روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1052|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تۆكەر بولساڭ ياشلىرىڭنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-20 11:39  

‏تۆكەر بولساڭ ياشلىرىڭنى
         
تۆكەر بولساڭ ياشلىرىڭنى، تاھارەت ئال،
جەينامازنى راسلاپ ئوقۇ ناماز ئاۋال.
ئوقۇپ بولۇپ بېشىڭ قويغىن سەن سەجدىگە،
تۆككىن يېشىڭ  شۇ چاغ ئاندىن ئېيتىپ ئەھۋال.

ياردەم سورا ئاللاھىڭدىن قويماس قۇرۇق،
دەرتلەر تۆكسەڭ قىلار سېنىڭ دىلىڭ يورۇق.
سۆزلىمىگىن ئۆزگىلەرگە چۈشەنمەيدۇ،
تىزگىنلىگىن تىللىرىڭنى بېرىپ بۇيرۇق.

خار بولمايسەن رەببىڭگىلا دەرتلەر تۆكسەڭ،
يېتەرلىكتۇر ئۇلۇغ ئاللاھ سەن ئىشەنسەڭ.
ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ياشلار تۆكمە،
دەرد ئەلەملەر ۋاقىتلىقتۇر ئەگەر بىلسەڭ.

ئاقسۇن ياشلار گۇناھلارغا تۆۋبە قىلىپ،
ئۈمۈدلۈك بول ئاللاھىڭنىڭ پەزلى بىلىپ.
دۇنيا غېمى چۇلغىمىسۇن يۈرەكلەرنى،
ئۆتۈپ كېتەر بۇ كۈنلەرمۇ ۋاقتى كېلىپ.
كېيىنكى: يىغلىمىغىن
ئالدىنقى: ئۆزۈمگە خىتاپ
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-7 23:15:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-5-7 23:32:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رازى بولسۇن، قوللىرىڭىز ھارمىسۇن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-7 23:49:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزگە ئامىن!
ۋاقتى: 2014-5-8 10:02:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئېركەن  قېرىندىشىم، رەخمەت سىزگە .

باھا سۆز

سىلەرگىمۇ رەھمەت.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-8 12:07
ۋاقتى: 2014-5-8 10:13:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ، ئەلشىر ئىككىڭلا بەسلىشىۋاتامسىلە نىمە
ئىككىلىڭلار شىئىرغا بەك ئۇستىكەنسىلە
来自安卓客户端

باھا سۆز

ياقەي،مەندە باشقىلار بىلەن بەسلەشكۈدەك ماغدۇر يوق.مەن بۇرۇنقى شېئىرلىرىمنى يوللاپ قويىۋاتىمەن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-8 11:54
ۋاقتى: 2014-5-8 11:21:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز. ھارمىغايسىز
ئالمىچى2 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-8 10:13
ۋاھ، ئەلشىر ئىككىڭلا بەسلىشىۋاتامسىلە نىمە
ئىككىلىڭل ...

ياقەي،مەندە باشقىلار بىلەن بەسلەشكۈدەك ماغدۇر يوق.مەن بۇرۇنقى شېئىرلىرىمنى يوللاپ قويىۋاتىمەن.
kokyantaq يوللىغان ۋاقتى  2014-5-8 10:02
ياخشى شىئېركەن  قېرىندىشىم، رەخمەت سىزگە .

سىلەرگىمۇ رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-5-8 12:27:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  سىزگە  ياخشى يىزىلىپتۇ
Android  يانفۇندا يوللانغان

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-24 07:42

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش