روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 618|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قېرىنداشلىق ئۈلگىسى (چۆچەك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىر ئائىلىدە ئاكا - ئۇكا ئىككى قېرىنداش ياشايدىكەن، ئاكىسىنىڭ بالىسى بار بولۇپ، ئۇكىسىنىڭ بالا - چاقىسى يوق ئىكەن. بۇلار ئاتا - ئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئىناق ياشاپ، بىر - بىرىنى ھەممە جەھەتتە يۈلەپ يار - يۈلەكتە بولىدىكەن ۋە ئۆز - ئارا ھۆرمەتلىشىدىكەن، ھىچقانداق نەرسىدىن قىزغىنىشمايدىكەن.
0 |  R$ d! J( ]' J/ Q9 iبىر يىلى بۇ ئاكا - ئۇكا تېرىلغۇ يەرلىرىگە بوغداي تېرىشىپ مۇل - ھوسۇل ئېلىشىپتۇ. چىققان مەھسۇلاتنى تەڭ بۈلۈشۈپتۇ، ئۆيگە يۆتكەپ كەتكۈچە كەچ بولۇپ قاپتۇـ دە، خامان ساقلاپ قۇنۇشۇپتۇ. يېرىم كېچە بولغاندا ئاكىسىنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ مۇنداق ئويلاپتۇ: « ئۇكامنىڭ بالا - چاقىسى بولمىغان بىلەن، يالغۇز ئادەمگە خىراجەت كۆپ كېتىدۇ. بالا - چاقىلىق بولۇش ئۈچۈنمۇ پۇل لازىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ياش ئېغىر ئەمگەككە چىدىيالمايدۇ، تەجرىبىسى كەم، تىرىكچىلىكنىڭ يولىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىم لازىم....»
* C) ~: }4 y2 r- B& eئۇكىسىنىڭ ئوخلاپ قالغانلىقىنى بىلگەن ئاكا بىر قانچە غەلۋىر بۇغداينى تاغارغا ئۇسۇپ ئۇكىسىنىڭ بۇغدىيىغا تۈكۈپ قويۇپتۇ.
6 ?) T# k2 O7 d4 |  Q5 q' e" Pئۇكىسى سەھەرگە يېقىن ئويغىنىپ مۇنداق ئويلاپتۇ: «مېنىڭ بالا - چاقام يوق، چىقىمىم ئاز، ئاكام بالا - چاقىلىق، ئالغان مەھسۇلاتى ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىم كېرەك. مەھسۇلات ئېلىشتا ئاكامنىڭ كۆپ ئەجرى كىردى، قاراپ تۇرۇپ بۇغداينى تەڭ بۈلۈپ ئېلىشىم ئىنساپسىزلىق بولىدۇ». شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر قانچە غەلۋىر بۇغداينى توشۇپ ئاكىسىنىڭ بۇغدىيىغا قۇشۇپ قويۇپتۇ. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا قارىغۇدەك بولسا ھەر ئىككىسىنىڭ بۇغدىيى ئوخشاش تۇرغىدەك، ھەيران بولۇشۇپتۇ - يۇ مەلۇم سەۋەپنى باھانە قىلىپ ئەتىسى يەنە قۇنۇپتۇ.
% q8 q2 \, X; i$ Vئاكا - ئۇكىلار، يەنە ئالدىنقى كۈندىكى ئىشنى تەكرارلىشىپتۇ. سەھەر ۋاقتىدا بىر - بىرى بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قاپتۇ - دە، ھەھۋال ئاشكارە بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئاكا - ئۇكا بىر تۇققاننىڭ قېرىنداشلىق ئىتتىپاقى تېخىمۇ كۈچىيىپ، بىرلىكتە ياشاپ، بىرلىكتە كۈلۈپ تۇرمۇشى تېخىمۇ باياشات ئۆتۈپتۇ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 20:02

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش