ ئورمان مەيدانىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 13كىلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان، بۇ قەۋرىگە سائادەت بەگ ئىسىملىك بىر مەشھۇر شەخىس دەپنە قىلىنغان بولۇپ، ئېيتىلىشىچە، 14-،15-ئەسىرلەردە ئۇ كىشى بۇ يەردە ياشىغان، پاكىستان، ئىران قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئېلىم تەھسىل قىلىپ، شۇ زاماندىكى ئۇقۇمۇشلۇق شەخىسكە ئايلانغان. ئۇ كىشى ئەينى زاماندا ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر پەلۋان ۋە چەۋەنداز بولۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيىتتى، نۇرغۇنلىغان يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇنىڭ يىتەكلىشى بىلەن 50كىشىلىك چەۋەندازلار ئەترىتى قۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ ماھارەت كۆرسەتكەن، پادىشاھ ئىنتايىن مەمنۇن بولۇپ، بۇ جايغا »سائادەت بەگ ئايمىقى «دىگەن نامنى، سائادەت بەگكە »خانزادە« دىگەن نامنى بەرگەن، ئۇ خانزادە بولغان مەزگىلدە ئادالەتنى ياقىلاپ، قانۇننى قاتتىق ئىجر اقىلغان. بۇ قەۋرىنىڭ يېنىدا يەنە بىر قەۋرە بولۇپ، بۇ يەرگە بارچۇق شەھىرىدە ياشىغان رۇزى بەگ ئىسىملىك يەنە بىر مەشھۇر شەخىس دەپنە قىلىنغان، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى دولان مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا سەرىپ قىلغان بولۇپ، بارچۇقنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت، تەنتەرىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىايتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،دولان مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ۋە تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان.