روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2478|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئازاپنىڭ كۈزىدە لىققىدە كۆز ياش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىھىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 13:19  

ئازاپنىڭ كۈزىدە لىققىدە كۆز ياش

گۈلبوستان موللىمىن


بىر ئىزگۈ خىيالدا ئولتۇرۇپتىمەن ،
تاپالماي ئازاپنىڭ دەردۇ-ھالىنى.
نەچارە بىلمىدىم ناتىۋان يۈرەك،
ئېيتقۇدەك يارى يوق كۆڭۈل دەردىنى.

كۈتتۈم مەن ئاق ئاتلىق ئاشۇ يارىمنى،
چىقار دەپ ئالدىمغا گۈلدەستە تىزىپ.
چارچىدىم ،ھالسىردىم كەلمىدىڭ ئەمما،
راستىلا كەتتىم مەن دۇنيادىن ئېزىپ.

ئېيتىقىنا كۈتەيمۇ ،ياكى كىچەيمۇ،
ۋە لىكىن قەبرەمگە كۈمەيمۇ سۆيگۈڭ.
بىلمەيمەن سەنمۇ ھەم سۆيسىەن مىنى،
قاچاندا تاپىدۇ ئاشىق يۈرىكىڭ.

ئازاپنىڭ كۈزىدە لىققىدە كۆز ياش،
كۈتۈشكە قالمىدى مەندە تاقەتلەر.
تىلەيمەن ئاللادىن ئامان بول ئامان،
سەن بىلەن بىللىلا يۈرسۇن تىلەككلەر.




2015-يىل  27-فېۋرال  ئاقسۇ شەھەر
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-28 18:52:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز يەڭگىل ، رېتىملىق ۋە ھېسسىي تۇيغۇغا باي ياخشى چىقىپتۇ ، ھېسسىي تۇيغۇلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي !

باھا سۆز

رەھمەت ،،،،،،سالامەت بۇلۇڭ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-28 19:19
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-28 19:19:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەر36 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 18:52
شىئىرىڭىز يەڭگىل ، رېتىملىق ۋە ھېسسىي تۇيغۇغا باي ياخش ...

رەھمەت ،،،،،،سالامەت بۇلۇڭ
ۋاقتى: 2015-2-28 21:30:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئرىڭىزغا شېئىرى ئىنكاس     كۈتۈشمۇ زور بەخىت بەزىلەر ئۈچۈن،
ۋەلىكىن ئازاپلىق ئاشىقلار ئۈچۈن.
كۈتكەن شۇيارىنىڭ خىيالى قايدا.
مەشۇقنىڭ دەردىنى چۈشەنمەس نىچۈن.
مەزكۇر شىئىرىڭىز بەكمۇ ھىسياتقا باي چىقىپتۇ كۆزتەگمىسۇن…
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2015-3-1 10:43:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىھىر خانىم. شىئېرىڭىز ھېسيات ئىپادىلەشتە خېلى راۋان چىقىپتۇ. تېما پۈتۈن بىر شىئېرىڭىزنىڭ ھەق مۇددىئاسىنى ۋە دىمەكچى بولغانلىرىڭىزنى تۇللۇق ئىپادىلەپ بېرىپتۇ. بۇ بىر ياخشى يۈزلىنىش بوپتۇ. بىرىنچى كۇبلىتى شۇنداق رېتىم بىلەن مېڭىپ ئىككىنچى كۇبلىتقا كەلگەندە شىئېرى تىل ئادەتتىكى تىلغا ئايلىنىپ كىتىپتۇ. ئۈچنچى كۇبلىتنىڭ ئۈچۈنچى مىسراسىدا بىلمەيمەن سەنمۇ ھەم سۆيسىەن مىنى،دەپسىز. بۇ سەل پىكىر زىتلىقى ئەپ كەلدىمۇ قانداق؟ تۆتىنچى كۇبلىت تېخىمۇ ئاددى تىل ئاسارىتىدىن قۇتۇلالماپتۇ....................
بۇنداق دىسەم شىئېرىمدىن پۇتاق چىقاردى دىگەندەك خىيالدا بولۇپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن سىھىر خانىم. مىنىڭچە ياخشى يېزىپسىز. تېرىشىڭ دىگەندەك ۋەزىپىلىك ئىنكاسلاردىن كۈرە مۇشۇنداق ئىنكاس قالدۇرغۇنۇم ئەۋزەل دەپ قارىدىم. مومكىن بولسا قايتا ئىشلەپ كۈرۈڭ. شىئېرىڭىز چۇقۇم تېخىمۇ ياخشى شىئېرغا ئايلىندۇ.

باھا سۆز

ھۆرمەتلىك نەۋرۇز ئەپەندىم ،،ياخشىمۇ سىز !ھازىرغا قەدەر ماڭا نۇرغۇن مەدەتلەرنى بەردىڭىز ،ھەم ھەر بىر شىئىرىم  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-2 21:11
ۋاقتى: 2015-3-1 11:56:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ياخشىمۇ سىز؟ مۇشۇنداق ياخشى شئېر يېزىشنى توختىماي داۋام ئەتكەيسىز، ئاق ئاتلىق شاھزادىڭىزنىڭ يېنىڭىزغا قايتىپ كېلىشىنى تىلەيمەن.

باھا سۆز

رەھمەت جېنىم،،،،مىنى داۋاملىك مۇشۇنداق رىغبەتلەندۇرۇپ تۇرسىز ،،،،كۆپ رەھمەت،،،،،  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-2 21:03
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-2 21:03:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 11:56
دوستۇم ياخشىمۇ سىز؟ مۇشۇنداق ياخشى شئېر يېزىشنى توختى ...

رەھمەت جېنىم،،،،مىنى داۋاملىك مۇشۇنداق رىغبەتلەندۇرۇپ تۇرسىز ،،،،كۆپ رەھمەت،،،،،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-2 21:11:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 10:43
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىھىر خانىم. شىئېرىڭىز ھېسيات ئىپا ...

ھۆرمەتلىك نەۋرۇز ئەپەندىم ،،ياخشىمۇ سىز !ھازىرغا قەدەر ماڭا نۇرغۇن مەدەتلەرنى بەردىڭىز ،ھەم ھەر بىر شىئىرىم يىزىلغاندا ماڭا نۇرغۇن ياخشى پىكىرلەر بىرىش ئارقىلىق مىنىڭ ئەدىبىيات جەھەتتە ئىلگىرلىشىمگە ياخشى بىر ئۇستاز بولدىڭىز ،،،بۇ جەھەتتە سىزدىن چەكسىز مىننەتدارمەن ،بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مىنىڭ بۇ مۇنبەردىكى ئىجادى ئىشلىرىم سىزنىڭ سەمىمى ياردەملىرىڭىزدىن ئايرىلالمايدۇ ،،،،ئەمدى بۇ قېتىمقى شىئىرىمغا كەلسەك بىلمەيمەن ننىڭ كەينىدە بىر چىكىت بار ئىدى ،بۇ بىلمەيمەن قاچانمۇ تاپىدۇ ئاشىق يۈرىكىڭ دىگەن مىسىراغا قارىتىلغان ئىدى،كىيىنكى كۇبلىتى ھەقىقەتەن بىر ئاز ئاددى بوپ قالدى ،مەن يەنە قايتا ئىشلەپ باقاي ،،،،،رەھمەت سىزگە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-9 13:24:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ويغاق يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 21:30
شېئرىڭىزغا شېئىرى ئىنكاس     كۈتۈشمۇ زور بەخىت بەزىلەر  ...

ئىنكاس شىئىرىڭىز بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ ،،،رەھمەت سالامەت بۇلۇڭ
ۋاقتى: 2015-3-10 13:15:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئرىڭىز  ماڭا  بەكمۇ  ياقىتى   سالامەت  بۇلۇڭ    سىھىر  خانىم ،يۈرەككە تىگىدىغان ئىسىل مۇھەببەت يازمىلىرىڭىز روھلاندىن ئۈزۈلمىگەي

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-16 20:28

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش