ياسىنجان رەھمىتۇللا
كورلىدىكى ۋە شىنجاڭدىكى خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر كورلىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، تاشنى قولى بىلەن چېقىش، مىخ يېيىش، كىشىلەرنى كىيىم كىيمىگەن ھالەتتە كۆرۈش ۋە بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئۆزگىچە خىسلەت-كارامەتلىرى بىلەن ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ئىگە ئۆمەرجان ھىمىت ئەپەندىنى ئاڭلىغان ياكى ئۇنى خېلى ئوبدان بىلىدۇ. چۈنكى ئۆمەرجان ئەپەندىنىڭ كارامەتلىرى ۋە ساخاۋەتلىك ئىش-ئىزلىرى ئاپتونوم رايونىمىز ۋە دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى تاراتقۇلاردىلا ئەمەس، بەلكى چەت ئەل سەھنىلىرىدە كۆرسەتكەن كارامەتلىرىمۇ چەت ئەل تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن بەس–بەستە خەۋەر قىلىندى. بىلىشىمچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىلىنتون شىنجاڭغا كەلگەندە ئالاھىتەن ئۇنى قوبۇل قىلغان. تېخى يېقىندىلا ئۇ، يەنى 2011–يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورىيە SBS تېلېۋىزىيەسى STARKING پىروگراممىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كورىيەنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسلىرى، ناخشىچىلىرى يىغىلغان سەھنىدە تاش چېقىش، مىخ يېيىش، يوغان تاشنى چىشلەپ ئۈزۈشتەك كارامەتلىرىنى كۆرسىتىپ، پۈتكۈل كورىيەلىكلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان.
2006-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلەت پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى ئۆمەرجان ئەپەندىگە ‹‹جۇڭگودىكى خاسىيەتلىك ئادەم›› دېگەن نامنى بەرگەن ۋە ئۇنىڭ نامى ‹‹دۇنيادىكى داڭلىق شەخسلەر›› قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ ھازىر جۇڭگو مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزىنىڭ ئالاھىدە خادىمى، جۇڭگو مودا-سەنئەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو مىللىي مائارىپ كېڭەشمىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى، جۇڭگو خەير-ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى. ئۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، كورلا، ئاقسۇ، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا 3 مىليون 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغان.
خوش، ئۇنداقتا دىيارىمىزدىكى يەنە بىر كارامەت ئىگىسى زادى كىمدۇ؟ ئۇنىڭ قانداق كارامەتلىرى باردۇ؟ ئۇ ھازىر قەيەردە، نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقاندۇ؟
مەن بۇلتۇر يۇرتۇم بۈگۈردە بىر مەزگىل تۇرۇش جەريانىدا، دوست- بۇرادەرلىرىمدىن بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ قارىباغ يېزىسىدا ئۆمەرجان ھىمىتقا ئوخشاش قالتىس كارامەتكە ئىگە يەنە بىر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. لېكىن ئۇ يىگىتنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۈگۈردە ئۇزاق تۇرمىغاچقا، ئۇنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي كەلگەن بولساممۇ، لېكىن بۇ يىگىتنى زىيارەت قىلىش ئويۇم بارلىقىنى ئاغىنىلىرىمگە ئېيتقانىدىم. دېگەندەك، ئالاھەزەل ئۈچ ھەپتىنىڭ ئالدىدا بۈگۈر ناھىيە قارىباغ يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان ئاغىنەم ئوسمانجان ماڭا تېلېفون بېرىپ، مەن ئۇزۇندىن بېرى زىيارەت قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن خىسلەتلىك ئادەم ـــ ھەسەنجان مۇھەممەدنىڭ ئىشخانىسىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ ماڭا تېلېفون قىلىپتۇ. مەن تېلېفوندا ئۇنىڭ بىلەن قىسقىچە كۆرۈشۈپ، بىرەر ئىش بىلەن كورلىغا كەلسە ماڭا تېلېفون قىلىشنى ھەمدە ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇزۇنغا قالماي بۈگۈرگە بېرىپ، كارامەتلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، مەخسۇس زىيارەت قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ۋە ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى خاتىرىلىۋالدىم.
