روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 854|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بىر مەھەل تىڭىرقاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىر مەھەل تىڭىرقاش

سۇبھى،تاڭ ئەمدىلا يۇرىغان بىر چاغ،
ئەتىيازنىڭ سوغ شامىلى يۈزگە ئۇرىلىدۇ.
ساپ ھاۋانىڭ تەنگە سۈمۈرلىشىدىن،
دىللار يايراپ ،قانلار تۇمۇرغا لىقلىشىدۇ.

ئاجايىپ بىر ئىلھام،كىشى جىسمىنى،
كۈچ-قۇۋۋەتكە تولدۇرۇپ ئويغۇتىدۇ.
ئاشۇ قان ئەقلىڭگە ھۆكۈمران بولسا،
كۆزۈڭنى قارغۇ قىلىپ ،ھۇۋلىتىدۇ.

ھازىر كۆرگىنىڭ تەبىئەت قوينى،
باغرى كەڭ بولغاچ سىنى قۇچاقلايدۇ.
تىمتاس زىمىن،كەڭرى ئاسمان - دالا،
بىر سىنىلا ئەركىلىتىپ ،ئوينىتىدۇ.

تۇرۋاتقىنىڭ بولسا گەر يېشىل دۇنيا ،
ھايات كەچمىشىڭنى يەنە ئۇلغايتىدۇ.
ئالدىڭدىكى دېڭىز سۈيى كۆپكۆك بولسا،
ئاسماندا خۇددى ئۇچقاندەك لەيلىتىدۇ.

ياشلىقىڭمۇ ئەنە شۇ سەھەر ۋاقتى،
سىنى ھەر كوي-خىيالغا كۈشكۈرتىدۇ.
تاللاشلاردىن ئۆزۈڭگە ئورۇن تاپمىساڭ،
ئىزلىرىڭ قۇمغا دەسسىگەندەك يوقىلىدۇ.

يوقالغان ئىزلاردىن نىمە تاپقۇلۇق،
كۆزلەرنى ئۈمۈتسىزلىك ياشلىتىدۇ.
كۆمۈلگەن ئىزنى نەدىن تاپقۇلۇق،
بىر مەھەل تىڭىرقاش باش قاشلىتىدۇ.

ئەنسىرمەڭ تاپىمىز شۇ ئىزلارنى ،
بىلىم ماياكتەك يول كۆرسىتىدۇ.
سۇبھى تاڭدا ئۆگەنسىڭىز پەننى،
پەيتىدە ئۇ ھەقىقەتنى يۇرتىدۇ.

              تۇران  
      2014  -يىل 9-ماي

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-9 21:50:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇران ئەپەندى قەلەم قۇۋتىڭىز كۆچلۇك ئىكەن ياخشى يىزىپسىز يارايسىز.
ۋاقتى: 2014-5-9 22:45:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن ھىسيات بىلەن يۇغۇرۇلغان شېئىر، يارايسىز!
ۋاقتى: 2014-5-10 01:47:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ شېئىرىلارنى تازا چۇشەنمەيدىكەنمەن بۇ قانداق ئۇسلۇپتىكى شېئىر،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-10 12:55:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹رەھمەت ››دىگەن سۆزگە يىغىلدى،
مەجبۇريىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى.
قەلەم تۇتقان قول ھەم تىترىدى،
ئىنكاس يازغان،مەدەت سۆزلەردىن.

ئوقۇغان،ئىنكاس يازغان ،باھالىغان روھلانداشلارغا رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-20 20:40

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش