روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1137|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شىئېر] ئۆزۈڭنىڭ تەقدىرى ئۆزۈڭ قولىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆزۈڭنىڭ تەقدىرى، ئۆزۈڭ قولىدا
(يەكەن ناھىيە ئاۋات بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن- ئابدۇسەمەت داۋۇت)

مال- دۇنيا دىگەنلەر بايلىق ئەمەس ئۇ،
ئىلىم-پەن ئۆگەنگىن، بايلىق دىگەن شۇ.
تەپەككۈر يولىدىن ئېزدە بەختىڭنى،
سەندىكى كۈچ-قۇۋۋەت، ئەقىل دىگەنشۇ.

ياشلىقنى قەدىرلە مېھنىتىڭ بىلەن،
ئەجرىڭدىن خۇشپۇراق گۈللەر ئېچىلسۇن.
تىرىشىپ-تىرمىشىپ يىڭىلىق يارات،
ئىجادىڭدىن ئەلگە تۆھپەڭ قېتىلسۇن.

ئەقىدە باغلىغىن ھۈنەر-كەسىپكە،
ۋىجدانىڭ نۇرلانسۇن شۇ كەسپ بىلەن.
ساقتىلىق قىلمىغىن، پۇل-مال قوغلىشۇپ،
ئۆرلەيسەن پەللىگە ھالال نەپ بىلەن.

ئېزدىگىن دائىما ئۆز بەختىڭ ئۈچۈن،
تەدبىرنى، ئۇسۇلنى، كەسپ يولڭدىن.
يېتىشكىن ئەل ئۈچۈن بولۇپ پىداكار،
ياردەملەر ئايىما، كەلسە قولۇڭدىن.

ئەخلاقنى، ئىنساپنى دوست تۇتقىن ئەسلا،
يىتىلەر سېنىڭدە ۋىجدان تۇيغۇسى.
ئېچىلسا ئىجادتىن تەپەككۈر كۆزۈڭ،
كۆتۈرلەر قەلبىڭدىن غەپلەت ئۇيقۇسى.

ئىزدەنگىن، ۋاقتىڭنى بەرمە قولۇڭدىن،
كەلمەيدۇ بۇ ھايات، ئۇيان- بۇياندىن.
ئەڭ ئاۋۋال ئۆزۈڭنى قەدىرلە ھەرۋاق.
باشقىلار يىتىدۇ قەدرىڭگە ئاندىن.

يىتىلدۈر ئۆزۈڭدە ئەپۇچانلىقنى،
ئىنسانىي پەزىلەت دىگەن ئەنە شۇ.
ئۆچ ئالما بىراۋدىن، كەچۈرۋەت ئۇنى،
سەندىكى ئەل ئۈچۈن خىزمەت دىگەنشۇ.

ھاجىتىڭدىن ئېشىپ قالسا پۇل مېلىڭ،
بۇزۇپ چاچما، ئاجىزلارغا ياردەم قىل.
ئەڭ شەرەپلىك خىزمەت دىگەن ئەنە شۇ،
بۇنداق ئىشنى سوراپ تىپىپ، ئېزدەپ قىل.

تاللاپ سالساڭ يەرگە، ئېسىل ئۇرۇقنى،
شۇ ئۇرۇقتىن كۆپلەپ ھوسۇل ئالىسەن.
تېرىۋالساڭ ئېتىزىڭغا شۇمبۇيا،
ھوسۇل ئالماي، قۇرۇق قوللا قالىسەن.

ئىرادە تىكلىگىن سۇنماس روھ بىلەن ،
ئىشەنچ، چىدام- غەيرەت سەندىن قاچالماس.
ئۆزۈڭنىڭ تەقدىرى ئۆزۈڭ قولىدا،
سېنىڭدىن باشقىسى ئۇنى تاپالماس.


مەنبە: ئۆز قەلىمىم
2014-يىل يەكەن ئاۋات
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-23 14:58:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز ، قولىڭىزغا دەرد كەلمىگەي .  تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن .

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە  ۋاقتى: 2014-5-25 18:53
ۋاقتى: 2014-5-25 19:00:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھاشىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-25 19:03  

ھەقىيقەتەن ياخشى مەزمۇنكەن، ئەقلىڭىزگە بارىكاللا
نادىر تىما دىسەك، مۇشۇنداق تىمىنى دىسەك بولغۇدەك

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە  ۋاقتى: 2014-5-25 19:12

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-23 05:07

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش