روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2013|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

لايىق (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھاممام بىر قارىسا قىزىقچى، ئەقىللىق، بىر قارىسا دۆتتەكلا. ئۇ تېلېفوننى ئېلىشىم بىلەن تەڭ ئاۋازىنى بولىشىغا قويىۋېتىپ:" ]% t* N6 j1 E# L, @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ھەي ئۆلدىڭمۇ؟! –دەپ ۋارقىرىدى، ئارقىدىن يەنە،-نەدە سەن؟-دەپ سورىدى.4 j0 q8 i$ Y: ^5 J: l" |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئۈرۈمچىدە،-دېدىم مەن.
: q) [' t6 z1 h; L8 G% f6 r-ئۈرۈمچىدە دېگىن! شۇنچە يوقاپ كەتكەنمۇ بارمۇ؟ يا تېلېفون بېرىپ قوياي دېمەيسەن، خۇددى تېلېفون نومىرىڭنى ئۇقۇۋالساق ئاۋارە قىلىدىغاندەك! ئۇقۇپ-ئۇقماي نېمە بوپتۇ، ھېلىمۇ تەستە تاپتىم، سەن بىلەن بىللە يوقاپ كېتىپ، قايتىپ كەلگەن تۇرغازى، ھېلىقى ئىمىركامنىڭ ئوغلى تۇرغازى دەپ بەردى. جىددىي ئىش بولغاچقا تېلېفون بەردىم...ئاڭلاۋاتامسەن؟  y3 H4 i. w+ D6 F: D3 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئاڭلاۋاتىمەن.
6 U+ ?& i, W2 jئاڭلاۋاتقان بولساڭ ھەر قانچە چوڭ شەھەر ئامېرىكىدا بولساڭمۇ ھازىرلا قايتىپ كەل!  s7 ^" H" M# d" F. R  D8 G% w, lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھاممام شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. قىزىق ئىش، تېلېفون نومىرىمنى تەستە تېپىپتىمىش، لېكىن بار-يوقى قىلغان گېپى شۇنچىلىك، جىددىي ئىش دەيدۇ تېخى، زادى قانداق جىددىي ئىشتۇ؟ مەن شۇلارنى ئويلاپ بىر ئاز ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالدىم، ئەمما كۈلكىلىك يېرى ھاممام ئامېرىكىنى چوڭ شەھەر دەۋالغانىدى.
( x5 S1 Y5 m4 \' i; G& b- |-نېمە تېلېفونكەن؟ شۈكلەپلا كەتتىڭغۇ؟-مەن بىلەن بىللە ئۆي چېقىۋاتقان داۋۇت ماڭا قاراپ كېتىپ سورىدى.
4 V- o9 O' \9 X-ھاممامدىن كەپتۇ، جىددىي ئىش دەيدۇ، ئۆيدە بىرەرسى ئاغرىپ قالغان ئوخشايدۇ؟
. W6 }# k& W4 J% y1 S. S5 n: X0 w1 e-بىرەرسى ئاغرىپ قالسا ئېنىق ئېيتار بولغىيتتى؟
* @  V! e$ E2 v. H$ l5 {-مېنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دېدىمىكىن دەيمەن.* w& u) {' k, j/ c/ Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-بەلكىم،-دېدى داۋۇت،-يۇرتقا دىككىدە بېرىپ كېلەمسەن يا؟ ناھايىتى شۇ بىر كېچىدىلا بارىسەن.( o2 ^, m# }' a4 U% R8 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئىشنى قانداق قىلىمىز، قۇرۇلۇش خوجايىنى ئالدىرىتىۋاتسا، ۋاقتىدا تۈگەتمىسەك پۇلىمىزنىڭ يېرىمىنى تۇتۇپ قالىدۇ...
; Q/ X3 _3 C8 P5 \- s( l: [& yھامماڭمۇ قىزىق ئىكەن، گەپنى يېرىم يارتا قىلغىچە، ئېنىق دېسە بولمامدۇ؟ قايتۇرۇپ تېلىفون بېرىپ باق بولمىسا.
0 I' v4 r! I+ _-تېلىفوننى كوچىدىن بېرىپتۇ، پۇل جىق كەتمىسۇن دېدى بولغاي، قىسقىلا سۆزلەشتى.5 V" p# [* S2 Q" h+ P2 Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئەمىسە قانداق قىلىسەن؟  h/ W3 c7 B% Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-كۆڭلۈم بەك ئەندىشىدە قالدى.5 K4 Q9 U' l. }  w/ d# `. fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-بۇنداق ئىشلىسەڭمۇ ئىشنىڭ ئۈنىمى بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى يۇرتقا دىككىدە بېرىپ كەل.
1 _$ }+ g0 I, m, n. V/ X6 B# bداۋۇت ئاخىر يەنە شۇنداق ئەقىل كۆرسەتتى.' m7 x" L5 w3 j1 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ھىم،-دېدىم مەن ۋە ئەتىسىلا يۈك-تاقامنى ئېلىپ يولغا چىقتىم. لېكىن شۇنچە ئۇزاق يول يۈرۈپ يۇرتقا بارسام، داداممۇ، ئاپاممۇ، ساق ئىكەن، ئۆيدىمۇ ھېچقانداق ئىش بولماپتۇ. پەقەت ئۆيدە چىرايلىق بىر قىز پەيدا بولۇپ قاپتۇ خالاس.
0 p% O( b$ i' r. ^6 x; R-مېنى نېمىگە چاقىردىڭلار شۇنچە جىددىي؟-دەپ ئاچچىقلىدىم مەن.# j* F/ T1 t* O2 J* Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-بېشىڭنى ئوڭلاپ قويايلۇق دېدۇق،-دېدى ھاممام ئاپامنىڭ ئورنىدا جاۋاپ بېرىپ.
. _) D5 N5 b6 n-نېمىشقا؟ مەن يەنە ئۆيلىنىمەن دېمىسەم؟
- T: [8 j/ }( S% m# P  X% O) [-سەن ئۆيلىنىمەن دېمىگەن بىلەن، ئۆيدە بىر قىزنى بېقىپ ياتساقمۇ بولماس؟6 c/ c+ @4 L$ B. z4 qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-نېمە قىزكەن ئۇ؟
3 G9 C3 Y6 C/ E3 Tمەن ئۆيگە كىىرپ چىقىپ يۈرگەن ھېلىقى قىزغا قاراپ قويۇپ، شۇنداق سورىدىم.# C6 I4 b2 h5 E7 L1 yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-كوچىدا تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرۈپتىكەن، ئەكىرىپ، بېشىنى يۇيۇپ-تاراپ، ئۈستىبېشىنى يېڭىلىۋالدۇق، بىر چىرايلىق قىزغا ئايلاندى، قولىمۇ ئىشلىق ئىكەن...
8 a) ]; w/ `% H% ?5 _9 q-نېمە؟!5 {8 c' ?7 z! B+ b* oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك قاتتىق ۋارقىرىۋەتكىنىمنى تۇيمايلا قالدىم. ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، داۋۇت مەندىن:3 s) x0 {4 V. Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-نېمە ئىشكەن؟-دەپ سورىدى،-بېرىشىڭدىن يېنىشىڭ بەك تېزغۇ؟-دەپ قوشۇپ قويدى ئاندىن.1 J! S8 M9 X0 ~# R* p, uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئۆيۈمدىكىلەر بىر ئىنەك بېقىپتىكەن، شۇنى كۆرۈپ كەتسۇن دەپ چاقىرىپتۇ،-دېدىم مەن.
! ?# }" t; \9 ~  |$ [; y-ئۆيۈڭدىكىلەرمۇ قىزىقكىنا؟-دەپ كۈلدى داۋۇت.7 k* M8 _% I- {; w- fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز چېقىشنى ھۆددىگە ئالغان بىنانىڭ ئىشى تۈگىگىچە، لەپىلدەپ قارمۇ ياغدى، لېكىن چاقىدىغان قۇرۇلۇش جىقراق بولغاچقا، پۇل تاپقانچە تاپقۇمىز كېلىپ، سوغۇققىمۇ قارىماي ئىشلەۋەردۇق. ئاڭغىچە ھاممام يەنە بىر نەچچە قېتىم تېلېفون بەردى.
! A. d" E) B- ]! o  M-زادى كېلەمسەن-كەلمەمسەن؟-دەيتتى ھاممام ئاچچىقلاپ.' k9 S) v4 w  P7 C6 T* Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ماۋۇ قۇرۇلۇشنى چېقىپ بولۇپلا، ئۆيۈڭگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ كەل،-دېدى داۋۇت كۈلۈپ،-ئۆيۈڭدىكىلەر يەنە بىر ئىنەك باققان بولسا، كۆرۈپكەتسۇندەپ يولۇڭغا قاراپ قالغان ئوخشايدۇ.& U9 l2 J$ u7 j9 hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-نېمە ئىنەك بولسۇن، ئۇلار ماڭا بىر لايىق تېپىپ قويۇپتۇ،-دېدىم مەن راست گەپنى قىلىپ.3 c& J* F! q* w4 g, f1 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ھۇششەرە، ئۆيلىنىدىغان بوپسەن-دە؟ بىزگە شۇنداق تەلەي يوق دېسە،-دېدى داۋۇت.$ {# A7 v7 D0 L& cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-قويە ئۇنداق تەلەينى، مېنىڭ ھازىر ئەس-يادىم كۆپرەك پۇل تېپىشتا.) F. e+ ]. E& y$ r6 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-دېگىنىڭغۇ راست، پۇلۇڭ بولمىسا خوتۇن ئالغان بىلەن ئۇنى باقماق تەس...
4 R  O% g, H# ~/ T9 E9 Gبىز شۇ گەپلەرنى قىلىشۋاتقاندا ھاممام يەنە تېلېفون قىپتۇ.
$ i% T  {# j& v) g9 i* h; i-نېمانداق بىغەرەز سەن؟!-دېدى تېلىفوندا ۋارقىراپ.
6 W3 }  J' e! I& a-ۋاي-ۋۇي، كوچىدىن تېپىۋالغان قىزغا نېمانچە قىلىسىلەر؟!-دېدىم مەنمۇ ئاچچىقلاپ.! a$ K0 U2 d+ h+ Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ساڭا كىم شۇنداق دەيدۇ؟# N5 q0 t) Q+ y) rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئۆزۈڭلار دېدىڭلارغۇ.
! H- S, V& o+ c2 g4 }0 a. W4 ?ئۇ دېگەن قىزىقچىلىق ئورنىدا دېگەن گەپ، لېكىن گەپنىڭ ئاخىرىنى دېگىچە پەشنى قېقىپ چىقىپ كېتىپ، شۇ پېتى ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېتىۋاپسەن. بۇ قىز كونا مەھەلىمىزدىكى جۈماخۇنكامنىڭ قىزى، سىلەرگە كېلىن قىلىپ بەرگىنىم بەرگەن دەپ ئەكەپ قويدى.
: Y; @' O/ k: k2 v1 l: z* e& y-ئۇ ئادەمنىڭ بېشى ئىشىپ قالمىغاندۇ؟
0 d7 T! y; t5 N; b- a7 z-ئۇنداق دېمە! ئۇچۇ، ئاتا كۆرگەن، ئانا كۆرگەن كونا قوشنىلار دەپ بىزگە ئىشەنگىنى. ھازىر بۇ قىز بىزگە كېلىن بوپ بولدى، بۇ ئۆيدە پەقەت سەنلا كەم.* O" \9 U' e, l& j2 N+ bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-قېنى، مەن ئويلىنىپ باقاي.
3 i) f. j* a) m: @4 |! g6 J-بۇنىڭ ئويلىنىدىغان نەرى بار؟ بۇ قىزدىن قۇرۇق قېلىپ، كۈندە پۇلۇڭنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان، سېنىڭ ئاچ-توق قېلىۋاتقىنىڭ بىلەن كارى بولمايدىغان بىرەسىگە ئۇچراپ «ۋاي-دات!» دەپ قالمىسۇن دەيمىز سېنى.
) K( W8 t4 Y  G6 `ھاممامنىڭ كېيىنكى گېپى مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى. دېمىسىمۇ مەن بىلىدىغان ئاغىنىلەردىن قايسىبىرى خوتۇنى ئۈستىدىن ھال ئېيتمايدۇ؟ ئۇچىسى ۋال-ۋۇل، ئوينىشى چاي، ئايدا بىرەر قېتىم قازان قاينىتىشنى بىلمەيدۇ...9 T' X  j' c" e# E2 Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن تېلىفوننى قويۇۋېتىپ داۋۇتقا قارىدىم.
& `  u/ D4 C6 Q7 s* R-قولى ئىشلىقكەن دەمدۇ؟-دېدى داۋۇت ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ،-ئەمىسە ئۇ قىز ساڭا راستىنلا لايىقكەن. ئۇنداق قىزلارنى ھازىرقى ۋاقىتتا ئاسماندىن چۈشمىسە، يەر يۈزىدىن تاپماق تەس.
' |* F- u4 N6 f* l. q" x  p' A-ئاسماندىن چۈشمىسە؟...5 v# b. ]9 g9 @& B* L% M; _- e  `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم. ھاممام بولسا «ھەر قانچە چوڭ شەھەر ئامېرىكىدا بولساڭمۇ، خوتۇن ئالماي تۇرىۋېرەمسەن» دەپ توختىماي تېلېفون قىلىۋەردى.$ e# j/ g  ~) h. k# q  c! [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
/ \4 \5 Y9 {. a9 j8 F# r0 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى- B. J% N7 h; T% ]6 `# Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-3 19:01:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىسكەن  بەك قىززىقكەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 01:53

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش