روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 790|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شىئېر] مېنىڭ كۆيگۈنۈم ئالدىڭدا گۇناھمۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەشتاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-18 21:58  

مېنىڭ كۆيگۈنۈم ئالدىڭدا گۇناھمۇ
`
ئابدۇسەمەت داۋۇت

تۇيغۇمدا ئىپار ھېد چاچقاچ گۈللىرىڭ،
كۈندە شۇنداق قارايمەن چىرايىڭغا.
كۆزۈڭدىن كۆزۈمگەكۆچسە تەبەسسۈم،
تەشنالىقتا تەلمۈرمەن قارارىڭغا.

ساڭا ئېيتىش ئۈچۈن يۈرەك سۆزۈمنى،
پۇرسەت كۈتۈپ كۈندە شۇنداق ئىزدەيمەن.
تاپالمىسام ناۋۋادا، ئىزدەپ يۈرۈپ مەكتەپتىن،
يانفۇنۇڭنى ئۇچۇر بىلەن بېزەيمەن.

بىراق سەن قەلبىمنى چۈشەنمىدىڭغۇ؟
ۋەياكى ماڭا بىر ئىشەنمىدىڭغۇ؟
سۆز ئاچساملا ئىزھار قىپ يۈرەكىمنى،
«چاق-چاق قىلمىسلا»-دەپ كىشەنلىدىڭغۇ.

مېنىڭ كۆيگۈنۈم ئالدىڭدا گۇناھمۇ؟
ۋىژدانىڭ «ياق» دىيىشكە ئۇنارمۇ؟
قاراپ باققىن قايتىدىن چىرايىمغا،
ۋىژدان قۇشۇڭ ئاخىر ماڭا قونارمۇ؟

مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.
1985-يىل 8-مارت. يەكەن ئاۋات

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەڭگە +3 يىغىش سەۋەبى
مۇڭلۇق888 + 3 تېخىمۇ تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-16 01:41:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر چىن چىققان. ئەمما ماۋزۇسىدا ئازراق مەسىلە بار.يەنى شېئىرنىڭ ماۋزۇسى شېئىردا مىسرا بولىشى ،  ياكى شېئىردىكى مىسرانىڭ ماۋزۇ بولىشى شەرت ئەمەس. شۇنىڭغا ئېسلىۋالدىڭىزمىكى تاڭ  ماۋزۇ سەل ئۇچۇق ئەمەس.

باھا سۆز

توغرا ئېيتىپسىز «غەلىئە» ئەپەندىم، ماڭىمۇ تىمىسى جانسىزدەك تۇيۇلغانتى، يەنە ئويلىنىۋاتىمەن، سىزنىڭچە تىمى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-4-18 21:55
ۋاقتى: 2014-4-16 10:47:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنچىلىك بىرنىمە يازماق ئۇڭايممۇ دەيمەن تېخى باھالاپ ئۆزەڭلاچە ئۇ يەر ئۇنداق بولماپتۇ ئۇير بۇنداق بومماپتۇ دەپ كىتەركەنسىلە سىلە بىر جۈمۈلە بىر نەرسە يېزىپ باققانمۇ سىلەگە باشقلارنىڭ يازغىننى كۆچۈرۈپلا ئەۋەتسە بولاتىكەن ھە روھلاندا مۇشۇنچىلىك تالانت ئىگىسىئىڭ بولمىغى ئاسانمۇ باشقىلارنى ئۇنى بۇنى دىيىشمەڭلا باللا بىڭسىڭلا بولسا سىلەرمۇ يېزىڭلا !!!
ۋاقتى: 2014-4-17 01:56:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا قىلدىم بۇ مۇنبەرگە كىرىپ بىرىنجى كۆرگەن تىما، بىرىنجى ئىنكاستا دەشنام يىدىم دېسە.يېزىش ئۇ ،بۇ جەھەتتە يېزىپ گاھى ئەپسۇسلىنىپ نى ئىشلار بېشىمدىن ئۆتكەن. مېنىڭ دېگەنلىرىمنى شېئىر ئىگىسى ئۆزى چۈشۈنىدۇ. بەس -مۇنازىرە ،تەھلىل ،باھالاش دېگەنلىك ھەر تەرەپلىمە بولىدۇ. ........................................ يەنە دېسەم ھېچ نەرسىنى ئۇخمىغان كىشى رەھمەت ،ياخشى يېزىپىسز دەيدۇ.
ۋاقتى: 2014-4-17 11:10:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخىمۇ تىرىشىڭ
ۋاقتى: 2014-4-18 08:23:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس شېئىر يېزىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ،ھەم ھەممە ئادەمنىڭ قۇلىدىن كىلدىغان ئىشمۇ ئەمەس . شېئىر يازدىغان ئادەم بىر رومانتىكلىققا ، قايناق شېئىرى ھېسىياتقا باي بۇلۇشى كىرەك ئەلۋەتتە.
مەنچە بۇ مۇنبەر بولغانكى ئۆز ئارا كۈرۈپ ،ئۆز ئارا يىتەرسىزلكلەرنى كۆرسىتىپ ، بىرلكتە ئۈگنىش مەنچە ياخشى ئىش، بۇ ھەرگىزمۇ باشقلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ياراتمىغانلىق ئەمەس.
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ، تېخىمۇ تىرشقايسىز...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-18 21:55:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلىبە يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 01:41
شېئىر چىن چىققان. ئەمما ماۋزۇسىدا ئازراق مەسىلە بار.يە ...

توغرا ئېيتىپسىز «غەلىئە» ئەپەندىم، ماڭىمۇ تىمىسى جانسىزدەك تۇيۇلغانتى، يەنە ئويلىنىۋاتىمەن، سىزنىڭچە تىمىنى قانداق ئۆزگەرتسە ئولىدىكەن دەپ قارىدىڭىز؟ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرايلى.
ۋاقتى: 2014-4-21 23:12:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئاشىقنىڭ يۈرەك نىدالىرى ئەينەن ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپتۇ.گەرچە ئازراق نۇخىسانلار بولسىمۇ ،سەمىمى ھىسيات .رەھمەت پەشتاق ئەپەندى.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-23 03:49

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش