روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1358|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئانا يۇرتۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئانا يۇرتۇم
(توختىكىرىم ئابدىكىرىم)
ئانا يۇرتۇم سىنىڭكى تاغ سۇلېرىڭ شەربەتتىن،
ئېقىپ چىققان باغرىڭدىن ھەر بۇلىقىڭ شەربەتتىن،
بېقىپ كەلدىڭ ھەر جاننى خالىي بۇلۇپ مىننەتتىن،
بىز چوڭ بولدۇق ئۈستۈڭدە،بەھرە ئېلىپ زىننەتتىن،
خالىي بولغىن ئەي ئانا مەڭگۈ جاپا-غۇربەتتىن.

بەردىڭ بىزگە ئۇسسۇلۇق،ئۈزۈم،ئالما،ئاناردىن،
خۇشپۇراقلار كەلتۈردۇڭ ،چىچەكلەردىن،باھاردىن،
تىمەن بۇلۇپ ئۆستۇق بىز ،ھېچ قالماستىن قاتاردىن،
ساڭا نەغمە،كۈي قاتتۇق،جاراڭلىتىپ ساتاردىن،
سىنى گۈلگە پۈركەشچۈن ،كەچسەك مەيلى راھەتتىن.

تاڭ سەھىرىڭ خۇش ھاۋا،سايرىشىدۇ تورغايلار،
«مىنى ئورغىن»دەپ سەلكىن شىۋىرلىشار بۇغدايلار،
مول-ھۇسۇلنىڭ مىھرىدىن خۇشال ئۆتەر كۈن-ئايلار،
ئىتىكىڭدە يايرىشار،بالىلار ھەم بوۋايلار،
خۇشال بۇلۇپ ،شادلىنىپ،ساڭا تۆككەن مىھنەتتىن.

قىز-چوكانلار چاچلېرى ئۆرۈم-ئۆرۈم،قىياقتەك،
ئاھۇ كۆزى چولپاندەك،ئېقىپ تۇرغان بۇلاقتەك،
ئاغزى شىرىن-شەربەتلىك،گەپ-سۆزلېرى چاقماقتەك،
بىلى زىلۋا-ئىنچىكە،تال-چىۋىقتەك،تاياقتەك،
پەرى كەبى ئۇز ئۇلار،ئۈزەڭ بەرگەن رەھمەتتىن.

تاغلار تالقان بۇلىدۇ،يىگىت-ئەرلەر قۇلىدا،
مۈشكۇلات يوق ھەر دوقمۇش،ھەتتا چېغىر يۇلىدا،
ھىيلىگەر يوق،شەيتان يوق،خەلقىم ئوڭۇ-سۇلىدا،
ئاقكۆڭۈللۈك،چىن مەردلىك بولغاچ ھەممە ئۇلىدا،
دۈشمەنلېرىڭ قان يۈتسۇن،ئاتا قىلغان بەركەتتىن.

(2015-يىلى1-ئاينىڭ 3-كۈنى،قارقاش)
مەنبە: ئۆز قەلىمىم.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-18 16:48:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز، قاپىيەگە دىققەت قىلشتىن باشقا رېتىم، تۇراقلارغىمۇ، مەزمۇن، ئشلەتكەن سۆزنىڭ گۈزەللكگمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن!داۋاملىق ئىزدىنپ ھارمىغايسىز!

باھا سۆز

مەنمۇ ئەلتۈرۈككە ئوخشاش كۆز -قاراشتا . ئانا يۇرىت مۇھەببىتى يۈرەكتە ھەر قاچان ئېقىن سۇدەك كۇۋەججەپ تۇرغاندا ئ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-19 13:08
ۋاقتى: 2015-3-18 19:34:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل ئىشلىتىش ماھارىتىڭىزگە تولىمۇ قايىل بولدۇم . مۇشۇنداق ئېسىل يازمىللىرىڭىزنى بىزدىن ئايىمىغايسىز
ۋاقتى: 2015-3-18 22:23:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېرىمۇللانىڭ قەلىمىگە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن، ياخشى يېزىپسىز.
ۋاقتى: 2015-3-19 13:08:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۈرگ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-18 16:48
ياخشى يېزىپسىز، قاپىيەگە دىققەت قىلشتىن باشقا رېتىم،  ...

مەنمۇ ئەلتۈرۈككە ئوخشاش كۆز -قاراشتا .
ئانا يۇرىت مۇھەببىتى يۈرەكتە ھەر قاچان ئېقىن سۇدەك كۇۋەججەپ تۇرغاندا ئاندىن ياشاش ئۆز ئەھمىيتىنى تاپقان بۇلىدۇ .
قارىقاشتىن قەلەمكەشلەر نىمانچە كۆپ چىقدىغاندۇ ؟
ئاكامۇي  سىز نىم خىزمەت قىلسىز.
مانما؟ مەن ھېساپچى ئ‍ەپەندىم ،قانداق گەپلېرى باما؟
ۋاقتى: 2015-3-24 00:43:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭزگەيەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن،

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

روھلان ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-7-1 04:40

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش