روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1082|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مىللى سەنئىتىمىزنى قەدىرلەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مىللى سەنئىتىمىزنى قەدىرلەيلى
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن



شەھەرگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم. ئاپتوبوس نۇرغۇن ئەگرى-بۈگرى تاغ يوللىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، داۋانغا ياماشتى. دەل شۇ چاغدا شوپۇر ئۇستام يولۇچىلارنىڭ زېرىكىپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتتىمۇ، ئاپتوبوس ئىچىگە ئەپچىلگىنە جايلاشتۇرۇلغان  ئاپاراتىنى ئاچتى. قويۇلغان پىلاستىنكا شىاڭگاڭنىڭ تېلىۋىزىيە فىلىمى بولۇپ، خەنزۇ تىلىدا ئىدى. «ئۇيغۇرچە پىلاستىنكا قويسىچۇ؟» دىدىم ئىچىمدە، ئەمما يولۇچىلارنىڭ كۆپى خەنزۇ يولداشلار بولغاچقا بۇ سۆزنى ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم. بىر ھازادىن كېيىن ئەتراپىمغا قارىسام بىر نەچچە ياش يىگىتتىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. «بۇلار ئەجەپ بۇ فىلىمنى كۆرمەپتىغۇ» دىيىشتۇق بىر نەچچىمىز ئەجەپلىنىپ ۋە شوپۇردىن ئۇيغۇرچە پىلاستىنكا قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈندۇق. «ۋاي خۇدا ئەمدى مۇقام قويدىغۇ بۇلار، ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ» دىدى يېنىمدا ئولتۇرغان يىگىت غۇدۇراپ، مەن ئۇنىڭ سۆزىگە مىيىغىمدىلا كۈلۈپ قويدۇم، چۈنكى پىلاستىنكا ئالماشقاندا يۈز بەرگەن ئىشلار مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. بىر يۈرۈش مۇقام مۇزىكىلىرى باشلىنىش بىلەنلا بايا مۈگدەپ ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى قەددىنى رۇسلاپ، كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئېكرانغا تىكىلىپ قاراشتى. « بۇلار بۇ مۇزىكىنى چۈشىنەمدىغاندۇ؟» دەپ ئويلاپ قالدىم. مۇقام مۇزىكىلىرىدىن كېيىن ياش ناخشىچى شىرئەلىنىڭ «گۈزەلىم» دىگەن ناخشىسى بىلەن تەڭ تىمتاسلىققا چۆمگەن ئاپتوبوس ئىچىدىن «ئەستا، خۇدايا» دىگەن بوش ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن ئىتتىك ئارقامغا بۇرۇلۇپ 50 ياشلار چامىسىدىكى يۈزلىرىنى قورۇق باسقان چېقىر كۆز يولداشقا قارىدىم.ئۇ مېنىڭ قاراپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ ،«نىمە ھەيران بولىۋاتامسىز سىڭلىم؟-دىدى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەپ،-قاراڭ ئۇلارغا نىمىشقا شۇنداق كىيىنىپ ، غەلىتە ئۇسۇللارنى ئوينايدۇ؟ مەن كىچىگىمدىنلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولغان.ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە سەنئەت،مەدىنىيىتىنى ياخشى كۆرىمەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەنجىگاھ،ناۋا دىگەندەك مۇقاملىرىنى شۇنداق بېرىلىپ ئاڭلايمەن.ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۇششاق ئۆرۈلگەن چاچلىرى ئۈستىگە ئەپچىل قوندۇرىۋالغان دوپپىسى ۋە چىرايلىق ئەتلەس كۆينەك ئاستىدىكى ئەۋرىشىم،زىلۋا قامىتى تولىمۇ چىرايلىق.ئۇلار مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن ھەرقانداق مىللەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نىمە ئۈچۈن غەيرى مىللەتلەرنىڭ كىيىنىشى ۋە ئۇسۇلىنى دورايدۇ، ئەجىبا ئۇلار ئۆزلىرىدىكى ئاشۇ ئارتۇقچىلىقلارنى ھىس قىلمامدىغاندۇ؟» دىدى ئېغىر ئۇھسىنىپ «ئۇلار يېڭى ھەۋەسكارلار بولسا كېرەك» دىدىممەن ئىزاھات بېرىپ، ئەمما  دەماللىققا ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە بەرگەن جاۋابىمدىن ئۆزۈممۇ خىجىللىق ھىس قىلدىم، شۇ تاپتا ئېكراندا بەدىنىنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك ئوچۇق قويۇپ قۇيۇندەك پىرقىراۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىمىزغا قاراپ كۈلىۋاتقان يولۇچىلار ماڭا خۇددى مېنى مازاق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ، چوغ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالغاندەك بىئارام بولۇپ ئولتۇرالمايلا قالدىم ھەمدە بۇ سۆزلەر مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.                                                   
مەنمۇ بىر ئۇيغۇر مەنمۇ بىزنىڭ ئۇسۇللىرىمىزنى ۋە مۇزىكىلىىرمىزنى ياخشى كۆرىمەن.رەيھان ئابلىز،تۇرسۇناي ھەدىمىز قاتارلىقلارنىڭ ئۇسۇلىنى،پاشا ئىشان ئاپپاي، ئابلىز شاكىر قاتارلىق پىشقەدەملىرىمىزنىڭ،ئۆمەرجان ئالىم،ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىق  سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ناخشىلىرىنى سۆيۈپ ئاڭلايمەن.شۇ تاپتا مېنىڭ سەنئەتنى سۆيىدىغان ۋە سەنئەتكە قىزىقىدىغان بىر قىسىم ھەۋەسكارلارغا شۇنداق دىگۈم كېلىۋاتىدۇ.                     
                      بىز بىر ئۇلۇق مىللەت ،بىزنىڭ سەنئىتىمىزنى،مەدىنىيىتىمىزنى باشقىلار سۆيگەن يەردە بىز تېخىمۇ سۆيىشىمىز، مۇكەممەللەشتۈرىشىمىز، ئۆرپ-ئادەتلەرگە ھۆرمەت قىلىشىمىز ، ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس كىيىنىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ مىللى غورۇرىنى ۋە ئوبرازىنى ساقلىشىمىز لازىم. بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، ئۆز ئىززىتىمىزنى قوغدىمىساق باشقىلار تېخىمۇ قەدىرلىمەيدۇ. شۇڭلاشقا مەن سىلەرگە شۇنى ئۆتۈنۈش بىلەن تەۋسىيە قىلىمەنكى، ھەممىمىز بىردەك مىللى سەنئىتىمىزنى قەدىرلەيلى ۋە راۋاجلاندۇرايلى. ئالدى بىلەن بىر سەنئەتچىگە خاس ئوبرازىمىزنى تىكلەيلى.كۆرگەنلەر بىزدىن ئېۋەن تاپالماي قالسۇن.

                                                                                                      2014. 7 قاراماي                  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +8 ئىناۋەت +8 تەڭگە -8 بايلىق +8 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
جام + 8 + 8 -8 + 8 + 7 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-19 14:39:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىي خاسلىقىمىز ھەققىدە ئويلىنىشقا ئۈندەيدىغان ئىسىل يازما ئىكەن، ھارمىغايسىز شائىرە خىرىستال
مېنىڭچە جەمئىيىتىمىزدە باشقىلارغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇنداق بىرقانچە ساھە كىشىلىرى بار، ئۇلار: ئاتا- ئانا، ئوقۇتقۇچى، ئارتېست، باشلىق. مانا بۇلارنىڭ گەپ- سۆز، ئىش- ھەرىكەتلىرى ئەتراپىدىكىلەرگە، ئۆز تەسىر دائىرىسىدىكىلەرگە، ئۆزىگە بېقىنىدىغان، ياخشى كۆرىدىغانلارغا زور تەسىر بېرىدۇ. شۇڭا شۇ تەۋەگە ئىگە ھەر بىر شەخس چوقۇم يۈرۈش- تۇرۇشلىرىغا ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. شۇ جۈملىدىن بىز قىزغىن سۆيىدىغان، ناخشا- مۇزىكىلىرىنى مەنىۋىي ئېھتىياجىمىز تۈپەيلىدىن ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ئەشۇ بىرقىسىم ئارتېستلىرىمىز مانا سىز دېگەندەك بىرقىسىم ئەھۋاللارغا چوقۇم دىققەت قىلىشى لازىم. چۈنكى، ئۇلار ئۆزىگە تەۋە ئارتېست بولماستىن بەلكى پۈتكۈل ئاۋام خەلققە تەۋە ئارتېست. ناۋادا ئۇنداق بولمىسا ئۆزى ئورۇندىغان نومۇرلارنى سىنغا ئېلىپ، يالغۇز ئۆيدە ئولتۇرۇپ كۆرۈپ ئولتۇرسۇن (ئەمەلىيەتتە بۇ مۇمكىنمۇ). بىز ھەمىشە جەمئىيەتتىن زارلايمىز، قاقشايمىز، بىراق يوقۇرقى تۈرگە تەۋە سىز ھەم مەن بىرى- بىرىمىزگە مەسئۇل بولۇپ، ساغلام مەنىۋىيەت يولىدا كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ رىئايە قىلساق ئوڭشالمايغان قانداق ئىش ئىكەن ئۇ!!。!. ئەپسۇسكى، بىرقىسىملىرىمىز بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ، پۇل، نام- ئاتاق ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرماي، مانا مۇشۇنداق پاسسىپ تۇرمۇش ئىستىلىدا دەلدەڭشىگەن پېتى تۇرمۇشىمىزنى داۋام ئەتمەكتىمىز.

باھا سۆز

رەھمەت جام ئەپەندى،ھەر قېتىم قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى ئاجرىتىپ تېمىلىرىمغا نەزەر ئاغدۇرۇپ تەكلىپ-پىكىرلەرنى بې  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-20 00:30
ئىشقىلىپ مۇشۇ جام بۇرادىرىمىزنىڭ ھەر بىر تېمىغا يازغان ئىنكاسى ۋە ئەستايىدىللىقىدىن بەك سۆيۈنۈپ كىتىمەن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-19 23:05
ۋاقتى: 2014-7-19 18:06:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىزنى ئويلىنىشقا ئۈندەيدىغان تېما ئىكەن. خىرىستالنىڭ ئويغاق تەپەككۇرىغا  رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-7-19 19:50:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تىما  بۇپتۇ   ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ  ئادەتلىرىنى ، مىللىي  خاسلىقلىرىمىزنى  قەدىرلەيلى      
جام يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 14:39
مىللىي خاسلىقىمىز ھەققىدە ئويلىنىشقا ئۈندەيدىغان ئىس ...

ئىشقىلىپ مۇشۇ جام بۇرادىرىمىزنىڭ ھەر بىر تېمىغا يازغان ئىنكاسى ۋە ئەستايىدىللىقىدىن بەك سۆيۈنۈپ كىتىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-20 00:25:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى قولىغان ۋە مەدەت بەرگەن ئەزىز دوستلارغا رەھمەت.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-20 00:30:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 14:39
مىللىي خاسلىقىمىز ھەققىدە ئويلىنىشقا ئۈندەيدىغان ئىس ...

رەھمەت جام ئەپەندى،ھەر قېتىم قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى ئاجرىتىپ تېمىلىرىمغا نەزەر ئاغدۇرۇپ تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم ، مەدەت ۋە ئىلھاملىرىڭىزغا رەھمەت .
ۋاقتى: 2014-8-23 23:22:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى خاسلىققا ئىگە يازمىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم  ،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي !
ۋاقتى: 2014-8-23 23:23:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى خاسلىققا ئىگە يازمىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم  ،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-26 07:14

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش