 | قۇتادغۇبىلىك ئىندېكسى
قۇتادغۇبىلىك ئىندېكسى
مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا
مۇئەللىپتىن
ھۆرمەتلىك كىتابخان، قولىڭىزدىكى <<قۇتادغۇ بىلىك>> نىڭ ئىندېكسى سىناق نۇسخىسىنى دىققىتىڭالارغا سۇنماقچىمەن. بىلىشىمچە <<قۇتادغۇ بىلىك>> نىڭ ئىندېكسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تۇنجى ئىشلىنىۋاتقان بىر بىر تەتقىقات بولغاچقا، ئىندېكسنى ئىشلەشتە بەزى بىر توسالغۇ قىيىنچىلىقلارمۇ يوق دېسەك بولماس، شۇنداقتىمۇ قولۇمدىكى مەۋجۇت ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، (پايدىلانمىلارغا قاراڭ) 4 يىللىق بىر جاپالىق ئىزدىنىش ۋە سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئاخىرى <<قۇتادغۇ بىلىك>> نىڭ ئىندېكسىنى تاماملىدىم. <<قۇتادغۇ بىلىك>> نىڭ ئىندېكسنى قولۇمغا ئېلىشىمدىكى تۈپ سەۋەبلەر:
1. تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئەسەرلەردىن بىرى بولغان <<قۇتادغۇ بىلىك>> ئىندېكسنى ئىشلەش ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى مەجبۇرىيىتىمنى ئورۇنداش دەپ قارايمەن. 2. <<قۇتادغۇ بىلىك>> نىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىشتا تىل تەتقىقاتچىلىرىغا بىرىنچى قول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگۈسى. 3. تۈرك تىلىنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورتا ئۇيغۇرچە دەۋرنىڭ<<تۈركى تىللار دىۋانى>> دىن قالسا ئىككىنچى بىر لۇغىتى سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچىلىرىغا كېرەكلىك بولغان خاقانىيە تىل ماتېرىياللىرىنى تولۇقلاپ تەمىنلىيەلەيدۇ. 4. ئورتا ئۇيغۇر تىلى سېلىشتۇرما تەتقىقاتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان لۇغەت ئوخشاش دەۋرنىڭ مەھسۇلاتى <<تۈركى تىللار دىۋانى>> بىلەن <<قۇتادغۇ بىلىك>> ئوتتۇرىسىدا روشەن بىر كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تارىخى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇشقا كۈچ چىقارغۇسى. 5. كىتابخانلارنىڭ <<قۇتادغۇ بىلىك>> تەتقىقاتى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ۋە باشقا جەھەتلەردە قۇلايلىق يارىتىپ بەرگۈسى. >>قۇتادغۇبىلىك<< نىڭ ئىندېكسنى نۇقسانسىز دېيىشكە تىلىم بارمايدۇ. سەۋەب، سەۋىيەم ۋە تىلشۇناسلىق تەجرىبەمنىڭ كەملىكى ئىندېكس ئىزاھاتىنىڭ تولۇق نۇقسانسىز شەرھلىنىشىگە توسالغۇ بۆلىشى تەبى تۇرغان گەپ. شۇڭا پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ، كەسىپداشلىرىمنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پىكىر تەلەپلىرىنى، تۈزىتىش، ئىزاھاتلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا
2010-يىلى نويابىر ، لوندون
پايدىلانمىلار
تۈركچە <
1. ARAT, Reşid Rahmeti.
i. Kutadgu Bilig , Metin, Istanbul, Milli Egitim Basımevi. 1947
ii. Kutadgu Bilig , Tercüme, Türk Tarih Kurumu Yayınlarından, 2. Seri, No 20, Türk Tarih Kurumu Basımevi, Ankara, 1959. iii. Kutadgu Bilig III- İndeks. İstanbul: Türk Kültürünü Araştırma Enstitüsü. K.Eraslan, O.F.Sertkaya, N.Yüce (Neşre Hazırlayanlar) 1979 2. ATALAY, Besim.
i. Divanü Lügat-it-Türk Tercümesi -I-, TDK Yayınları, Ankara. 1998,
ii. Divanü Lügat-it-Türk Tercümesi -II-, TDK Yayınları, Ankara. 1998,
iii. Divanü Lügat-it-Türk Tercümesi -III-, TDK Yayınları, Ankara, 1999,
3. CAFEROĞLU, Ahmet. Eski Uygur Türkçesi Sozlüğü, Türk dil Kurumi, Yayınlar, Sayı; 260, Edebiyat Fakultesi Basimevi, Istabul, 1968. 4. DİLAÇAR A. Kutadgu Bilik İndelemesi, Yükseköğretim Kurulu Matbası’nda basılmıştır, Ankara 1995 . 5. ERCİLASUN, Doç. Dr. Ahmet B. Kutadgu Bilig Grameri -Fiil-, Gazi Üniversitesi Yayınları, Ankara, 1984. 6. GABAIN, A Von. Eski Türçenin Grameri, Mehmet Akalin Türkçe tercümesi, Atatürk Kültür, Dil we Tarih Yüksek Kurumu, Türk Dil Kurumu, Yayinlari :532, Ankara 1995. 7. GENÇ, Reşat. Karahanlı Devlet Teşkilatı. Ankara: Kültür Bakanlığı,1981
8. HACIEMINOĞLU, Prof. Dr Necmenin. Karahanlı Türkçesi Grameri Atatürk Kültür , Dil- ve Tarih Yüksek Kurumu Tük Dil Kurumu Yayınlari : 638, Ankara,1996 9. HAS HACIB, Yusuf. Kutadgu Bilig , (Çev. Fikri Silahdaroğlu) Ankara: Kültür Bakanlıgı1996 10. KARA, Mehmet. Bir Başka Açıdan Kutadgu Bilig, TC Kültür Bakanlığı Yayınları, Ankara,1998. 11. ÖLMEZ، Mehmet. Çağdaş Türk Dillerinde Kutadgu Bilig Çevirileri Türk Dilleri Araştırmaları 14 (2004): ı 03- ı 26 12. PARLAK , Hatice. Kutadgu Bilig’in Metindilbilimsel Yapisi (Doktora Tezi) Gazi Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü Türk Dili Ve Edebiyati Anabilim Dali Türk Dili Bilim Dali. Ankara. 2009 13. ÜŞENMEZ Emek. Karahanlı Türkçesi Sözlüğü ( Yüksek Lisans Tezi ) KÜTAHYA – 2006
باشقا تىللاردا
1. Jusup Balasaghun, Qutadghu bilik, Asqar Efeybaeb, Almati, 1986
2. Yosuf Xos Hojib, Qutadghu bilig, Boqijan Tuxlieb, ‘Yolduzcha’Nashiriyoti, Tashkent, 1990 3. Yusup Khass Hajib. Wisdom of Royal Glory (Kutadgu Bilig) A Turco Islamic Mirror for Princes. Translated with and Introduction and notes. By Robert Dunkoff, University of Chicago Press, Chicago and London. 1983. 4. Yusuf Balasaqunlu Qutadqu Bilik (Xoshbexliye Aparan Elm) Kamil Veliyev, Ramiz Esker. Baki, 2006 5. 忧素甫。哈斯。哈吉布甫, 《福乐智慧》,郑关中, 张宏超,刘宾 译,民族出版社, 北京,1986。
>
ئۇيغۇرچە
1. ئابلىمىت ئەھەت، دىلدار مەمتىمىن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى، شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1989-يىلى. 2. غولام غوپۇرى، مۇھەممەت تۇرسۇن ئىبراھىمى، خوجا ئەخمەت يۈنۈس. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك، مىللەتلەر نەشرىياتى، ،بېيجىڭ، 1986-يىلى. 3. يۈسۈپ خاس ھاجىپ. قۇتادغۇبىلىك ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان. مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1984-يىلى. 4. مەھمۇد قەشقىرى. تۈركىي تىللار دىۋانى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،
a. 1- توم 1981- يىلى نەشرى، ئۈرۈمچى.
b. 2- توم 1983- يىلى نەشرى، ئۈرۈمچى.
c. 3- توم 1984- يىلى نەشرى، ئۈرۈمچى.
5. مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا. تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈك ئىندېكسى، قوليازما، 2004-يىلى ، لوندون. 6. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل -يېزىق خىزمىتى كومىتېتى لۇغەت بۆلۈمى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، a. 1- توم1990- يىلى بېيجىڭ.
b. 2- توم1991- يىلى بېيجىڭ.
c. 3- توم 1992- يىلى بېيجىڭ.
d. 4- توم 1994- يىلى بېيجىڭ.
e. 5- توم1995- يىلى بېيجىڭ.
f. 6-توم 1998-يىلى بېيجىڭ.
7. يولۋاس مۇھەممەتئىمىن. <<تۈركى تىللار دىۋانى>> ۋە <<قۇتادغۇ بىلىك>> نىڭ كەچۈرمىشلىرى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى(ئۈستى ئۇچۇق مۇزېي قەشقەر) قەشقەر 8. يۈسۈپ ئېلى ئىسلامى. <<قۇتادغۇ بىلىك>> ۋە قانۇن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى.
|  |