روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1266|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شىئېر] كەپ تۇرۇڭلار تۇققانلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەشتاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 00:18  

كەپ تۇرۇڭلار تۇققانلار

(ئۇرۇق-تۇققانلىرىمغا خىتابىم)
ئابدۇسەمەت داۋۇت

مەنمۇ ئەمدى قىرىدىم، كەپ تۇرۇڭلار تۇققانلار،
ئىشكىم ئوچۇق سىلەرگە،  كەپ تۇرۇڭلار تۇققانلار.
بىر-بىرمىزگە ھەمراھ بىز،  كەپ تۇرۇڭلار تۇققانلار،
نېمەتلىرىم كەڭ تاشا،  كەپ تۇرۇڭلار تۇققانلار.

مال-دۇنيالار دوست ئەمەس،  كەپ تۇرۇڭلار تۇققانلار،
ئالتە كۈنلۈك ئالەم بۇ،  كەپ تۇرۇڭلار تۇققانلار.
ئېناقلىقنى قوغداشقا سەپ تۈزەيلى تۇققانلار،
زەپمۇ ئېناق بۇلار -دەپ، ھوزۇرلانسۇن ئۇققانلار.

قۇم-بورانلار چۈشمىسۇن ئارىمىزغا تۇققانلار،
ئىزلار قالسۇن بىزلەردىن، ئىناقلىقتا تۇققانلار.
سىردىشايلى بىز دائىم، بەخت تىلەپ تۇققانلار.
ئۈزۈلمىسۇن قەدىمىڭلار،  كەپ تۇرۇڭلار تۇققانلار.

ئۆرنەك ئالسۇن بىزلەردىن، نەۋرىلەرمۇ تۇققانلار،
يوقلىشار كەلگۈسىدە، چەۋرىلەرمۇ تۇققانلار.
گۈللەر تىزار ئۇلاردىن، قەبرىمىزنى ئۇققانلار،
ئاتا، بوۋام، مومام-دەپ، بىزدىن ئۆرنەك يۇققانلار.

مەنبە:تۇققانلىرىمنى ئەسلەپ ۋۇجۇدۇمدا ئىختىياسىز ئۇرغۇپ چىققان ئۆز ئىجادىيىتىم
2014-يىل 13-ئاپرىل. يەكەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-16 09:52:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-4-17 20:56:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇق -تۇققانلار ئىزدەشمىسە ياتلىشىپ كېتىدىغان گەپ.ياخشى چاقىرىق بوپتۇ.رەھمەت .
ۋاقتى: 2014-4-18 08:27:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما ماۋۇ شېئىر ئامما لىكىن ئالامەت ياخشى يېىزىلپتۇ ، قاپىيە ، ۋەزىن ، مەزمۇن ھەممىسى شۇنداق ياخشى ، تىلى يىنك ، ماۋۇ ھازىرقى ھەممە ئادەم خىزمەت دەپلا ئۈتۈپ كىتۋاتقان جەمىئەتكە نىسبەتەن ئىنياتىن ياخشى چاقرىق .
ياخشى يېزىپسىز قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، ئىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ زور مەدەتلەر تىلەيمەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-25 13:08:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەپ تۇرۇڭلار دىسەممۇ، كەلمىدىڭلار تۇققانلار،
ئەجەپ خەقكەن دىمەسمۇ، بۇ ئەھۋالنى ئۇققانلار.
تارتىنماڭلار ھەرگىزمۇ، دەپ تۇرۇڭلار تۇققانلار،
مەن بارايغۇ ئەمىسە، يوقلىشايلى تۇققانلار!

ھەرگىز ھەشەم تارتماڭلار، كۆرۈشسەكلا بولدىلا،
يوقلاشمىساق ئۆزئارا، يۈرەك دەرتكە تولدىلا.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-17 22:33

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش