روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2649|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ياشلىقتىكى مۇھەببەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ياشلىقتىكى مۇھەببەت


ئۇچراشساقلا تەلمۈرىسەن تىكىلىپ،
ئۈزەلمەستىن كۆزلىرىمدىن كۆزۈڭنى.
گاھ قويارسەن كالتا-كالتا يۆتىلىپ،
ئېيتالماي چىن يۈرەكتىكى سۆزۈڭنى.
ئۈزەلمەيسەن كۆزلىرىمدىن كۆزۈڭنى.

گاھ قويارسەن كالتا-كالتا يۆتىلىپ،
تىۋىشىڭدىن بەرگىنىڭمۇ  بىشارەت.
چاڭقاقلىقتا كەتتى كۆزۈم تېشىلىپ،
ۋەسلىڭ ئۈچۈن قىلىۋەرمە  بىتاقات.
سالدىڭ مېنى ھەر كويغا ھەي كاساپەت.

ۋەسلىڭ ئۈچۈن  قىلىۋەردىڭ  بىتاقات ،
ماراپ باقتىم پەنجىرەڭدىن ئۆيۈڭگە.
كۆرەلمەي ئاي يۈزۈڭنى ئاھ رىسالەت،
ئايغا باقتىم ئوخشىتىپ ئاي يۈزۈڭگە.
شۇنداق ئىكەن ياشلىقتىكى مۇھەببەت.

ئايغا باقسام ئوخشىتىپ ئاي يۈزۈڭگە،
ئاي يۈزىدە داغ بار ئىكەن تاتلىقىم.
تەڭلىشەلمەس ئىكەن ئايمۇ ئۆزۈڭگە،
پەرىزاتتەك گۈزەل قەلەم قاشلىقىم.
ئىقلىم ئارا سەنلا كۆڭۈل شادلىقىم.

تەڭلىشەلمەس تولۇن ئايمۇ ئۆزۈڭگە،
جانان سېنى بولالمايمەن  تەرىپلەپ.
تەلمۈرىمەن گۈلدەك گۈزەل يۈزۈڭگە،
يۈرىكىمنى قويدۇڭ تەكرار زەرەتلەپ.
كەلگىنە يار   قوياي تاتلىق شەرەتلەپ.

ۋەسلىڭگە رام قىلدىڭ  ئوتلۇق زەرەتلەپ،
كېتەلمەيمەن ئەتراپىڭدىن يىراققا.
ئۆتەر  ئۆمرۈم يوللىرىڭدا تەمتىرەپ،
ئىنتىلگەندەك پەرۋانىلار چىراغقا.
مەلھەم بولغىن ئاچچىق ھىجران-پىراققا.

ئىنتىلگەندەك پەرۋانىلار چىراغقا،
ئىنتىزارمەن ۋىسالىڭغا نىگارىم.
تۇتقۇن قىلما قىيناپ  دەردكە- ئازابقا،
چېچەك ئاچسۇن سۆيگۈڭ بىلەن باھارىم.
سېنى سۆيۈپ ياشاش ئەھدى-قارارىم.


1991-يىل 30-سېنتەبىر، قاراقاشتا يېزىلغان
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

yaxi xiyr  ikan dawamlik yizip turug
ۋاقتى: 2015-2-22 13:33:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ يېزىلىش شەكلىمۇ ئۆزگىچە ئىكەن.
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2015-2-22 15:35:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ ، تېخىمۇ كۆپرەك شىئىرلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرارسىز !
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-2-22 20:31:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرك زاد ئەپەندىمنىڭ  بۇندىن  24 يىل بۇرۇنقى شېئىرلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىمدىن خوشالمەن.
ۋاقتى: 2015-2-22 22:04:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىقتىكى مۇھاببەت ناخشسكەنغۇ بۇ
ۋاقتى: 2015-2-23 02:28:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشىسۇن مۇھەببەت،،،،،يۈرىكىڭىزدىكى شۇ ئوتلۇق ئارزۇلارنىڭ مەڭگۈ يىلىنجاپ تۇرۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن ،،،،،
ۋاقتى: 2015-2-23 12:27:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتنىڭ ئەڭ مۇكەممەل قىسمى يەنىلا " ياشلىقتىكى مۇھەببەت" ئىپادىلىندۇ. ئەركىزات ئەپەندىنىڭ شىئېرلىرىدا بىر خىل تەبىيلىكنى سېزىپ تۇرىمەن. شۇڭا ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن. تەبىيلىككە نىمە يەتسۇن دەيسىز. ياخشى ئەسەرلەر سىزدىن ئايلانسۇن.
ۋاقتى: 2015-2-24 10:37:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-4 06:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش