روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2589|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قاۋاقخانىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قاۋاقخانىدا
…
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
…
…
ئەتتىگەندە  كىرىۋالدىم قاۋاققا،
ناشتىلىققا  ئاچچىق ھاراق ئىچىشىپ.
سوقۇشتۇرۇپ رومكىلارنى تولدۇرۇپ،
بىرلا تەخسە  قۇرۇق گازىر چېقىشىپ
…
…
يانلىرىمدا  ئۇيقۇ چىراي  تۆت گۈزەل،
كېچە ئىچىپ يېشىلمىگەن، نازى يوق.
ئەللىك سومغا  تەلەپ قىلدىم ناخشىنى،
بىر مىنۇتتا تۈگەتتى ئۇ سازى يوق.
…
…

غېرېق بولدۇم  يېرىم بولماي بوتولكا.
گۈزەللەرنىڭ ئالدىدا لىق ئىچىملىك.
يەيدىغانغا گازىر پەقەت باشقا يوق،
ئۇلاپ چەكتۇق يېرىم تاشلاپ  چېكىملىك.
…
…
يالغۇز قالدىم  ئويغانغاندا مۈگىدەپ،
ھېساباتچى كەلدى  ھېساب ئاچقىلى.
ئىككى ۋاراق تىزىملىكنى ئوقۇدى.
پۇل تۆلىمەي ئامالىم يوق قاچقىلى.
…
…

دەيدۇ ئوتتۇز قىزىل  كالا بىر ھاراق،
ئون تاماكا ،ئىككى سائەت، تۆت گۈزەل،
ھەر بىر قىزنىڭ ھەمراھلىقى ئىككى يۈز،
تەلەپ قىپسىز  ئەللىك سومدىن ئون غەزەل.
…
…

جەمئىي ھېساب ئىككى مىڭدىن ئېشىپتۇ،
ئاڭلاپ تىلىم بولدى گاچا تۇتۇلۇپ.
تېلفۇن،كىملىك،تىلخەت  بىرىپ رەنىگە،
ئاران چىقتىم شۇ  قاۋاقتىن قۇتۇلۇپ.
…
2015-1-2
…
«قۇملۇق»
…
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-3 22:13:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قاۋاققا كىرمەيتىڭىز ئەمەسمۇ؟
ياخشى يېزىپسىز، يەنىمۇ تىرىشىڭ.
بولسا شۇنداق قاۋاققا كىرىدىغانلارغا ھەقىقىي  ئىبرەت بولغۇدەك يازسىڭىز مىللىتىمىز شۇنداق كەيىپ ساپادىن يىراق تۇرسا دەيمەن
ۋاقتى: 2015-1-4 13:01:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېر نىڭ تىلى راۋان، مەزمۇنى چوڭقۇر ئىكەن...بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-5 13:19:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارچە ئوقۇرمەنلەرگە. ئىنكاس قايتۇرغان دوسلارغا كۆپ رەھمەت
ۋاقتى: 2015-1-7 17:56:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىت يېڭى يىلدا كۆپ چىقىمدار بوپسىز ، بۇمۇ بولغىنى باشقىلار ۋە ئۆزىڭىزگە ئىبرەت بولار .
ۋاقتى: 2015-1-7 23:25:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستلا قىممەت چۈپتۇ بۇ بىر پارچە شېئىر ، يەنىمۇ ياخشى شېئىرلارنى كۈتىمىز ، ئەزەنراق بولسۇن جۇمۇ قوملۇق ئەپەندى ، چاقچاق ھىھىھىھىھى ....

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 06:58

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش