روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1050|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ماقالىلىرىدىن ئۆرنەكلەر(4)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ماقالىلىرىدىن ئۆرنەكلەر(4)


ۋەتەن مېھرى-ئانىلار مېھرى

(نەسىر)

ئاپتورى:گۈلمېھرە ئابدۇراخمان(9-يىللىق1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)


ئانىلار ئىنسان قەلبىدىكى مۇقەددەس ئوبراز.ۋەتەنمۇ كىشىلەرت قەلبىدىكى ئەڭ
يۈكسەك،ئەڭ ئۇلۇغ ئوبرازدۇر.
          ئىنسان دۇنياغا كۆز ئېچىشى بىلەنلا،ۋەتەننىڭ مۇقەددەس ،كەڭ زېمىنىدا
ئۆز ھاياتىنى باشلايدۇ.ئانىلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بەرگەن ساپ مېھرى؛جاپالىق
ئەجرى بىلەن ئۆزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.كونىلاردا:«ئانا بالىسىنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ
،كېچىدىكى شىرىن ئۇيقىدىن ئويغىنىپ،ئىللىق ۋە ھارارەتلىك باغرىغا ياققان،يېقىم-
لىق ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتقان ھەققىگە،بالا ئانىنى يۈدۈپ ،يەتتە قېتىم ھەرەمگە
ئاپارسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار.بۇ ھەقىقەتەنمۇ توغرا
ئېيتىلغان...پەرزەنتنى تۇغۇلىشىدىن پەپىلەپ بېقىپ،چوڭ قېلىپ قاتارغا قوشۇش ئانىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى بولسىمۇ،لېكىن ئانا ئاشۇ پەرزەنتنى قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرىدۇ-ھە؟قانچىلىك جاپالارنى تارتىدۇ-ھە؟ قانچىلىك
مېھرىنى سىڭدۈرىدۇ-ھە؟ۋەتەننىڭ ئاشۇ پەرزەنتلەرگە بولغان مېھرىمۇ ئانىنىڭ ساپ
مېھرىدىن ھەرگىز قىلىشمايدۇ. ۋەتىنىمىزمۇ بىزنىڭ كىچىكىمىزدىن باشلاپلا بىلىملىك
بولۇپ يېتىلىپ چېقىشىمىز ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلايدۇ. شۇڭا، بىز ئانىنىڭ بىزگە
سىڭدۈرگەن مېھرى-مۇھەببىتىگە؛ۋەتەننىڭ بىزگە بەرگەن بەختلىك كۈنلىرىگە
ھالاللىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىشىمىز لازىم.نۆۋەتتە مەملىكىتىمىز سوتسىيالىستىك
زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارماقتا.ھەرقايسى سەپتىكى كىشىلەر ۋەتەن ئۈچۈن كۆڭلىگە يۈكسەك ئارزۇلارنى پۈكۈپ،دۇنيا تەرەققىياتىغا نەزەر تاشلاپ،ئۆزىنىڭ ئاددىي خىزمەت ئورنىدىمۇ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى ياراتماقتا. ۋەتەن ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا...!
      ئالايلۇق،ئەينى يىللاردىكى سىياسى قالايمىقانچىلىق جەريانىدا جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسى-ئىشچى-دېھقانلار ۋە ھەر ساھەدىكى كەڭ ۋەتەنپەرۋەر
خەلق ئاممىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ۋەتىنىمىز تالان-تاراچ قىلىنغان،مىللىتىمىز خورلانغان ۋاقىتتا يەنىلا ۋەتەن ئۈچۈن،خەلق ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ،
قۇربان بېرىش نەتىجىسىدە ئىنسانىيەتنىڭ ئازاتلىقىنى قولغا كەلتۈردى.
      ۋەتەننىڭ بېشىغا ئېغىر بالايى-ئاپەت كەلگەندە قاراپ تۇرغان ئىنسان ئەڭ قورقۇنچلۇق،ئەڭ ۋىجدانسىز ئىنساندۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ جۇڭگۇ زېمىنىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر ۋەتەن پۇقراسى بۈگۈنكى ئىسلاھات،ئىشىكنى ئېچىۋىتىش جەريانىدا بارلىق كۈچنى يېغىپ ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىپ،ئورتاق ئارزۇ يولىدا ئالغا
ئېنتىلىپ،ۋەتەننىڭ شان-شۆھرىتىنى ۋە گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك
ھەسسىسىنى قوشقاندىلا ئاندىن بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىمىزمۇ،ۋەتەنمۇ
بىزدىن مەڭگۈ رازى بولىدۇ.شۇڭا بىز ياش ئۆسمۈرلەر كىچىكىمىزدىن تارتىپ
بۈيۈك ۋەتەنىمىزنىڭ بىزگە بەرگەن ئانىلىق مېھرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىپ
ئۆگىنىشىمىز لازىمدۇر...!
    ۋەتەن ئامان-ئىسەن بولسا-ئانىمىز كۆڭۈللۈك ياشايدۇ.
    ئانىمىز خاتىرجەم بولسا-بىز ياش-ئۆسمۈرلەرمۇ بەختلىك بولغان كەلگۈسىنى
يارىتالايمىز...!
             1994-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى   ئۈرۈمچى



ئانا مەكتىۋىم

(تەقلىت قىلىپ يېزىش تاپشۇرىقى-ئەركىن شېئىر)


ئاپتورى:گۈلمېھرە ئابدۇراخمان


ئانا مەكتىۋىم،
قوينۇڭ خۇددى گۈلباغنىڭ ئۆزى.
تەربىيىلىگەن ئەۋلادلىرىڭ،
ۋەتىنىمنىڭ يۇلتۇزى-كۆزى.
يارىشىدۇ چولپاندەك-ئۆزى.

بىلىم بىلەن يۇغۇرۇپ دىلنى،
تەشنا دىللارغا ئوغۇت بەردىڭ،سۇ بەردىڭ،
تەشنالىقنى قاندۇردۇپ،
بىلىم بىلەن ياشناتتىڭ دىلنى.
ئۆسمۈرلەرگە تونۇتتۇڭ بۇ ئۇقۇمنى...!

ئانا مەكتىۋىم،
سەن بىر گۈزەل باغ...!
سېنى مەدھىيىلەپ قوشاق قاتساممۇ،
تۈگىمەيدۇ دىللاردا ئارمان.
كۆڭلۈمگە پۈتكەن سۆزلىرىم ھەريان...!

ساڭا قارىسام،
قەلبىم شادلىقتىن ھاياجانغا تولىدۇ،
گۈزەل ئىقبالغا....
بەخت كەپتىرىم...
ئەركىن پەرۋاز قىلىپ قانات قاقىدۇ.!

كەلگۈسىدە ئۆسمۈرلىرىڭ چوڭ بولۇپ،
ئەل قاتارى ياخشى شەرەپ تاپىدۇ.
سېنى ھەر دىل ھەر باغلاردا مەدھىيىلەپ،
شېئىر،نەسىر ھەم قوشاقلار قاتىدۇ.
گۈل باھارنىڭ خۇش ئاۋازلىق بۇلبۇلىدەك،
ھەر بىر دىلدا سېنى ھەر دەم ياد ئېتىشىپ،
كگلگۈسىگە...
مەغرۇرانە...
زەپەر قۇچۇپ ئاتلىنىدۇ.
كۆكتە مەغرۇر،
بۇلۇتلار يېرىپ،
مەرىپەتنىڭ قۇدرىتىدىن،
كۆكلىشىدۇ...!

1994-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى  ئۈرۈمچى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +10 ئىناۋەت +10 تەڭگە +10 بايلىق +25 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
yarkanboy + 10 + 10 + 10 + 25 + 10 ياخشى تېما

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-23 18:05

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش