روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 900|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[غەزەل] بازار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
            بازار

ئەتتىگەندىلا ئۆي-ئۆيدىن ياسىنىپ كىشىلەر چقىشتى،
كالا-قويلارنى يىتىلەپ،خۇرجۇننى ئاخچىدا چىڭداشتى.

ئەتىگە قۇيۇپ ،قۇيۇپ ئۆيىدىكى ھەر قانداق ئىشىنى،
بازار بولغان يەرگە‹‹ يېڭى ئاۋاتقا›› قاراپ ئېقىشتى.

مانا يوللاردا ئادەم كۆپ،‹‹پوش- پوش›› دىيىشتى،
كوچىدا مىغ-مىغ ئالارمەن،ساتارمەنلەر بۇيۇن سۇزۇشتى.

چىمەن دوپپىنى كىيىپ، قىزلار ئەينەككە قاراشتى،
بادام دوپپا تاللاپ يىگىتلەر ،يەر تېگىدىن ماراشتى.

ئەتلەسنى بويىغا ئاتقان چوكان،ئىرىدىن پۇل سوراشتى،
باھا تالاشقان قېينىئانا،باپكارنى ئاخىر،قايىل قىلىشتى.

‹‹ياغ يە،ياغ يە... ››دەپ،سامسىپەزلەر توۋلاشتى،
‹‹قېنى تېتپ يە..››يەنە،قۇغۇنچىلار چاقىرىشتى.

دورغاپچىمۇ بوش كەلمەي،مۇزدەك سۆيىنى سورۇشتى،
شاتۇت سۇيى ئىچكەن مومامنىڭ چىريلىرى پۈرۈشتى.

دىھقان ئاكام ئات چاپتۇرۇپ،سىناپ كۆرسە يورغىسىنى،
قاسساپ سىلار پاخلاننىڭ،سىمىز تۈپتۈز بەللىرىنى.

كىلىشەلمەي سودا قىلغانلار،بىدىك ئوتتۇرغا چۈشتى،
قولنى يەرگە سۈرۈپ‹‹رازى بول جۇمۇ›› دىيىشتى.

ئالقانغا ئېلىپ،كۈنگە تۇتۇپ چىشلەر بىرى گۈرۈچنى،
بىرى سورار تاغاردىكى ،توق ھەم ئالتۇن بۇغداينى.

كۆردىڭىزمۇ خىرىدار،ئاتام بەرپا قىلغان بازار بۇ،
راس بىلەن يالغاننى نەق ،سىنايدىغان بازار بۇ.

گالۋاڭ بىلەن نامەرتنى شاللايدىغان بازار بۇ،
ھىلىگەر،ئالدامچىنى ئوڭشايدىغان بازار بۇ.

‹‹بازار دىمەك پۇل دىمەك ››نى ئۆگۈت بازار بۇ،
خۇش مىجەز بولمىساڭ،ئاخچا تۈگەت بازار بۇ.

ئادىل سودا قىلمىساڭ،بەئەينى بىر مازار بۇ،
توغرا يولنى تۇتمىساڭ، ياتار يىرىڭ گۈرۈڭ بۇ.

               تۇران
          2014-يىل13-ماي

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +55 ئىناۋەت +55 تەڭگە +25 بايلىق +25 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 55 + 55 + 25 + 25 + 10 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-13 11:27:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ............!!!!
ۋاقتى: 2014-5-13 18:26:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن جۇمۇ ياخشى يىزىپسىز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-19 00:33

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش