خىيالپەرەس ( ھىكايە )' O$ k6 ]. E& N3 O+ S& oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
# Z5 o0 F O' t6 L$ [, mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
! a0 G) ^, R6 X+ j- j' E: b0 m* L' A0 H# Z- q" {* Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ خەق نىمانداق قىلىدۇ دەيمەن,ئاچچىغىمنى كەلتۈرۈپ.ئەمدى بىر تىرىك ئادەم دىگەندە ئانچە-مۇنچە ئارزۇ-ئارمان,ئىستەتك ھەۋەسلەر بولمىسۇنمۇ?چىرايلىق ئىككى ئېغىز مەدەت سۆزىنىڭ تايىنى يوق كەچكىچىلا ئادەمگە تەنبىھ بىرىپ,قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سىپىپ يۈرگەن.شۇڭىمۇ بىز خەقتە بىرلىك ,ئىتتىپاقلىق,كۈيۈمچانلىق يوق.قارا دەۋاتقان گىپىنى,ھۇ ئۆلگۈر قېرى!ساقىلىڭغا يۆگىشىپ ئۈلەرسەن ئىلاھىم!مەن يا‹‹قىمار ئوينىغۇم بار,ھاراق دۇكىنى ئاچىمەن,بۇلاڭچى بولىمەن,ئوت قۇيۇپ ئادەم ئۆلتۈرىمەن ››دىمىسەم.دىگىنىم بارى-يوقى :
# J/ f: S: B+ u3 P; W& i0 V [6 E5 `-خۇدايىم بۇيرىسا سەككىز قەۋەتلىك ئولتۇراق بىنا سالغۇم بار.ۋاقتى كىلىپ بىنا پۈتكەندە پۈتۈن مەھەللىدىكىلەرنى كۆچۈرۈپ ئاپىرىۋالىمەن.شۇ چاغ بولغاندا قول ئىلكىدە بارلار ئاتىغىنىنى بەرسە,قۇلى قىسقىلار بەخىت سائادىتىمگە دۇئا قىلىپ قويسىلا كۇپايە.ئەلدىن ئەلگە نەپ ئەمەسمۇ?مەنمۇ بىر ئەل بالىسى-دىدىم خالاس.شۇ گەپكە ئېغىزىنى كالچايتىپ كاماك چىشلىرىنى كۆرسىتىپ بىر ھازا كۈلگىنى ئاز كىلىپ تېخى:
9 F6 f( |+ O% r7 _; s2 H-ئۇكاموي,قاچانمۇ تۈگەر مۇشۇ ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلايدىغان خۇيۇڭ!?راستىنلا شۇنداق بىر بىنا سالدىڭمۇ دەيلى,شۇ بىنارىڭ پۈتكىچە مىنىڭ نەۋرەممۇ نەۋرىلىك بۇلۇپ قالار بەلكىم.بىنا سالىمەن دەپ خام-خىيال بىلەن ۋاقتىڭنى ئۆتكۈزگىچە ئامال قىلىپ ۋاقتىدا بېشىڭنى ئوڭشىۋال!سەن سالىدىغان سەككىز قەۋەتلىك بىنا كىچىك بالىلارنىڭ قۇراشتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقىدىن پۈتمەس ھەقاچان.ھەممە نىمىگە پۇل كىتىدۇ.تۇرمۇشۇڭنى قامدىيالمايۋاتقان ھالىڭغا سەككىز قەۋەت بىنادىن چۈشكىنڭ قىزىقتە-دەيدۇ چىشىمنى قېرىشتۇرۇپ.مەن يەنە: 3 t( q2 ?) K2 z+ M3 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ.ئىشلەۋاتقاندىكىن بىر گەپ بۇلۇپ قالىدۇ.ئاۋۋال ئويلىشىپ كۆلىمىزگە پۈكىۋالىمىز,قالغىنى ئاستا-ئاستا يۈرۈشۈپ كىتىدۇ-دىسەم,ئۇ يەنە: 8 ~, j# K7 W$ ?$ k9 r5 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-سۆزلەڭ دىسە دادۈيجاڭغا گەپ بەرمەيسەن,پونى زەمبىرەكتە ئېتىپ ھېلى ئۇنى قىلىمەن,ھېلى بۇنى قىلىمەن دەپ چوڭ سۆزلەيسەن.پايتىماڭنى ئوڭشاپ يۆگىيەلمىگەن نىمەڭگە ئۇنداق چوڭ يەردىن چۈشسەڭ پەقەت ياراشمايدىكەن ئۇكا.تۇلا يىتىم قۇۋۇرغامنى ئىگىپ كۈلكەمنى قىستىماي سىڭگەن نېنىڭنى يە-دەيدۇ.ھەجەپ ئاچچىقىمنى كەلتۈردا مونو قىسىق كۆزنىڭ گەپلىرى.بىنا پۈتكىچە نەۋرەممۇ نەۋرىلىك بۇلۇپ قالار دەپ تېخى,ئۆزى ئاتمىشتىن ئېشىپ نەۋرىسىمۇ ئەرگە تىگىدىغان يېشىدىن ئۆتۈپكەتكەن تۇرسا نەۋرىسىنىڭ نەۋرىسىدىن غەم يەپ كىتىشلىرىنى نىمە دەي.كەلگۈسىدە سالماقچى بولغان بىنارىم توغرىلىق مەسلىھەت سوراۋاتسام ,داڭگال ئاتقان پوقتەك چاچرايدا ماۋۇ جۇدۇنۇمنى ئۆرلىتىپ. " r- k4 M3 o8 b( l5 A+ y) ^% ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆتكەن يىلى قىشتا دائىمم سىرتتا ئىشلىگەندىكىن پۇتۇم بەك توڭلاپ كىتىدىكەن دەپ ئايىغىمنىڭ تىگىگە سالىدىغانغا كىگىزدىن پىتەك كىسىۋاتسام كىرىپ قالغانتى.كەسكەن پىتىگىمنى زاڭلىق قىلىپ:
9 Q/ d& j4 |1 M# P# z' V-كەسكىنىڭ نىمە بۇ?ئۈچ بۈرجەك,تۆت بۈرجەك...پۇتۇڭ ئىسسىمىغان بولسا كىسىمەن دەپ ئاۋارە بولغىچە مۇشۇ پېتىلا پايتىما قىلىپ يۆگىۋالساڭ سوغۇق تۈگۈل بالا-ۋاقىسىنىمۇ كۆرمەيسەن -دىدى.لىكىن مەن يۆگەپ باقمىسام,نەدىن بىلىمەن ئۇنداق نىمىنى!?ئۈگۈتۈپ قۇيىمەن دەپ بىرنىمىلەرنى قىلدى.ئەممازە,قەۋزىيەتنىڭ چىچمىقىدىن تەس ئىشكەن بۇ.شۇنچە كۆڭۈل قۇيۇپ تىرىشساممۇ پەقەتلا ئۈگۈنەلمىدىم.بوۋام زامانىسىدىكى ئۇنداق پايتىمىلارنى بۇ زاماندا كىم يۆگەيتتى?ئاشۇنىڭغا ئوخشاش مەتو قېرىلاردىن باشقىسى بىلمەيدۇ ئۇنداق ئىشلارنى.شۇنىڭدىن كىيىنلا ئۇنىڭغا بۇلۇپ بەردى.ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا‹‹پايتىماڭنى ئوڭشاپ يۆگىيەلمىگەن نىمەڭگە››دىگىنى دىگەن.مانا شۇ ئىشتىن كىيىن ئەل-مەھەللە, تۇنۇش-بىلىشلەرنىڭ ئالدىدا سېسىغىنىم ھەم پات-پات سېسىپ تۇرغىنىم راست.دادا يوللۇق دەپ ھۆرمىتىنى قىلمىسام,ئىگىلىپ كەتكەن ئاشۇ يىتىم قۇۋۇرغىلىرىنى سۇندۇرۇپ,كالچىيىپ كۈلگەن ئېغىزىنى يىرتىپ,كۈلگەنلەرنى كۆرسىمۇ قورققىسى كىلىدىغان قىلىپ قويغۇم كىلىدۇ.ئەمما ئۆزەمنى بېسىۋالىمەن.قورققىنىمدىن ئەمەس,مەھەللىنىڭ چوڭى,دادا يوللۇق دەپ ھۆرمەتلەيمەن.يەنە بىرسى-ماڭا ئوخشاش كۆڭلىگە ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن,چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلغان ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارغا ئۇنداق قىلىش ياراشمايدۇ.شۇڭا‹‹ئۆلۈككە يىغلىغان ئېسىت كۆزۈم,نادانغا سۆزلىگەن ئېسىت سۆزۈم›› دەپلا بولدى قىلىمەن.بۇ گەپنىمۇ قايسى بىر مۇئەللىمدىن ئۈگۈنىۋالغانتىم تېخى.لىكىن بىر ئىش زادى كاللامدىن ئۆتمەيدۇ.مونو توخسۇنكام دىگەن ئادەمنىغۇ قېرىپ ئەقلىدىن ئازدى دەپ بىلىمەن,ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق گەپ-سۆزلەر بىلەن رايىمنى ياندۇرۇشى,ئۇلۇغۋار پىلانلىرىمنى ‹‹ئاسماندىكى غازنىڭ شپرپىسىغا نان چىلاش›,بىلەن خۇلاسىلىشى قۇرسۇقۇمنى كۆپتۈرىدۇ.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە مىنى تۇنۇغىنىدىن باشلاپلا مۇشۇنداق چەك باسمايدىغان قۇرۇق پاراڭلارنى,ئەمەلگە ئاشمايدىغان خام-خىياللارنى تۇلا قىلىدىكەنمەن.شۇنچە سۆزلەپ شۇنچە كايىغىنىم بىلەن ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ باقماپتىمەن.چۈشىنىشمەيدۇ-دە بۇ خەق.ھەممە ئىش ئاستا-ئاستا بولمامدۇ?بىر ئىشنى قىلىمەن دەپلا باشلاپ,پۈتتۈرىمەن دەپلا پۈتتۈرىۋالغىلى بۇلاتتىمۇ?يەنە كىلىپ ھازىرچە شۇ ئىشلارغا شارائىت يوق تۇرسا.ديىشىچە شۇنداق قۇرۇق سۆزلەپلا ئولتۇرسام شارائىتنى باشقا بىرى ھازىرلاپ كېرەكلىك نەرسىلەرنى تۈڭلۈكۈمدىن تاشلاپ بەرمەيمىش.خۇددى بۇلارنى مەن بىلمەيدىغاندەك دەرس ئۆتۈپ كىتىشلىرى بار تېخى.مۇشۇلارنى ئويلاشقا ئىشلىگەن كاللىسى نىمىشقا كىچىككىنە بىر ئىشقا ئىشلىمەيدىغاندۇ دەيمەن!?ياخشى شارائىتى,تۈگىگۈسىز مال-دۇنياسى بولغان بىلەن ئارزۇ-ئارمانلىرى,كۆڭلىگە پۈككەن ئىشلىرى بولمىسا ئۇنى قانداقمۇ باي دىگىلى بولسۇن!?باي دىگەن مانا بىزدەك بولىدۇ؛يىڭى-يىڭى پىلانلارنى تۈزۈپ تۇرىمز,باشقىلار قىلغان ئىشلارنى قىلىپ باققۇمىز ھەم ئۇلاردىن ئاشۇرۇپ قىلغۇمىز كىلىدۇ.باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارنىمۇ قىلىپ سىناپ باققۇمىز. سەككىز قەۋەتلىك بىنا مەسىلىسى دەل بۇنىڭ مىسالى.سەككىز قەۋەتلىك بىنا كەنتىمىز تۈگۈل يېزىمىز تەۋەسىدىمۇ يوق.پەقەت لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئالغىلى شەھەرگە بارغاندىلا ئاندىن ئىگىز قەد كۆتۈرگەن بىنالارنى كۆرەلەيمەن.شۇنداق بىر بىنا سېلىش ئارزۇسىمۇ مەندە شۇ چاغلاردا پەيدا بولغان. دىسەم يەنە كايىپ قالىمەن,مۇشۇنداق ئارزۇلارنىڭ بولغىنى زادى يامانمۇ?
2 f8 |1 K. P4 ]: { دۇنيالىقتا بىرلا ئاغىينەم بولىدىغان ئەكبەر دەپ.بىنانىڭ ئىشىنى تۇنجى قېتىم شۇنىڭغا دىسەم,خىش تامغا توپ ئاتقاندەك قىلىپلا:
+ j: Y* N: b o0 O-ئادىشاۋا,‹‹كۆتۈمدە ئىشتان يوق ئېتىم مارجان بۈۋى››دىگەندەك گەپ قىلماي قۇلاققا ياققۇدەك گەپ-سۆزلەر بولسا قىلە.مۇشۇ ئاسماندىكى غازلىرىڭنىڭ دەستىدىن ئاراممۇ يوققۇ بۇ قۇلاقلارغا-دىمەسمۇ.چىرايلىق چۈشەندۈردۈم:
6 _0 p' E* Z% r4 K( P-بۇ قېتىمقىسى باشقىسىغا ئوخشىمايدۇ ئاداش.بۇدا چۇقۇم دىگىنىمنى قىلىمەن.ئاشۇ بىنانى سالالماي قالسام, ئۆلسەم ئارماندا كەتمەمدىمەن?شۇڭا, بۇ قېتىم بىلىمنى مەھكەم باغلىمىسام بولمايدۇ-دەپ.نىمە دەيدۇ دىمەيسىلەر: , c" l1 z( c/ qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ماقۇل ئاداش,سەن بىلىڭنى باغلاۋەر!خۇددى ئى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چىرايلىق غازنىڭ ئىشىغا ئوخشاش.بۇرنۇڭغا سۇمۇ كىرمەيدىغان نىمىكەنسەن.قاچانغىچە مۇشۇنداق يوقىلاڭ خىيياللارنى قىلىپ يۈرىسەنكىن-تاڭ!?ئاغزىڭدىن كۆپۈك چقىپ قالغۇچە سۆزلىگىنىڭگە تۇشلۇق يا بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىساڭ,ھالىڭغا بېقىپ ھال تارتماي ئىناۋىتىڭنىمۇ تۆكۈپ بولدۇڭ.بولدىلا,بۇ يەردە سەن بىلەن ‹‹ياقسام تۇتارمۇ,كۆمسەم پىشارمۇ››دەپ قۇرۇق پىلان تۈزۈپ ئولتۇرىدىغانغا چۇلام يوق .بېرىپ ئىشىمنى قىلاي-دەپلا خوشمۇ دىمەي كىتىپ قالدى.نىمىمۇ دىيەلەيتتىم!?ئەمەلىيەتتىمۇ شۇ چاغلاردا ئىشلار شۇنداقراق بۇلۇپ قالغان.لىكىن بۇ ئىشتا گۇناھ مەندە ئەمەستە!?كىم ئۇنى مىنى ياراتمىسۇن دەپتىكەن!?, D6 ~1 Y4 p D6 N* H- R. _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. W) }9 p5 [- w- R' I/ C3 E( Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىشلار مۇنداق بولغان.كەنتىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە بىر خانىم قىز ئوقۇتقۇچىلىققا كەلدى.كاساپەت ئانىسىغا بۇيرۇتۇپ تۇغدۇرغاندەكلا چىرايلىق نىمىكەن.قىلچە قۇسۇر-ئىۋەن دەيدىغان نىمىسى يوق.بىر كۆرۈپلا كۈيۈپ قالسام بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ھالىم خاراپلاشتى.كۆزگە ئۇيقۇ كەلمىگەن,گالدىن تاماق ئۆتمىگەن ,قول ئىشقا بارمىغان,ئىشقىلىپ تۈگىشىپلا كەتتىم.يا ئۆزىگە دىگىلى بولمايدۇ‹‹مەن سىزگە كۆيۈك››دەپ.بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن مەكتىپىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كىتىمەن كۈنلەپ -كۈنلەپ ساقلاپ.ھالى يۇغان خېنىم تېخى چىقىپ كىتىۋاتقان قاراپمۇ قويماي تاراقشىپ دەسسەپ.شۇنداق بولىۋىرىپ ئەقلىمدىن ئازغاندەكلا بۇلۇپ قالدىم.كىيىنچە ئۇخلىيالمىغان كىچىلەردە,قول ئىشقا بارمىغان چاغلاردا,گالدىن تاماق ئۆتمىگەن ۋاقىتلاردا ئۇنى ئويلاپ,كەلگۈسى توغرىلىق شىرىن خىياللارنى سۈرۈپ ۋاقىت ئۆتكۈزىۋەردىم.ئۇ توغرىلىق ئويلىغانلىرىمنى ئەكبەرگە ھەتتا توي قىلىش ,كەلگۈسىدىكى بەخىتلىك تۇمۇش توغرىلىق ھەممە پىلانلىرىمنى قالدۇرماي سۆزلەپ بىرەتتىم.ئۇمۇ قىزىقىپ ئاڭلايتتى.كۆڭۈل سىرلىرىمنى تۆكۈپ بىرىۋىرىپ كۆنۈپلا كەتتىم ئۇنىڭغا.كىيىن دوست بۇرادەرلەردىن بىرسى بىلىپ,بىلگىنى يەنە بىرسىگە دەپ,ئاڭلىغىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ دىگەندەك بۇ ئىشلارنى بىلمەيدىغانلارمۇ قالمىدى.ھەممىلا ئادەمنىڭ ئېغىزىدا شۇ قىز بىلەن مىنىڭلا گىپىم.يائاللا! بۇ ئېغىز بىلەن قۇلاق دىگەن نىمىلەرنىڭ ئۆزى بىر بالا-قازاكەن.شۇنداق قىلىپ قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ باردىمۇ بىلمەيمەن,بۇ گەپلەر شۇ قىزنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن گەپ,تېخى بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقتى ئىچىدىلا.بىر كۈنى ئىشلەۋاتسام ئالدىمغا كەپتۇ,چىرايىنى بوغجۇما چەگكەن ياغلىقتەك پۈرلەشتۈرۈپ.قاپىقىنىمۇ ئاچماستىن گەپ تەشتى:
) R$ f6 d$ L! B" t2 N-ئاسىم دىگە سىزما?
. i* R) s0 h Z \/ @* v-ھە... مەن شۇ...
5 k2 d, j( b6 ?' V+ N) M; p# w-ئەمىسە مەن توغرىلىق گەپ تارقىتىپ يۈرگەنمۇ سىزما?2 X9 ?# s9 b' [5 R* tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-نىمە?مەن...نەدە ئۇنداق ئىش باركەن? $ E5 o& m! N$ f" F4 S, Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-نەدە بۇلاتتى!?ئاغزى -قۇلىقى باركىشىلەردە,مۇشۇ مەھەللىدە,پۈتۈن يېزىدا باركەن.نىمىلەرنى دەپ يۈرگىنىڭىز ئىسىڭىزدىن چىقىپ قالمىغاندۇ? ) f2 i. l* q7 ?2 Q1 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-مەن...بۇ...مەن نىمە دەپ يۈرۈپتىمەن?
8 }4 r, ~+ b" [% L# Y1 xئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن دىگەندەك گەپ ئېچىلىشى بىلەنلا زۇۋانىم تۇتۇلۇپ دۇدۇقلاپ قالدىم.لىكىن بۇ گۇناھنى تەن ئالغۇم كەلمىدى.ئۇ بولسا يۈز-خاتىرە قىلمايلا چالۋاقاشقا باشلىدى:
1 I" b N, m2 y5 r8 N9 `: n# X-ۋوي ما گەپنى!سىز دىمىگەن بولسىڭىز خەق ئۆزى چاتىرىقىغا ئۇرۇپلا تاپقان گەپكەندە بۇ!?تېنىۋېلىشىم بار دەپ قۇيۇڭ تېخى!?ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز مەن دەپ بىرەيمۇ?ھە,‹‹روشەنگۈلگە كۈيۈپ قالدىمەي,ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەنەي,توينى شەھەردىكى رىستۇراندا قىلىمەنەي,كادىلاك ماشىنىدا يۆتكەپ كىلىمەنەي››دەپ بىرمۇنچە سەپسەتە تارقىتىپسىزغۇ?يەنە تېخى‹‹تويدىن كىيىن خىزمەتنى تاشلاپ ئۆيدە ئولتۇرىدۇ,بالا تۇغۇپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ,مەن پۇل تېپىپ ئۇنى باقىمەن,مەلىكىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ›› دەپسىزمىش.ئى ئىشتىنىڭىز تىزىڭىزدىن ئاشمايدىغان نىمىڭىزگە نىمە دەپ ئۇنداق گەپلەرنى قىلىپ يۈرىسىز?ئۆزىڭىزنى كىم چاغلاپ قالدىڭىز?سىزگە چۈشۈپ قالغان ئادەم يوق جۇمۇ بىلىپ قۇيۇڭ!چوڭ شەھەرلەردە, ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ,مىڭ جاپادا خىزمەتكە چىقىپ,ئەمدى بولغاندا سىزدەك يالاڭتۆشكە تىگەمدىكەنمەن!?ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ.تەلەتىگە قاراپ بېقىپراق گەپ قىلمامدىغاندۇ دەيمەن!?ھەي,سىز كىم, مەن كىم?سېلىشتۇرۇپمۇ باقمىدىڭىزما?ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا شۇ گەپ.زادى يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرگىلى قۇيامسىز- يوق? سىزنىڭ دەستىڭىزدىن رەسۋايى ئالەم بۇلۇپ,كوچىغا چىقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بۇلۇپ كەتتىم,بىلەمسىز شۇنى?يۈزۈمدىن-يۈزۈمگە دىگەننى ئاز دەپ لايىقىمغىمۇ دەپتۇ.تاس قالدى پۈتۈشۈپ بولغان توي ئىشىمىز بۇزۇلغىلى.نىمانداق ئۆزىڭىزنى چاغلىمايدىغان بىر نىمە سىز!?كادىلاك ماشىنىدا يۆتكەمىش تېخى!ئەبجەق ۋەلىسپىتتىن بىرىگە ئۇلىشالمىغان ھالىڭىزغا تولا ئادەمنىڭ ئىناۋىتىنى مەلتەڭ قىلماي,زۇۋانىڭىزنى يىغىپ يۈرۈڭ!ھالىڭىز شۇ بولغاندىكىن,كېۋەزلىكتىن چىقمايدىغان سەھرالىق ئوسما قاشتىن بىرنى ئېلىڭ-دە,كادىلاڭ ماشىنىدا يۆتكەمسىز,ئىشەك ھارۋىسىدىمۇ,ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.ئەمدى يەنە ئۈستۈمدىن سۆز-چۆچەك تارقىتىپ يۈزۈمنى تۆكىدىغان بولسىڭىز بۇرنى-قۇلىقىڭىزغىچە تويغۇزۇپ قويىمەن!قورقاق سېلىۋاتامدىكى دەپ قالماڭ,سىزدەك گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق لىڭتاسمىغا تېتىغۇچىلكىم بار مىنىڭ.قارا,قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى,نىرۋامنى ئۆرلىتىپ.پوچىلىق قىلىپ ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ كىتىشىنى قانداق قىلاي,ھۇ يالاڭتۆش...
2 p- ^& }9 I% R# eئۇ ماڭا گەپ قىلىشقىمۇ پۇرسەت بەرمەي قوللىرىنى شىلتىپ,تۈكرۈكلىرىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ شۇ گەپلىرىنى پاك-پاكىز دەپ تۈگەتكەندىن كىيىن قوماندانى بۇيرۇق بەرگەن ئەسكەردەك تاققىدە كەينىگە بۇرۇلدى-دە,يەنە بۇرۇنقىدەك تاراقشىپ دەسسەپ كىتىپ قالدى.ئەمما ئۇ گىپىنى باشلاپ تاكى تۈگەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئەتراپقا مىژژىدە ئادەم يىغىلغان ئىدى...
: g' J( ~2 {# X) k) mياۋ پاناھ...ئايدەك چىرايى بولغىنى بىلەن ئاغزىنىڭ يامانلىقى,بىشەملىكىگە گەپ توغرا كەلمەيدىكەن ئەمەسمۇ!?نومۇستىن ئۆلمىدىم,ئۇنىڭ بېرىسى بولدۇم.نىمىسىگە يۇغانچىلىق قىلىدۇ دەيمەن!?ناھايىتى تۆت تەڭگە مائاشلىق قۇتۇر خىزمىتى باركەنغۇ شۇ!?ئېلىپ قۇياي دىگەنگىمۇ شۇنچە شالىنى چاچقان بارمۇ!? - N$ R0 Z# \7 P+ ?) A- y% X* Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مانا شۇنىڭدىن كىيىن داڭقىم چىقىپ بىراقلا تونۇلۇپ كەتتىم.ھازىرغىچە‹‹ئاسىم پوچى››دىسە مىنى تونىمايدىغىنى يوق.قايسى شۆپۈك ئېغىز تاپقان گەپكىنتاڭ,خېلى بۇلۇپ قۇيىدىغان لەقەمكەن ئۆزى.لىكىن يامان بولغىنى-شۇنىڭدىن كىيىن ئاشۇ خانىم قىزنىڭ‹‹روشەنگۈل››دىگەن چىرايلىق ئىسمى ‹‹ئاسماندىكى غاز››بۇلۇپ قالدى.كىملا بولمىسۇن ئۇ توغرىلىق پاراڭ بولسىلا شۇنداق دىيىشەتتى.ئەڭ قورقۇنچلۇق يىرى-شۇ ئىشتىن كىيىن ھېلىقى ‹‹ئاسماندىكى غاز››مىنى نەدە كۆرسە جان تالاشقان بوقىدەك سەت ئالىيىپ,كۇسۇلداپ بىر نىمىلەرنى دەپ تىللاپ قۇيۇپ ماڭىدىغان بۇلىۋالدى. ئەلپازىغا قارىسام مىنى چايناپ پۈركىۋەتسىمۇ,دەسسەپ ئىزىۋەتسىمۇ دەردى چىقمايدىغاندەك قىلاتتى.كىيىنچە ئۇنى ئۇچرىتىپ قېلىشتىنمۇ قورقىدىغان بۇلۇپ قالدىم.يەنە قاملاشمىغان بىر تەرىپى-ماۋۇ دۆتلەرنىڭ نەزەرىدە كۈلكە تىمىسى بۇلۇپ قالىدىغان ئىش چىقتى.بىرسى‹‹ ئاسماندىكى غازنى ئالمايدىغان بولدۇڭمۇ?›› دىسە,يەنە بىرسى ‹‹يىڭى پىلان تۈزمىدىڭمۇ?››دەۋاتقان.ئىشقىلىپ گەپ جېق.تېخى خوشنىمىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوغلى ئەخمەتجان‹‹دونكىخوت››دەيدىغان بىر لەقەمنى قۇيۇپ, مىنى شۇنداق ئاتاپ يۈرگەنمىش.بىر كۈنى ئۇچرىشىپ قېلىپ بىلگۈم كىلىپ سورىدىم ئۆزىدىن: / n1 C$ o5 O- Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئۇكام,دونكىخوت دىگەن قانداق نەرسە ئۇ?ئاڭلىسام ماڭا شۇنداقراق بىر لەقەمنى قۇيىۋاپسەن. 0 b Q+ j8 s/ kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-دونكىخوت دىگەن بىر چەتئەللىك ئادەمنىڭ ئىسمى شۇ. 0 z9 f9 L* W, Q5 q& i3 mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ھە,شۇنداقمىدى!?ئەمىسە قانداق ئادەم ئۇ?ئۆزى نىمىش قىلىدۇ? ' s0 M+ \' Y8 }6 R- N) m5 nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئۇ دىگەن ئاكا,سىزگە ئوخشاش كۆڭلىگە نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن,پات-پات يىڭى پىلانلارنى تۈزۈپ,ئۇنى باشقىلارغا سۆزلەپ بىرىدىغان ئادەم.
3 i! @% `" `& f2 }بۇ گەپلەر بىلان كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپ كەتتى.قارا مقانىڭ ئەقىللىقلىقىنى,ھەجەپ جايىدا ئوخشىتالىپتۇ دىسە!مەن يەنە قايتۇرۇپ سورىدىم:
+ U7 B% ~5 [6 ^6 @! Q& m/ X, f( S-ئۇنداق يىرى بولسا ياخشىكەن.دەپ بىرە,نىمىش قىلىدىكەن ئۇ ئاداش?
& d, w9 K: {$ u" k% B" i2 w% Pئەخمەتجان بىردەم ھاڭۋېقىپ قالغاندىن كىيىن ئۆزىگە كىلىپ كۈلكىسىنى زورىغا بېسىۋېلىپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى:
0 v0 x; t, f5 ~' b9 f# P8 |, E0 S-سىز بىلەن كەسىپداش.
k* r8 a7 I; \1 uئۇ شۇنداق دەپلا پىخىلداپ كۈلگىنىچە كىتىپ قالدى.لىكىن مەن تازا چۈشىنەلمىدىم.يىراقلاپ كىتىۋاتقان ئەخمەتجاندىن ئاخىرقى قېتىم سورىغان سۇئالىم جاۋاپسىز قالدى: ) h3 ~# D2 z. e4 B# V* o8 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-چەتئەللىكلەرمۇ مۇزدوزلۇق قىلامدۇ?...
4 x( i+ w- a1 O7 _% \8 B
% T4 z- X. h7 K% @2 F9 _; h# lئاپتۇرى؛ئايشەمگۈل ئىسمايىل ( تەبەسسۇم )+ B8 u& G( Q. u' Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
! }# Y* A0 H& T- X6 j0 q3 t/ c) o8 |4 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
|