روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 754|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

شور ئېغىز، تۇزلۇق شوۋا [ساتىرا]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«شور ئېغىز، تۇزلۇق شوۋا»

(ساتىرا)
(يەكەن ئاۋات ئوتتۇردىن- ئابدۇسەمەت داۋۇت)


سۆلەت دىسە سۆلىتىڭ،
خۇددى «دۆلەت قوڭغۇز»①دەك.
غىلجىڭشىيسەن دائىما،
يىرتقۇچ «قاۋان توڭگۇز»②دەك.

قۇسۇر ئىزدەش ماھىرى،
غەرزىڭ يوق، مەرەزگە باي.
سانتا قويۇپ ھەممىگە،
شاپاشلايسەن دۆت گاداي.

سۆز باشلىسا بىرەرسى،
ئېغىزىنى غىرىچلاپ.
دېمېقىڭنى قاقىسەن،
«ياسوجى»③دەك پىرىسلاپ.

پىرىنسىپنى سۆزلىسە،
سۆزلىگەننى بۇلغايسەن.
ئۇنداق ئەمەس، مۇنداق دەپ،
دەرھال بويۇن تولغايسەن.

تۈزەتمىسەڭ خۇيۇڭنى،
ئەلدە ئامال بەك تولا.
مەڭگۈ دەيدۇ نامىڭنى،
«شور ئېغىز، تۇزلۇق شوۋا»④.

سەن ئۆزەڭنى چوڭ تۇتۇپ،
دېمېقىڭنى قاقمىغىن.
ساڭا لايىق ئۇنۋان شۇ،
قايتا ئىزدەپ باقمىغىن.

ئۆسسۈن دىسەڭ ئۇنۋانىڭ،
كۈندە ئەلگە تازىم ئەت.
ئەدەپ ئەخلاق ياد ئىتىپ،
تەبەسسۈمنى لازىم ئەت.


ئىزاھات:①«دۆلەت قوڭغۇز»- پارقىراق، مۈڭگۈزلۈك، چىراق يورۇقىدا ئىگىز-پەس ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان قوڭغۇز نامى.
②«قاۋان توڭگۇز»- يىرتقۇچ ياۋا توڭگۇزنىڭ ئەركىگىنىڭ نامى.
③«ياسوجى»- ئىلىكتىرۇنلۇق ھۆججەتلەرگە ھەجىم جەھەتتىن كىچىكلەشكە بىسىم بىرىدىغان يۇمشاق دىتال نامى.
④«شور ئېغىز، تۇزلۇق شوۋا»- ئۆزىنى مەن-مەن چاغلاپ باشقىلارنى ئېغىز ئاچۇرماي كاسىلدايدىغانلارغا بىرىلگەن ئۇنۋان نامى.

2014-يىل 26-فىۋرال، ئاۋات

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-27 21:56:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئىركەن ،رەھمەت
ۋاقتى: 2014-3-1 11:54:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ماۋۇ ساتىرامۇ شۇنداق ياخشى يىزىلىپتۇ، ئىسىل ئەسەرلىرىڭىز روھلاندىن ئۈزۈلمىگەي!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-21 12:58

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش