روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1394|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شىئېر] تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ
(يەكەن ئاۋات ئوتتۇردىن- ئابدۇسەمەت داۋۇت)

سوققان بىلەن تۆمۈرچى،
نەقىش ئىشلەپ كەتمەننى.
ئۇپرىتىدۇ دىھقانلار،
چىپىپ ئېرىق- ئۆستەڭنى.

دېھقان چاپسا كەتمەننى،
كادىر ئېرىق بىشىدا.
چوڭقۇر كولا يەنە دەپ،
قاراپ تۇرار قېشىدا.

دىھقان ساتسا بەش مودىن،
پىشقان ئۈرۈك ھۆلىنى.
باققال ساتار قۇرۇتۇپ،
ئوتتۇز كويدىن گۈلەنى.

شېئىر يازسا شائىرلار،
ناخشىچىلار ئوقۇيدۇ.
مىكيان باقسا چۆجىنى،
قاغا كىلىپ چوقۇيدۇ.

دوغچى ئاپتاپ تىلىسە،
ماتاڭچىلار قاخشايدۇ.
ياڭاق چۆلدە قۇرۇسا،
چىلان چۆلدە ئوخشايدۇ.

بۇنداق ئىشلار كۈرمىڭغۇ،
ئوخشاش تۇرۇپ، پەرىقلىق.
تەڭشىيەلمەس زادىلا،
شىمال ياكى شەرىقلىق.

ھەيران قالماڭ زادىلا،
تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ.
باش قاتۇرماڭ بولدىلا،
شۇنداق ئىشلار ھامان بۇ.


مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم
2014-يىل 21-مارت، ئاۋات

سەمىيمى ئەسكەرتىش: ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بىرىشىنى، «تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ»غا دائىر يەنە كەم قالغان تولۇقلىمىلارنى تولۇقلىشىپ بىرىشىنى سەمىيمى ئۈمىت قىلىمەن.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-22 11:15:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلارنى ياخشى يېزىۋاتىسىز، شېئىردا بىر قىسىم ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپ قاپتىكەن، ئوڭشاپ قويدۇم (ئالدىنقى تەس ئەمەئاستىئۇ شۇنداق ئىكەن).
ئامال بار، ئىملا خاتالىقىغا يول قويماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ۋاقتى: 2014-3-22 12:27:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە رەھمەت، جاپا چىكىپسىز
ۋاقتى: 2014-3-22 13:41:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھان قانۇنىيىتى شۇنداق بولسا كىرەك

باھا سۆز

بەش بارماق تەڭ بولمىغاندەك ,بۇجاھانمۇ ھەقىقەتەن تەڭشەلمىگەن,ياخشى يېزىپسىز ,تېخىمۇ تىرىشىڭ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-26 21:54
yusuf3032 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-22 13:41
جاھان قانۇنىيىتى شۇنداق بولسا كىرەك

بەش بارماق تەڭ بولمىغاندەك  ,بۇجاھانمۇ ھەقىقەتەن تەڭشەلمىگەن,ياخشى يېزىپسىز ,تېخىمۇ تىرىشىڭ.
ۋاقتى: 2014-3-26 22:08:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىمۇ تىرىشىڭ. رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-21 08:41

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش