كۆرۈش: 9214|ئىنكاس: 12

ئالاھىدە ئىمتاھان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 21:50:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالاھىدە ئىمتاھان


ھىندىستاندىكى بىر ئالى مەكتەپ مۇھىم ئىمتىھان ئالماقچى ئىكەن، لېكىن تۆت ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش جىددى تەييارلىق قىلماستىن  ، سىرتقا چىقىپ يېرىم كېچىگىچە ئويناپتۇ . ئۇلار ئەتىسى ئەتىگەندە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىكتىن قورقۇپ ، ئۇيان-بۇيان ئويلىنىپ يۈرۈپ ئاخىر بىر ئامال تېپىپ چىقىپتۇ . ئۇلار ئاۋال ئۈستىبېشىغا لاي سۈركەپ ، ماكتەپ مۇدىرىنى .ئىزدەپ بېرىپ ،روھى چۈشكەن ھالدا ئۇنىڭغا تۈنۈگۈن كەچتە بىر دوستىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كىيىن ، ياناشىدا ئاپيوموبىلنىڭ چاقى تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتكەنلىكىنى ، قېرىشقاندەك ئالماشتۇرغىلى ئارتۇق چاق بولمىغاچقا ، بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئۈچۈن شېغىللىق يولدا ئاپتوموبىلنى بىر كېچە دېگۈدەك ئاران تەسلىكتە ئۈلگۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ، لېكىن ھازىر ناھايىتى چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمەسلىكتىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى   ئېيتىپتۇ . مەكتەپ مۇدىرى ئۇلارغا ئاۋال قايتىپ ئارام ئېلىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن كېلىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىشنى ئېيتىپتۇ .  ئۇلار ناھايىتى خوشال بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم ياخشى تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قايتىپ كېتىپتۇ .ئۈچ كۈندىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرى تۆت ئوقۇغۇچىدىن .ئايرىم  -ئايرىم تۆت سىنىپتا ئىمتىھان ئاپتۇ. ئۇلار تولۇق تەييارلىق بىلەن ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپتۇ ،لېكىن ئىمتىھان قەغىزى تارقىتىلغاندىن كىيىن ئۇلار تولىمۇ ھەيران قاپتۇ . ئىمتىھان قەغىزىدە پەقەت ئىككىلا سوئال بولۇپ ، تولىمۇ ئاددى ، تولۇق نومۇر 100 ئىكەن .1- سوئال ئىسىم - فامىلىسىنى يېزىش بولۇپ ئىككى نومۇرلۇق ، 2- سوئال ئۈچ كۈن ئىلگىرىكى چاقى ئېتىلىپ كەتكەن ئاپتوموبىلنىڭ ئېتىلىپ كەتكەن چاقىنىڭ قايسىسى ئىكەنلىكى بولۇپ ، ئۇنىڭدا تۆت خىل تاللاش بار ئىكەن . 1- سول تەرەپ ئالدى چاقى ، 2- ئوڭ تەرەپ ئالدى چاقى ، 3- سول تەرەپ كەينى چاقى ،4- ئوڭ تەرەپ كەينى چاقى بولۇپ ، بۇسوئال 98 نومۇرلۇق ئىكەن .

         بۇ سوئال ئاشۇ تۆت ئوقۇغۇچىنىڭ راستچىللىقىنى سىناش سوئالى ئىدى . گەرچە قارىماققا ناھايىتى ئاددىدەك قىلسىمۇ ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ سوئالغا توغرا جاۋاپ بېرەلمەيتتى  ، چۈنكى ئۇلار يالغان سۆزلەشنى مەسلىھەتلىشىۋالغاندا بۇنداق سوئال سورىلىپ قالسا ، قانداق جاۋاپ بېرىشنى دىيىشىۋالمىغانىدى . شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەپتۇ .

مەنبە:ساخلىغانلىرىم

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1054
تۆھپە
514
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 12:07:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھا ...راستچىللىق تەشەببۇس قىلىمىز.


ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2072
تۆھپە
1542
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 16:34:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئالدامچىنىڭ قۇيرىقى بىر تۇتام دە


Rank: 2

تىللا
94
تۆھپە
18
UID
5457
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 16:58:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئىنتاھانكەن ،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
711
تۆھپە
573
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 23:35:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ ئاجايىپ ئىش بوپتۇ ھە. ھې ھې ھې...


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 2

تىللا
116
تۆھپە
39
UID
4773
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 01:01:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىپتۇدە.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
شاتۇت
تىللا
198
تۆھپە
60
UID
3220
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 11:35:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئالدامچىنىڭ قۇيرىغى بىر تۇتام ››دىگەن شۇدە .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
711
تۆھپە
573
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 13:00:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇدىكى ئىملا خاتالىقىنى ئوڭشاپ قويسىڭىزكەن قاپلانباي!


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 18:11:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تازىلىق ئۆيىگە كىزگەندە تازىلىق قەغىزىنى بىرگە ئېلىۋېلىش كېرەكتە . دۆتلەر ، شۇنچىلىك ئىشنىمۇ قاملاشتۇرالمىغان . يالغانچىلىق باشلانغان چاغدىلا مۇھىم ھالقىنى تۇللۇق تەپسىلات بىلەن توقۇپ ، ئاۋال ئۆزىنى شۇ يالغانغا  ئىشەدۈرەلىسە ، ئاندىن ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ .

بۇمۇ ماڭا «كو........ـيە» ئۆگەتكەن دەرس ، ئىسمى «جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈش» .


Rank: 1

تىللا
25
تۆھپە
6
UID
6239
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 20:43:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەدان تۈلكە تۇنشۇقىدىن ئىلىنىدۇ ،دىگەن شۇدە


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 03:54, Processed in 0.080755 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991