روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 544|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر] ئەلقۇتقا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   ئەلقۇتقا
(ئوغلۇم ئەلقۇتقا ئاتاپ)

كۆزۈمنىڭ نۇرىسەن ئوغلۇم،
ھاياتىمغا ئۈمىد قوشقان.
بۈگۈن دۇنياغا كۆز ئاچتىڭ،
بۇلۇپ سۈبھىدىكى چولپان.

                               ھاياتىڭنى ئاناڭ بەردى،
                              داداڭ بەختىڭگە بىر قالقان.
                             پەرزەنىت مېھرى ئاتاشكەن،
                             بۇ ئوتنى ئىگەم سالغان.
ئەجدادىڭ ئوغۇز نەسلى،
سەن ئۇندىن ئۇزۇق ئالغان.
يۇرتۇڭ ئەينى بىر گۈلزار،
تۈمەن بۇلبۇل قىلار خەندان.

                              خەلقىڭ ئەللەرگە بىر تىلسىم،
                              ئەقىل-ھىكمەتكە لىق تولغان.
                              ئەجىردىن ئېلىگە قۇت چاچقاي،
                              ۋاپا، سۆيگۈگە باي ئوغلان.

«ئۇيغۇر»نى مۇقەددەس بىل،
ئۇلار تارىخقا ھەل ئويغان.
ئاشۇنداق ئوتلۇق ئىستەكتە،
ساڭا «ئەلقۇت» دەپ ئات قويغان.
ئالدىنقى: سونىت
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

سەت بولدى   ئاخىردىكى  ئۇلار تارىخقا ھەل ئويغان دىگەن نى   ئۇلار تارىخققا گۇل ئويغان   دەپ ئۇزگەرتسەك قانداق بولا  ئەيىپكە بۇيرىماڭلا  …
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-12 01:06:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت.  مېنىڭچە يەنىلا ئەسلى بويىچە ئالغان ياخشى. " ھەل ئويۇش" نى ئەجداتلىرىمىزنىڭ  تارىخىغا بىرلەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلدىمغۇ؟
ۋاقتى: 2014-3-12 11:04:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق تەبىئىي!...گۇيا ياپراقنىڭ پۇتاقنى يېرىپ چىققىنىدەك .... ئوغلۇم تۇغۇلغان چاغدا ئۇنىڭغا ئاتاپ شىئېر يېزىپ قويمىغىنىمدىن ئۆكۈندۈم....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-12 20:27:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىل ئەپەندىمنىڭ رىبەتلەندۈرگىنىگە رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-3-19 02:14:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېر دىگەنگە خېلى ئېپى بار كىشىدە. كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرغىدەك شىئېرلىرىڭىزگە تەشنامىز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 05:48

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش