روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1479|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شىئېر] گەنسىمىزگە خېتاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گەنسىمىزگە بىر خىتاب
(يەكەن ئاۋات ئوتتۇردىن- ئابدۇسەمەت داۋۇت)

2011-يىلى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش پەيتىدە، مەكتىۋىمىزنىڭ كادىرلار گەنسىسى يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش جەدۋىلى ئۈچۈن، ھەر بىر ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ بىر يۈەندىن جەدۋەل پۇلىسى تاپشۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، بۇ بىر يۈەن پۇلنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋاقت سائىتىنىڭ ئىچىدە بىرىشكە ۋاختىم چىقماي (دەرسكە كىرىش ۋاختى توشۇپ قىلىپ دەرسكە كىرىپ كەتكەن) قاپتۇ، نەتىجىدە مەكتىۋىمىزدىكى 79كىشىدىن 53كىشىگە يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش جەدۋىلى ئاچىقىپ، بىر كۈنلۈكى ئەتتىگەنلىك ئۆگىنىش ۋاختىدا «جەدۋەل پۇلىسى تۆلىگەنلەرگە جەدۋەل ئاچىقتىم، بىر يۈەندىن پۇل بەرمىگەنلەر ئىدارىدىن ئۆزۈڭلار جەدۋەل ئاچىقىپ جەدۋەل توشقۇزۇڭلار» دەپ، بىر يۈەندىن نەخ پۇل تاپشۇرغانلارغا جەدۋەل تارقىتىلدى. ئارقىدىن مەكتەپ مۇدىرىمىز بىر ئاز پۇل تۆلىمىگەنلىرىمىزگە ئورتاق ھالدا كايىدى، بۇنداق سېسىق گەپنى ئاڭلاپ، لېۋىمنى لىۋىمگە چىڭ چىشلەپ ئولتۇرۇپ، ئۆگىنىشتىن تارقىغاندىن كىيىن چىقىپ قولۇمنى كونۇپكا تاختىسىغا توغۇرلاپ دەرغەزەپتە كادىرلار گەنسىمىزگە قىلغان خىتابىم مۇنداق:

جەدۋەلگە ماڭار چاغدا،
ماڭا ئېغىز ئاچماپسىز؟
«بىر يۈەن» پۇلى يوق-دەپ،
ماڭا جەدۋەل ئالماپسىز.

يوق ئەمەستى «بىر يۈەن»،
سىنىپقا يا كىرمەپسىز.
بۇمۇ ئىشمۇ جان ئۇكام،
مېنى ئەسكە ئالماپسىز.

ماڭا جەدۋەل بولمىسا،
«لاياقەتسىز» دەرسىزمۇ؟
ئاكىڭىزنى ئۇنتۇغان،
ئەنە شۇنداق «مەرت» سىزمۇ؟

«پۇل چىقماس قەلەندەر»-دەپ،
شوجاڭ مېنى تىللىسا.
«خۇش» بولۇپ كىتەرسىزمۇ؟
مېنى شۇنداق چىللىسا.

قىلمىغانتىم يامانلىق،
سىزگە مەنبىر ھىچقاچان.
«بىر يۈەن»گە مىڭ يۈەن،
بىرەتتىمغۇ ھەرقاچان.

«پاسچى» بولماڭ جان ئۇكام،
مەن «ۋالىبول» ئەمەسقۇ،
ھۇجۇمچىڭىز يامانكەن،
مەنمۇ ۋايجان دىمەسقۇ؟

سىزمۇ مەندەك بولغاندا،
ئەللىك ياشقا تولغاندا،
مەندەك ھالىڭىز قالماس،
بالىڭىز ساقال يۇلغاندا.

ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق،
ماڭا جەدۋەل بولمىسا،
كىرەيمۇ ئىدارىغا؟
سىزدە ئامال بولمىسا.

جەدۋەلنى ئالار چاغدا،
سىز قاتارغا ئالمىغاچ،
ئېچىم دەرتكە لىق تولدى،
مەندە تاقەت قالمىغاچ.

يەنە نىمە دەي ئۇكام،
توختىۋالاي بولدىلا.
سۆزلەۋەرسەم گەپ تولا.
ئېچىم دەرتكە تولدىلا.

كېچىكمىسۇن بۇ ۋاقت،
مەنمۇ كادىر ئەمەسمۇ؟
گەر كىرسەم ئىدارىغا،
نىمە گەپ بۇ دىمەسمۇ؟

ئۇنداق قىلما جان ئۇكام،
يەنە ئۆزۈڭ كىرىپ باق.
كىرايىڭنى مەن بىرەي،
سەنمۇ مەندەك قېرىپ باق.

ئەگەر ئامال بولمىسا،
شۇ چاغ كەلسۇن قېنى بىر.
كىرەرمەن ئىدارىغا،
ئەھۋال ئېياي مەنمۇ بىر.


مەنبە: ئۆ قەلىمىم
201-يىل 11-ئاي
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-22 02:34:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەپ   ناچار  ئادەمكەن  ئاۋۇ   !   مۇدىرمۇ  ئۇنىڭدىن  قېلىشمايدىكەن !   قالغان  26  ئادەم  بىرلىشىپ  بۇ  ئىككىسىنى  .....!
ۋاقتى: 2014-5-22 09:06:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ناھەقچىلىك قاچانمۇ تۈگەر؟
ۋاقتى: 2014-5-22 09:20:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلاردا ئىنساپ-دىيانەت قالمايۋاتىدۇ-دېسە. ئازراق ھوقوقنىڭ يۇقۇندىسى تېگىپ قالسا نېمانداق غادىيىدىغاندۇ دەيمەن.  باشقىلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈشكە نېمانداق خۇشتار بولغىيتتى. ياندىن چىقىرىپ ئېلىپ تۇرۇپ ئاندىن يىغىۋالسىمۇ بولاتتىغۇ؟! ھېچكىممۇ بەرمەيمەن دېمەيتتى.
ۋاقتى: 2014-5-22 21:03:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش خىزمەتتە بۇنداق ئىشلار تلا ....چىشىمىزنى چىشلەپ ئۆتۈۋاتىمىز ئامال يوق .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 10:39

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش