روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1977|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

لالمىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 00:41  

              لالمىلار  

  ياسىنجان ئوسمان ئەركزات



سۆھلىتىڭگە مىڭ لەنەت ساختا، زاڭ-ماز لالمىلار،
لالمىلىقىڭ مىڭ لالما ئىتقا ئەنداز لالمىلار.

قېنى، ۋىجدان-غۇرۇرۇڭ، سېتىپ-خەجلەپ تۈگەتتىڭ،
ۋۇجۇدۇڭغا ھۆكۈمران خېنىمدەك ناز لالمىلار.

تاپان يالاپ مۈكچىيىپ ئۆتتى ئۆمرۈڭ، ۋاي ئېسسىت،
ئىشەكچىلىك ئەقلىڭ يوق ھاماقەت تاز لالمىلار.

ۋالاقلايسەن-سۆزلەيسەن، نەپسىڭنىلا كۆزلەيسەن،
تولغانسا ئەل ماتەمدە چالدىڭ كۈي- ساز  لالمىلار.

تىلەپ تاپساڭ ئىككى نان داپ چالارسەن بىرىدە،
ئومىچىڭنىڭ تەمى يوق  مەككار، رەڭۋاز لالمىلار.

يالغان شۆھرەت، نام-ئاتاق  قۇلى بولۇپ ياشىدىڭ،
پەسكەشلىكتىن كېچەلمەي زەررىچە ۋاز لالمىلار.

ئەل-ئاۋام قان-قەرزىگە كەتتىڭ  تالاي بوغۇلۇپ،
لەنەتلەردىن يەر سېنى يۇتسىمۇ ئاز لالمىلار.

بۈيۈك ۋەدە-قەسىمىڭ، ئويلىرىڭدىن ئۆرگىلەي،
پەيتى كەلسە كاسكىراپ قويدۇڭغۇ گاز  لالمىلار.

نىجىس جىسمىڭ جاھانغا بىھۇدە يۈك ئەبەدىي،
توشتى ئىپلاس ئەجىلىڭ گۆرۈڭنى قاز لالمىلار.


2015-يىل 26-فېۋرال، قەشقەر


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +5 تەڭگە +5 يىغىش سەۋەبى
alxir + 5 + 5 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-28 01:20:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئىر دىن ئەپەندىمنىڭ غەزىپىنىڭ تولۇپ تاشقىنىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم، ئەل قىساسى مىنەل ھەق ، شىئىرىڭىز ئىخچام ۋە تەربىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە پۈتۈپت،ۇ ھارمىغايسىز…
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2015-2-28 11:40:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرك زاد ئەپەندىمنىڭ بۇ غەزىلى ئىنتايىن پاساھەتلىك يېزىلىپتۇ. قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن.
ۋاقتى: 2015-2-28 12:57:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى تىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئەركىزات ئەپەندىم،،،،قاراتمىلىقى شۇنداق كۈچلۈك ،ياخشى چىقىپتۇ ،،،بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن،،،،،
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-2-28 14:56:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ لالمىلار ›› نى ناھايىتى ياخشى قامچىلاپسىز ، شىئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن !
ۋاقتى: 2015-2-28 16:18:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىزات ئەپەندىمنىڭ بۇ شىئېرى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن يېزىلىپتۇ. كۈرۈنۈپ تۇرۇپتىكى تىل ئىشلتىش ئۇسۇلىڭىز ۋە تىل ئىشلىتىشىڭىز تولىمۇ ماھىرلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىپتۇ. بۇندىن كىينكى ئىجادىيەت ھاياتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-5 00:04

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش