روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1302|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

چۈشۈرمەيمىز شەمشەر قەلەمنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەلەم

ئا .ئۆتكۈر


بەس قەلەم ، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ،
بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن .
نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك ،
ساپلىغىڭنى بۇلغىتىپ ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك .
مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا ،
بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ ، ياتما مەزلۇملىق قېنىدا .
قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا ،
ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت _ ئىقبالىغا نېگىز ياسا .
كۈيلە تاغ باشىدا بولساڭ ، تاغۇ _ تاشلار تىتىرىسۇن ،
ھەيۋىتىڭدىن ئەزگۈچى ھاكىم سىنىپ قان يىغلىسۇن .
قەغىزىم ئۈستىگە ئەمدى چۈشمىگەي ياش ئىزلىرىڭ ،
خوش _ خوش ئېيتىپ ، كەتسۇن ئەمدى بۇ يىغىچان گەزلىرىڭ .
مەن سېنى ماۋزۇ قىلىپ چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئاتىدىم ،
بىر كېچە گويا خىيالدا ياۋ كۆزىگە قادىدىم .
جەڭدە يەڭگەچ قەبرىمە « لەۋھە » بولۇپ ياتماقچىسەن ،
تۈنلىرىمنى كۈن ياساپ ، گۆھەر كەبى يانماقچىسەن .
قېنى ئەمدى كۈيلىگىن ئەسىرىمگە لايىق ناخشىنى ،
مەنمۇ تاللاپ يۈرمىدىم سەندىن بۆلەك بىر ياخشىنى.
سىياسى تۈگىمەس قەلىمىم شەمشەر ئورنىدا قالدى ماڭا،
ئۇنۇتمايمەن ئىجادىمدائۈشبۇ مىسرا ھەر زامان يادىمدا.
‹‹بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ ، ياتما مەزلۇملىق قېنىدا .
قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا ، ››


ئۇلۇغ يازغۇچى ،شائىر ئابدۇرەھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈرنىڭ ئەسەرلىرىنى سۈيۈپ ئوقۇيمەن ۋە شىئېرلىغا بەكمۇ ئامراق بولغاچ ‹‹قەلەم ››دىگەن شىېرىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ،ئىلھامىم تاشقاچقا مۇنۇ شىېئىرنى يازدىم،روھلانداشلانىڭ‹ ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتۇ›- دەپ قالماسلىقىنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمەن.


چۈشۈرمەيمىز شەمشەر قەلەمنى

بىز تاللىغان قەلەمنىڭ نەۋرىلىرى بەك تۇلا،
بىرى مايلىق، سۇلۇق،بىرىدە رەڭلىك سىيا .
شۇڭامىكىن ھەممىسىنىڭ قىزىقىشى ئۆزگىچىلا،
ھەيران قالدى قىلىقىغا قاراپ ،پۈتۈن دۇنيا.

بىرى چىقىپ مەيدە ھەم يان يانچۇقىغا،
‹‹پۇل››دەپ يازار پەقەت ھۆججەتكىلا.
بىرى چىقسا قاغجىرىغان قاتمال قولغا،
‹‹ئاھ››دەيدىغان پىغانلىق دەردى تۇلا.

بىرى چۈشۈپ ئاجىز،نازۇك،مىشچان قولغا،
يېتىۋالدى ھۇرۇنلۇقتا،مەزلۇم قوينىدا.
ئەپسۇس ،چۈشۈپ بىرلەر نادان قولىغا،
ئىشلەرىكەن پەقەت قۇشۇش-ئېلىشقىلا.

بوپتىلا ھەممىسى تىرىكچىلىك يولىدا،
چۈشىنەيلى ئۆزگە خائىنلىق قىلمىسا،
بەس ‹‹تۇزىنى يەپ تۇزلىقىنى چاقمىسىلا››،
نىمە يازسۇن،مەجبۇريەتنى ئۇنۇتمىسا.

ئەمما دەيمەن شۇنداق قەلىمىم بولىدۇ،
دۆلەت ،مىللەت ئۈچۈن سىيا تۆكىدۇ.
يولسىزلارنى قامچىلاپ قانۇن بىلەن،
ئەلەم ماھارىتىنى لايىقىدا ئىشلىتىدۇ.

باش بولۇپ ئېغىر سانائەتكە يول ئاچىدۇ،
پۇختا قەدەمدە يىنىك سانائەتكە ئاتلىنىدۇ.
ئۇيغۇرچە خاسلىق بىلەن بازار ئېچىپ،
يۇمشاق دىتال ،ھەر كەسپىنى زورايتىدۇ.

تۈگۈتۈپ پىتنە- پاسات يالغان گەپنى،
ئىشلىتىپ ئىلھام بەخىش،تاتلىق سۆزنى.
سىياھىدىن ئىلم-ھىكمەت تۈكىدۇ ،
ئاندىن قاخشاپ تىللىمايمىز شارائىتنى.

شۇندىلا قۇملار كۆمەلمەس ئىزلارنى،
جاپا مۇشەققەت ئىگەلمەس تىزلارنى.
چۈشۈرمەيمىز قولدىن ھەرگىز خالىغانچە،
سوزى شەمشەر، دىلغا موھىر قەلەمنى.

              تۇران

       2014-يىل 11-ماي

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-11 15:56:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپ داۋاملىق تېرىشىڭ..!!
ۋاقتى: 2014-5-11 20:17:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز. تىلىغا ئازراق ئىشلىسىڭىزلا تېخىمۇ نادىر شېئىرلارنى يازغۇدەكسىز.
ۋاقتى: 2014-5-12 16:40:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنلۇم شېئىر بوپتۇ.تىلغا ئەھمىيەت بېرەيلى ئىنشائاللاھ
来自安卓客户端

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-28 23:52

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش