روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2085|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھايات ھېكمىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

      ھايات ھېكمىتى


   ياسىنجان ئوسمان ئەركزات


ئاخشىمى دەرىزەڭنى چېكىمەن يار،
ھوجراڭدىن ئاڭلىيالماي  تونۇش سادا.
چىشلەيدۇ پاچىقىمنى  غالجىر ئىتىڭ،
رازىمەن مەيلى بولاي مېيىپ-ناكا.

شۇنچە يىل سەۋرى بىلەن كۈتتۈم سېنى،
چىدىدىم ھىجران ئاتلىق تايىقىڭغا.
ئالۋۇندەك ئۆتۈپ قالساڭ يىقىلارمەن
جانانىم  سەۋرى بويۇڭ -ئايىقىڭغا.

گۈل پەسلىم تالىق ئىدى ۋىسالىڭغا،
قىرانلىق يەتتى ئەمدى يېشىم ھالقىپ.
ئەقىدەم پارلاپ تۇرار دىل خانەڭدە،
زەر قۇياش چىقسا تاڭدا  ئۇپۇق بالقىپ.

كۆيمىدىڭ باشقىلارغا، ھەتتا ماڭا ،
ئەگەشسەم سايەڭ بولۇپ، قوغلىمىدىڭ.
توۋا دەي! ئوتلۇق بېقىپ بۈگۈن يەنە ،
يۈرىكىم-دىل ئەركىمنى ئوغۇرلىدىڭ.

چىن سۆيگۈم  رەت قىلىندى تالاي-تالاي،
يېگانە  ياشاۋەردىڭ ماڭا ئوخشاش.
ئەقىدە جاملىرىدا  سۇنىمەن قەدەھ،
سامادا پارلاپ تۇرسا ئالتۇن قۇياش.

ۋەسلىڭسىز تەنھا ياشاپ ئۆتتى ئۆمرۈم،
ئەقىدە گۈلخانلىرىم ئۆچمىدى ھەم.
بوينىمىز ئېگىلمىدى سۆيگۈ تىلەپ،
يۈرەكلەر ئىنتىلسىمۇ بولۇشقا جەم.

دىل بايان قىلالىسام  داۋان ئاتلاپ،
ناز بىلەن  كۈلۈپ باقار  ئىدى ئىقبال.
ئىزتىراپ پارىلىدى يۈرىكىمنى،
تىللىرىم ھىجرانىڭدا  تۇتۇلدى-لال.

سامادا سۆيگۈم قۇشى قاقسا قانات،
چاڭقىغان  يۈرەكلىرىم كېتەر يايراپ.
ۋەسلىڭسىز ئۆمۈر بېغىم خازان گويا،
چۆللەرگە ئوخشاپ قالدى زاغلار سايراپ.

دىل ئەركىم مەھكۇم بولدى  پىراقىڭىغا،
ۋىسالىم بۇلبۇللىرى چەكتى پەريات.
شۇم ھىجران لىباسلىرى يايدى ئېتەك،
يىگانە  تۇرمۇشۇمدىن دېدىم:«ۋاي،دات..»

     ***   ***   ***

نىھايەت، ئەۋزەل كۆردۈم تەنھالىقىنى،
تويلۇشۇپ جېدەل-غەليان كۆتۈرۈشتىن.
خۇمارى تۇتسا يايراپ- ئىچىپ شاراپ ،
مەستلىكى يېشىلسىلا ئۆكۈنۈشتىن.


1989-يىل باھار، قەشقەر
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-22 21:53:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەقەدەر ھىكمەتكە تۇيۇنغان يازمىكەن ! ياشلىقتىكى ھىكمەت ئوخشمامدۇ؟!
ۋاقتى: 2015-2-22 22:02:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات ھىكىمەتلىرىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن .
ۋاقتى: 2015-2-22 22:42:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرك زاد ئەپەندىمنىڭ قەلىمى يەنىمۇ ئۆتكۈر بولغاي.
ۋاقتى: 2015-2-23 12:22:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرىڭىز تەبئى ھېسياتتا يېزىلىپتۇ. تەكلىۋېم : -  شىئېرى تىل ئىشلىتىشكە دىققەت قىلغان ئاساستا يېزىڭ. شىئېردا ئادەتتىكى سۆزلەر بەك كۆپ بوپ كەتسە شىئېرنىڭ ئويناقلىقىغا نوقسان يېتىدۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-18 04:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش