روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1923|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باشلىقمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

            باشلىقمەن

ياسىنجان ئوسمان ئەركزات


پىچاق تۇرۇپ قولۇمدا كەسمەيدىغان باشلىقمەن،
مۈگدەپ يۈرۈپ- مۈدۈرۈپ ئەسنەيدىغان باشلىقمەن.

نېمە دېسە غوجىكام يىرماي ئەسلا سۆزىنى،
ئەزەلدىنلا  قۇرساقنى ئەسمەيدىغان باشلىقمەن.

قاۋان قاترار ئىچىمدە كۈندەك كۈلۈپ تۇرساممۇ،
ئەل-ئاۋامنىڭ بەختىنى قەستلەيدىغان باشلىقمەن.

ئۇخلىساممۇ چۈشۈمدە يامىشىمەن شوتىغا،
ماڭسام-تۇرسام چوڭامنى ئەسلەيدىغان باشلىقمەن.

«خەلق ئۈچۈن...»بولسىمۇ  شۇنچە ياڭراق شۇئارىم،
ھېچكىم ئۈچۈن رىيازەت چەكمەيدىغان باشلىقمەن.

ئەكەل دېسە بۆكىنى  كېسەلەيمەن بېشىنى،
ئابرويۇمنى بىلمسەڭ رەتلەيدىغان باشلىقمەن.

تاغدا يولۋاس بولمىسا،  شاھدۇر مايمۇن شۆھرەتلىك،
تېگىپ قويساڭ چىشىمغا خەپ!!! ...لەيدىغان باشلىقمەن.

تەكلىپ قىلدىم تۆت كۈنلۈك، سىلجىساڭلا سىزىقتىن،
قەلەمقاشنى ئورنۇڭغا سەپلەيدىغان باشلىقمەن.

ئېيتىپ ھالۇ- دەردىڭنى،  بايان ئەيلەپ قەلبىڭنى،
كەلمىسەڭلا قۇرۇق قول، تەپمەيدىغان باشلىقمەن.

يەڭگەم دېمەي ئامالىڭ بارمۇ  ئاكاڭ ئالغاننى،
تىزلانمىساڭ كىم بولما يەكلەيدىغان باشلىقمەن.

ئىش ھەققىڭ ئۆز قولۇمدا، ئاغرىپ ياتساڭ رۇخسەت يوق،
كۈندە ئون ۋاخ سان ئېلىپ خەتلەيدىغان باشلىقمەن.

بۇيرىغاننى قىلىشىڭ  زۆرۈر  ھېچبىر شەرت قويماي،
بويۇنتاۋلىق قىلغاننى ئەپلەيدىغان باشلىقمەن.

خوش-خوش بىلەن يۈكۈنۈپ ياشاپ كەلدىم شادىمان،
چىڭگىلىكتەك يامىشىپ كۆكلەيدىغان باشلىقمەن.

بىلىمىنى پەش قىلغان، قوي-كالىنى بەش قىلغان
ئەركەكلەرگە ئوقۇمنى بەتلەيدىغان باشلىقمەن.

ۋەتەن-ئەل  دەپ سۆزلەيمەن، نەپسىمنىلا كۆزلەيمەن،
پايدا يەتكەن جايدىن ھېچ كەتمەيدىغان باشلىقمەن.

خىزمەت نورمام ئاشتى دەپ زارلاشلىرىڭ بەرىبىر،
ۋەزىپىنى ئاشۇنداق كەپلەيدىغان باشلىقمەن.

يەۋېلىپلا مۈشۈكتەك يۇمۇۋېلىپ كۆزۈمنى،
قىلماي ئەسلا يۈزۈڭنى سەتلەيدىغان باشلىقمەن.

پەش قىلمىغىن ۋالاقلاپ نوپۇزىنى كىملەرنىڭ،
پەيتى كەلسە قانۇندىن چەتنەيدىغان باشلىقمەن.

ئەمەل ئۈچۈن تىپىرلاپ،ئىت-ئېشەكتەك ۋاتىلداپ
يىغىن ئاچسام گەپلىرىم ئۆتمەيدىغان باشلىقمەن.

خېلى-خېلى ھالىم بار، ماختانغۇدەك نامىم بار،
ئالىي سېگارىت تۇتمىساڭ چەكمەيدىغان باشلىقمەن.

ئىشخانامدا ياتىمەن، دەرۋازىنى باقىمەن
ئىشلىسەممۇ مۇشۇنداق ئۆسمەيدىغان باشلىقمەن.

گويا يىپسىز لەگلەكمەن  تىزگىنىم يوق  ھېچكىمدە،
ئۇچۇپ گويا سۇندۇكتەك پەسلەيدىغان باشلىقمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +5 تەڭگە +5 يىغىش سەۋەبى
alxir + 5 + 5 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-4 10:43:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ بۇ شىئىر. قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن !!!
ۋاقتى: 2015-3-4 15:02:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوداقچى ئەمەلدارلارغا ئوبدان قامچا بوپتۇ.
قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز تالمىغاي.
ئەتراپىمىزدىكى بەـزى باشلىقلارنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى ئۆتكۈر تىللار ئارقىلىق يۇرۇتۇپ بىرىپسىز. قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.
ۋاقتى: 2015-3-4 21:46:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرك زاد ئەپەندىمنىڭ قەلىمىگە كۆز تەگمىسۇن.
ۋاقتى: 2015-3-6 12:31:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتىرىك شئىر دىسەك بولغىدەك! ھارمىغايسىز!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-4 04:28

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش