روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 798|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[ شېئىر] ھايات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tursun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-23 19:41  

قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

مۇڭ باسقان ئەتراپنى جىمجىت زەرەتگاھ،
ئولتۇرىمەن تەنھا خىيالغا پېتىپ.
سېغىنىش ئوتلىرى چىرماپ دىلىمنى،
ياشلىرىم قارچۇقتا قالغانتى قېتىپ.

شۇنچە كۆپ قەبرىلەر كۆز ئالدىمدىلا،
ئەزمەكتە دىلىمنى ھىجران قايغۇسى.
خىيالىم كۆكىدە قاقماقتا قانات،
ئۆمۈر مەنزىلىنىڭ ئەركە يورغىسى.

بەزىلەر ئۆلۈمى تولىمۇ ھەيۋەت،
چىقىدۇ مەسچىتتىن كاتتا ئاجايىپ.
ئەمما ئۇنتۇلار كىشى قەلبىدىن،
بولغاندەك بىر تاش دېڭىزدا غايىپ.

بەزىلەر ئۆلىدۇ ئۈنسىز،نىداسىز،
بەزىلەر كېتىدۇ شاۋقۇن-سۈرەنسىز.
ئەمما قەۋرىسى يادلىنار مەڭگۈ،
بولسىمۇ گەرچە پۇلسىز-چاپانسىز.

..................................

ئەي ئىنسان شۇڭلاشقا ياخشى ئويلانغىن،
غەپلەت ئۇيقۇدىن تېزرەك ئويغانغىن.
ياشىدىڭ نە ئۈچۈن بۇ پاك زىمىندا،
ياخشى نام قالدۇرۇش ئۈچۈن ئويلانغىن.

ھاياتتا ياشىساڭ مەنىلىك ھامان
يەتكۈزسەنڭ باشقىغا كۆپ خەيرى-ئېھسان.
قالارسەن ئەلنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ،
كۆمۈلۈپ كەتسەڭمۇ تۇپراققا تامان.

ياخشىلىق ئەيلىگىن يامانلارغىمۇ،
يەتكۈزگىن مېھرىڭنى نادانلارغىمۇ.
بىلىم ھەم ئادەتنى،ئەدەپ-ئەخلاقنى،
بىلدۈرگىن ئەۋلاتقا ياشانغاندىمۇ.

سېخى بول ھەر ۋاقىت بولمىغىن بېخىل،
گۆھەر بول،كەۋسەر بول بولمىغىن شېغىل.
مۇلايىم كەمتەر بول ،بولما بىئېقىل،
ئاقىل بول دانا بول بولمىغىل غاپىل.


2014.   قاراماي
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-23 20:57:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىرىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن !ئەسەرلىرىڭىز بارغانچە تىتىملىق چىقىۋاتىدۇ !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-23 21:08:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WOLKANI يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 20:57
قوللىرىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن !ئەسەرلىرىڭىز بارغانچە تى ...

ئەسىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ۋولقانى ئەپەندىم.
قەلبىنۇر ئوبۇلھەسەن خانىمنىڭ شىئىرلىرىنى ياقتۇرۇپ قالدىم...بۇ قىتىمقى شىئىر ئىملامۇ يامان ئەمەس...مىنى ئاۋارە قىلماي دەپتۇ دە  ئاغرىپ قالغىنىمدا   ھى ھى ھى....قولىڭىزغا دەت كەمىسۇنې
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-24 18:05:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەپرەت يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 22:19
قەلبىنۇر ئوبۇلھەسەن خانىمنىڭ شىئىرلىرىنى ياقتۇرۇپ قا ...

شېئىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا،مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.بالدۇرراق شڭپا تېپىشىڭىزنى تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2014-6-25 12:40:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن ! خىرىستال ،قەلەملىرىڭىز ئۆسىمىگەي !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-25 14:06

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش