روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1086|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يارغا خىتاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
     يارغا خىتاب

سېغىنىشقا بېرىپ خاتىمە،
يۈرۈكۈمگە تاشنى قويغۇم بار.
خار كۆڭۈلگە قىلىمەن ئاچچىق،
ئىلگىركىدەك غەمسىز يۈرگۈم بار،

ئۆز-ئۆزۈمگە دەيمەن ئەشۇنداق،
بولدى تەما قىلما سۆيگۈدىن.
ئەپغانلىرىڭ ئۆزۈڭنى غاجار،
ئاداشتىڭمۇ ياكى ئەقلىڭدىن؟

بىراق يەنە بۇ ئاسىي يۈرەك،
مېنى غەرىق قىلدى ئازابقا،
خىياللىرىم بولغاندەك بەنىت،
پەقەت زاھىر قىلار سېنىلا.

ئەپسۇس!
مەن مۇشۇنداق قىينىلىپ يۈرسەم،
پەرۋايىڭغا ئېلىپ قويمىدۇڭ.
تۇنجى قېتىم تىترىگەن يۈرەك،
دەرتكە دەرمان بولۇپ قويمىدۇڭ .

نالەشلىرىم قالار ئۆزۈمگە،
پىشانەمگە پۈتۈلگەن كۈلپەت.
ئاھىم يەتمەس قولاقلىرىڭغا،
تاپقىنىم شۇ نادامەت ھەسرەت.

قانداق بولۇپ تۇتاشتى بۇ ئوت،
يېتەلمىدىم تېگىگە ئويلاپ.
روھىم ساڭا تامامەن ئەسىر،
تاڭلار ئاتار ئىسمىڭنى يادلاپ.

2014-يىل  15-ئىيۇن.

قەلىمىم.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
Ayshemgul + 15 + 9 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-7 00:13:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى كوپلىتىنى بەك ياقتۇردۇم.ياخشى يېزىپسىز.قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن.ئامىن!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-23 06:17

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش