كۆرۈش: 4709|ئىنكاس: 3

مەزى بېزى راكىنى تاشقى كېسەللكلەر بويىچە داۋالاش[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
171
تۆھپە
68
UID
690
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 11:32:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                       مەزى بېزى راكىنى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالاش
                                ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە
                 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى سۈيدۈك ئاجرىتىش
                                  تاشقى 1- بۆلۈمى  ئابلىز ئىسمايىل ( ۋىراچ)
       مەزى بېزى راكىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئوپىراتسىيەسى بولسا بىردىنبىر ئالدىن كۆزىتىش خاراكتىرىدىكى كىلىنكىلىق تەتقىقات ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ۋە دورا ئارقىلىق داۋالاشقا سېلىشتۇرغاندا، مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئۆسمە بار بولغان شارائىتتا ھايات كەچۈرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتالايدىغان يەرلىك(دائىرىلىك)داۋالاش ئۇسۇلى. مەيلى ئوچۇق ئوپېراتسىيە ياكى لاپاروسكوپ(قورساق بوشلۇقى ئەينىكىىدە قىلىدىغان)ئوپېراتسىيەسى بولسۇن، ئوپېراتسىيەنى دوۋسۇن سۆڭەك كەينىدىن قىلىش كىلىنكىدا ئەڭ ئومۇملاشقان، چۈنكى بۇ ئۇسۇلدا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ياقتىكى داس بوشلۇقى لىمفا تۈگۈنىنى تازىلىغىلى ھەم بۇ ئارقىلىق داس بوشلۇقى لىمفا تۈگۈنىدە ئۆسمە يۆتكىلىش ئەھۋالىنىڭ بار- يوقلۇقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.
         كىلىنكىدا، چەكلىمىلىك مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنى 10 يىلدىن كۆپرەك ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ دەپ مۆلچەرلەنسە، مەيلى قايسى خىل مەزى بېزىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئوپېراتسىيەسى بولسۇن، داۋالاش نىشانى ئۆسمىنى يىلتىزىدىن كىسىۋېتىپ، زەكەرنىڭ قوپۇش(قايىم بولۇش ) ئىقتىدارىنى ۋە كىچىك تەرەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت. كۆپ قىسىم كىلىنكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، %84~%69 كىچە بولغان چەكلىمىلىك مەزى بېزى راكى بىمارلىرىدا ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە، مەزى بېزى خاس ئانتىگېىنى قايتا قوزغالمىغان. كۆپ ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئانالىزىدىن(PSA)بايقىلىشىچە، مەزى بېزى راكىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن كېسەللىكنىڭ قايتا  قوزغىلىشى ئۆسمىنىڭ كىلىنكىلىق دەۋرى، تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈپ Gleasonبويىچە نومۇر قويۇش، ئوپېراتسىيەدىن
ئاۋۋالقى PSAقىممەت، پاتولوگىيەلىك دەۋرگەئايرىش ۋە ئەۋرىشكىگە Gleasonبويىچە نومۇر قويۇش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.  قىسمەن تەرەققىيات باسقۇچىدىكى مەزى بېزى راكىغا نىسبەتەن،  پەقەت يىلتىزىدىن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنىلا ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۈنۈمى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقتىن، ئىچكى ئاجراتمىلارنى داۋالاشقا ئوخشاش قوشۇمچە داۋالاشنى تەڭ ئېلىپ بارغاندا، داۋالاش ئۈنۈمىنى بىر قەدەر يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
      نۆۋەتتە، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان مەزى بېزى راكىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئوپېراتسىيەسى دوۋسۇن سۆڭەك كەينىدىن مەزى بېزى راكىنى داۋالاش ئوپېراتسىيەسى بولۇپ، بۇ ئوپېراتسىيەدە ئۆسمە توقۇلمىلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېسىپ ئېلىۋەتكىلى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەكەرنىڭ قوپۇش ئىقتىدارى ۋە كىچىك تەرەتنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت ئاناتومىيەلىك ئىقتىدارنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. دوۋسۇن سۆڭەك كەينىدىن مەزى بېزى راكىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنىڭ قەدەم – باسقۇچلىرى: داس بوشلۇقى لىمفا تۈگۈنىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تازىلاش، دوۋسۇن سۆڭەك – مەزى بېزى تارىمۇشىنى ئاجىرتىش، قان- تومۇر ۋە نېرۋا دەستىسىنى جەزملەشتۈرۈش(ئېنىقلاش)ۋە ساقلاپ قېلىش ( ئەگەر ئۆسمىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىسا كېسىپ ئېلىۋېتىلىدۇ)، ئۇرۇق خالتىسى ۋە دوۋساق بوينىنى ئايرىش ھەمدە سۈيدۈك يولى بىلەن دوۋساق بوينىنى تۇتاشتۇرۇىش قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. قاناش ــ  ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىك. زەكەر دۈمبە ۋېنا مۇرەككەپ تەنچىسىنى ياخشى كونترول قىلغاندا، ئوپېراتسىيە جەريانىدىكى چوڭ قاناشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مەزى بېزى راكى ئوپېراتسىيەسى دوختۇرلاردىن داس بوشلۇقى ئاناتومىيىسىگە پىششىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. (دوختۇرنىڭ)ئوپېراتسىيە قىلىش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قان كۆپ چىقىش ئەھۋالى تەدرىجىي ئازىيىدۇ.
          مەزى بېزى راكىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكى ئوپېراتسىيە جەريانىدىكى ئەگەشمە كېسەللىك ۋە ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەگەشمە كېسەللىك دەپ ئىككگە بۆلىنىدۇ. كۆپ ئەھۋاللاردا ، ئوپېراتسىيە جەريانىدا  ۋە ئوپېراتسىيەنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى%  0.5 تىن تۆۋەن بولۇپ، ئاساسەن يۈرەك ۋە ئۆپكە قاتارلىق ئەزالارنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قاناش بولسا ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىك بولۇپ، تۈز ئۈچەينىڭ زەخمىلىنىش ئېھتىماللىقى%2 -%1 ، يېپىق تۆشۈك نېرۋىسىنىڭ زەخمىلىنىش  ئېھتىماللىقى%0.5، سۈيدۈك  نەيچىسىنىڭ زەخمىلىنىش ئېھتىماللىقى%0.1  .  ئوپېراتسىيەدىن  كېيىنىكى  ئەگەشمە  كېسەللىكلەر : كېچىكىپ قاناش،(%0.5 )، لىمفا سېۋىتى (%3.4 )، جاراھەت ئېغىزى يۇقۇملىنىش(%1.5)، چوڭقۇر ۋېنا قان نوكچىسى (%2.6)، ئۆپكە ئارتېرىيە قان نوكچىسى (%0.5دىن تۆۋەن) ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى (%0.6) قاتارلىقلار.
       ئوپېراتسىيەنىڭ ئالدى-كەينىدە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە ئوپېراتسىيە جەريانىدىكى قاناش ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىمارنىڭ يېشى ياكى ئوپېراتسىيە ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قسقىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ تەجرىبىسى ۋە ماھارىتىمۇ تەسىر كۆرسەتكۈچ ئامىل ھېسابلىنىدۇ. سۈيدۈك تۇتالماسلىق ـــ ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىك بولۇپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى3ئايدىن 6ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەسلىگە كېلىدۇ. زەكەرنىڭ قوپۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشمۇ مەزى بېزى راكىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىك. يەنە تېخنىكا، بىمارنىڭ يېشى، زەكەرنىڭ ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرىكى قوپۇش ئىقتىدارى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارمۇ ئوپېراتسىيە ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2011-يىللىق ساقلىق-ساقلاش ژورنىلىدىن ئېلىندى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
356
تۆھپە
200
UID
1698
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 19:09:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستمىدۇ؟!


Rank: 1

تىللا
13
تۆھپە
5
UID
5413
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 19:34:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزى بىزى ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا  ياكى داۋالاش ئۇسۇلى توغرا بولمىغاندا  ،ئاسانلا مەزى راكىنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 22:28:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزى بېزى كېسەللىكى ھازىرقى ئەرلەرنىڭ كۇپىنچىسىدە بار بولغان بىر خىل ئەرلەر كېسىلى...


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:47, Processed in 0.073119 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991