روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 972|ئىنكاس: 14
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۆزۈمگە خىتاپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-13 00:20  

ئۆزۈمگە خىتاب
نىمانچە نازۇكسەن،چىدىماس ئىنسان؟
ياقتۇرماس ئاللاھىم يانغىن پەيلىڭدىن.
ئىنسانلار كۆرىدۇ سىرتقى جىسمىڭنى،
ئويلىرىڭ قاچالماس مۆكۈپ  ئاللاھتىن.

ئاللاھىم ياقتۇرسا دەيسەن ئۆزۈڭنى،
قەلبىڭدە قىلچىلىك نىفاق قالمىغاي.
دۇنيانىڭ رەڭمۇ رەڭ ئازدۇرۇشلىرى،
قەلبىڭدىن ھەرگىزمۇ ئورۇن ئالمىغاي!

تىلىسەڭ ئاللاھنىڭ مۇھاببىتىنى،
كەڭرى تۇت كۆڭلۈڭنى قىلمىغىن تارلىق.
ئىخلاسىڭ بىلەنلا تىلىسەڭ سۆيگۈ،
سەن بىلەن ئاللاھتا قالمايدۇ ئارلىق.


‏ئۆزۈمگە خىتاپ (2)
خۇرسىنىش بولمىسا كىشلىك ھاياتتا،
ئىرىشكەن ئۇنچىلىك بولماستى گۈزەل.
يوقىتىپ باقمىغان بولساڭ ئەگەردە،
بىلمەيسەن ھەممىدىن قەدىرلەش ئەۋزەل.

قەدرىنى قىل سېنىڭ يېنىڭدىكىنىڭ،
سەن بولغاچ ئاللاھقا ئېيتسۇن شۈكۈرلەر.
ئويلىغىن ئاللاھنىڭ سوۋغىسىدۇر ئۇ،
ۋە بەلكىم كېتىدۇ بۇ گۈزەل كۈنلەر.

ئاللاھقا سېغىنىپ،شۈكۈرلەر ئېيتىپ،
ئۆتكەزگىن ھەرسائەت مىنۇتلىرىڭنى.
ئاغرىنىش،قاقشاشقا قويمىغىن ئورۇن،
ھەر ۋاقىت خوش تۇتقىن كۆڭۈللىرىڭنى.

ئاللاھنىڭ ھەر ئىشتا ھىكمىتى باردۇر،
سەن پەقەت تىلىگىن چىرايلىق سەۋىر.
ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن بولسىلا،
ھەر ئىشتا ھەسسىلەپ بەرگۈسى ئەجىر.

来自安卓客户端
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-7 10:52:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ....يارايسىز!!

باھا سۆز

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-8 11:58
ۋاقتى: 2014-5-7 12:12:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رازى بولسۇن.

باھا سۆز

ھەممىمىزگە ئامىن!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-8 11:58
ۋاقتى: 2014-5-7 15:53:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز. تىرىشىڭ.

باھا سۆز

رەھمەت.ئىنشائاللاھ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-8 11:59
ۋاقتى: 2014-5-7 17:35:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ قەلىمىڭىزنى تىخىمۇ ئوتكۇر قىلسۇن .رەخمەت رەخمەت سىزگە كوپ رەخمەت

باھا سۆز

ھەممىمىزگە ئامىن!ھې ھې....نىمانچە كۆپ رەھمەت ئۇ؟سىلەرگىمۇ كۆپ رەھمەت!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-8 12:00
ۋاقتى: 2014-5-7 18:58:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىللىرىڭىز ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىدىكەن.

باھا سۆز

رەھمەت.بۇرۇن يازغان ئۆزۈم ساقلاپ قويغانلىرىمنى يوللاۋاتقان ئىدىم.مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن بۇ بىر نەچچە پارچىنى.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-8 12:01
ۋاقتى: 2014-5-7 22:10:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭز يەنىمۇ نۇر چاچقاي.

باھا سۆز

رەھمەت.ھەممىمىزگە ئامىن!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-8 12:02
قۇلڭىزغا دەرىت كەلمسۇن، ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن! ئىسىل شىئېرلىرڭىز بىلەن مۇنبەرنى قىزتىپ تورغايسىز ..

باھا سۆز

ھەممىمىزگە ئامىن.ئىنشائاللاھ،سىلەرمۇ ياخشى ئەسىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-8 12:03
360 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 10:52
ياخشى يېزىپسىز ....يارايسىز!!

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
alxir يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 12:12
ئاللاھ رازى بولسۇن.

ھەممىمىزگە ئامىن!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-24 06:39

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش