روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1278|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەنسىرمىگىن،ئەسلىمە مېنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-20 11:36  

ئەنسىرمىگىن ،ئەسلىمە مېنى.

يۈرىكىمدە ئاجايىپ بىر ھېس،
ئارام بەرمەي قىينايدۇ مېنى.
ئاللاھىمدىن تىلىدىم سەبىر،
سوئال قويدۇم ئىمانىم قېنى؟

يۈرىكىمنى قاماللاپ ئالدى،
بىر ئىنسانغا بولغان مۇھاببەت.
ئاۋازىنى ئاڭلىسام، كۆرسەم.....
ئوي خىيالىم ئاشۇدۇر پەقەت.

تېلىفونۇم سايرىغان شۇدەم،
يۈرىكىممۇ كېتەر ئويناقلاپ.
"ئۇ ئەمەسكەن...." نومۇرنى كۆرۈپ،
بوشاپ كەتتىم سانسىز قېتىملاپ.

ئاۋازىنى ئاڭلىسام بىردەم،
ياشنار چاڭقاپ كەتكەن يۈرىكىم.
ئۇزاق ئۆتمەي ۋايسايدۇ يەنە،
"ئاۋزىڭنى ئاڭلايچۇ جېنىم."

ھىچبىر ئىشنى، ھىچبىر كىشىنى،
خالىمايمەن ئۇنىڭدىن باشقا.
ئۆز ھالىمنى قىلىپ مەسخىرە،
كۆزۈم تولدى نەچچە رەت ياشقا.

مەن ئۇنچىلا بوشاڭ ئەمەستىم،
ھېسلىرىمغا ئەسىر بولغۇدەك.
ئەمدى كۆرۈڭ لەقۋا بولدۇم خوي،
نەچچە تەستەك سېلىپ قويغۇدەك.
*         *             *               *              *            *            *
يېتەر!بولدى!توختاي ئىزىمدا،
ئۇنى ئاياي ئۆزۈمنىمۇ ھەم.
رىزىق پۈتكەن بولسا ئاللاھىم،
ھالال پېتى قىلار بىزنى جەم.

شامال سۆيسە مەن دەپ ئويلىغىن،
دىيەلمەيمەن ساڭا ئامرىغىم.
ئويلىمىغىن مېنى ئارتۇقچە،
غەمسىز قىلسۇن سېنى ئاللاھىم.

ئىزدىمەيمەن بۈگۈندىن باشلاپ،
ئاللاھىمغا تاپشۇردۇم سېنى.
ئاللاھ ماڭا ئەڭ ياخشى ھامىي،
ئەنسىرمىگىن ،ئەسلىمە مېنى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

پاھ پاھ...بىر چاغلاردا بولغان بولسا ماڭا دەششەت ماس كەلگۈدەك شىئىر بۇلاركەنتۇق بۇ.........مىنىڭ يىغلىغۇم كىلۋاتىدۇ بۇ يازمىنى ئوقۇپ
شۇنداق بىر ناخشا ئوقۇغۇم كىلۋاتىدۇ.

كىچە كۈندۈز خىيالىم سەندە،
سىنى ئويلاپ گۈزەلىم نەدە.
ئەنسىزلىكتە سېغىنىپ سىنى،
ئەنسىرەيمەن سەندىن نىگارىم.
ۋاقتى: 2014-7-7 18:11:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەپرەتجان، شېئىرىي ئىنكاس قالتىسقۇ؟
ھارمىغايسىز، نادىر تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي
ۋاقتى: 2014-7-7 21:02:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئايشەمگۈلنىڭ يازمىللىرىدا بىر خىل پۇراق بار بۇنداق ‏‏ئىتقاد ۋە ‏ئەخلاققا تۇيۇنغان يازمىغا يەنە لاۋزلىق بىلەن ‏ئىنكاس يېزىشنى نۇمۇس دەپ بلسەك بولاتتى قېرىنداشلار
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 21:02
‏ئايشەمگۈلنىڭ يازمىللىرىدا بىر خىل پۇراق بار بۇنداق ‏ ...

مىنىڭ ئىنكاسىم لاۋزىمىكەن؟
ۋاقتى: 2014-7-9 19:52:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-9 19:57  

بۇ شئېرىڭىزمۇ شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ دوستۇم، ئۇتۇق سىزگە يار بولغاي!

شئېرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ بۇ ناخشا ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

   ناخشا: مەن كەتتىم يىراققا

   

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 10:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش