روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 596|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىزدىمەي دەپ ئۆتەلمەيمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-20 11:25  

‏ئىزدىمىسە،ئىزدىمەي دەپ ئۆتەلمەيمەن
         
بىر كىملەر بار توغرا سۆزلۈك،توغرا نىيەت،
ئىزدىمىسە ئىزدىمەي دەپ ئۆتەلمەيمەن،
يۇققان بولسا خىسلەتلىرى ماڭا بىر ئاز،
دىگەچكىمۇ پەرۋانىدەك كېتەلمەيمەن.

ئارتۇقچىمەن ئۇلار ئۈچۈن بەلكىم ئۆزۈم،
شۇنداقتىمۇ يولى قاراپ تۆتتۇر كۆزۈم.
ئىزدەپ قويسا بىرەر نۆۋەت،بولسا ئاكتىپ،
چۇڭۇلداپلا ئاينىپ كېتەر شۇ چاغ سۆزۈم.

كىملەر دەمسىز؟ئېيتىپ بېرەي ئاڭلاپ بېقىڭ،
ئۆزىڭىزنى ھەم بۇنىڭغا دەڭسەپ بېقىڭ.
چۈشۈپ قالسا ھەممە تەرەپ ،ئىلتىماسىم:
ماڭىمۇ بىر سالاملارنى يوللاپ بېقىڭ.

ئاللاھىمنى سۆيسە دىلى،ئىخلاس بىلەن،
دەۋەت قىلسا توغرا يولغا ،خۇش سۆز بىلەن.
كۆڭلى ئوچۇق،بولسا پاكىز قەلبىمۇ ھەم،
تۇرغان بولسا ھەق يوللاردا چىدام بىلەن.

خاتا سۆزنى قىلىپ قالسام،ھاي ھاي دىسە،
ئىمانىمدا سۇسلۇق بولسا غەملەر يىسە.
كۆڭلۈمنى دەپ يوشۇرمىسا كېسىلىمنى،
خاتالىقنى تونىساممەن شۇئان كۈلسە.

قاقشاش،غەيۋەت يىراق بولسا تىللىرىدىن،
ھەسەت،گۇمان تېپىلمىسا دىللىرىدىن.
ئوچۇق يورۇق،بولسا ماڭا بىرنى بىردەپ،
كۆرەلمىسەم ساختىلىقنى كۆزلىرىدىن.

خاتا قىلسام ئېسىمگە بىر سېلىپ قويسا،
ئۆزرە ئېيتسام ئىلىكىگە ئېلىپ قويسا.
رازى ئىدىم سوكۇلدىسام ئارقىسىدىن،
باققىنىمدا كۆزلىرىگە ،كۈلۈپ قويسا.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +20 ئىناۋەت +35 تەڭگە +27 بايلىق +40 تۆھپە +27 يىغىش سەۋەبى
نەۋرۇز + 20 + 20 + 7 يارايسىز
روھلان + 20 + 20 + 20 + 20 ياقتۇردۇم
بىجىرىم + 15 + 7 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-3 18:10:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز  تېما ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ماقما؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 18:51:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنشائاللاھ،يوللاپ تۇرىمەن.زېرىكمىسەڭلارلا
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-5-3 21:14:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز . قەلىمىڭىزدە قۇۋۋەت باركەن.

باھا سۆز

رەھمەت!ئاللاھقا شۈكرى!بىراق ئۇنچە ئەمەس  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-3 23:25
ۋاقتى: 2014-5-3 21:16:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمما ئادەم شۇ شېئىردا سۈپەتلەنگەندەك بولسا راسلا ئىزدىمىسە ئىزدىمەي دەپ ئۆتكىلى بولماس ئىدى. يەنىلا ئۈمىدۋالىق بىلەن ياشاش تىرىشىش كېرەك.

باھا سۆز

مېنىڭ ئەتراپىمدا بار ئىنشائاللاھ.شۇلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ يازغان،تەلەيلىكمەن —دە!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-3 23:26
ۋاقتى: 2014-5-3 23:20:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ شېئىر ياخشى چىقىپتۇ. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت بولسۇن.

باھا سۆز

رەھمەت،ھەممىمىزگە ئامىن!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-3 23:27
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 23:25:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nawruz0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 21:14
ياخشى يېزىپسىز . قەلىمىڭىزدە قۇۋۋەت باركەن.

رەھمەت!ئاللاھقا شۈكرى!بىراق ئۇنچە ئەمەس
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 23:26:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 21:16
ھەمما ئادەم شۇ شېئىردا سۈپەتلەنگەندەك بولسا راسلا ئىز ...

مېنىڭ ئەتراپىمدا بار ئىنشائاللاھ.شۇلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ يازغان،تەلەيلىكمەن —دە!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-3 23:27:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 23:20
ماۋۇ شېئىر ياخشى چىقىپتۇ. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت بولسۇن.

رەھمەت،ھەممىمىزگە ئامىن!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-24 02:56

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش