روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1332|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بىر غېرىچ يوپكا كىيگەن قىز(شېئىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قايرىپ قويۇپ ھايانى﯐ كىيگەن يوپكاڭ بىر غېرىچ﯐
شۇ يوپكىنىڭ ۋەجىدىن ئاران ماڭدىڭ بىر غېرىچ.
مودا قوغلاپ ئۆزۈڭچە قىلىپ باقتىڭ ھەممىنى﯐
ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى كېسىپ تاڭدىڭ بىر غېرىچ.
كىيگەن كوپتاڭ بېلىڭنى ياپمىغاننى ئاز كۆرۈپ﯐
ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ ئويۇۋالدىڭ بىر غېرىچ.
ماسلاشماق بوپ دەۋرنىڭ مودىسىغا تېخىمۇ﯐
پاشنىسىنى ئاياغنىڭ قىلىۋالدىڭ بىر غېرىچ.
نەدىن تاپقان پۇلكىنتاڭ﯐ قات - قات زەنجىر بوينۇڭدا﯐
بولسا ئاشۇ زەنجىرنى ئۇلاي دېدىڭ بىر غېرىچ.
نەدە شۇنداق ئادەت بار﯐ تىرنىقىنى ئۆستۈرۈشﳫ
ئەپسۇس﯐ شۇنى پەرۋىشلەپ قىلاي دېدىڭ بىر غېرىچ.
ئازلىق قىلسا ناۋادا ئاتا - ئاناڭ بەرگەن پۇل﯐
رازى بولماي تۇمشۇقنى سوزۇۋالدىڭ بىر غېرىچ.
چىقىپ كەتكەن كېچەڭ كۆپ﯐ ئەنسىرىتىپ چوڭلارنى﯐
قاۋاقخانا﯐ دىبادا ئۈزۈۋالدىڭ بىر غېرىچ.
چاپتىڭ شۇنداق نىشانسىز﯐ ئويلاپ قويماي زاتىڭنى﯐
چېكىندىڭ - يۇ﯐ ئالغا ھېچ باسالمىدىڭ بىر غېرىچ.
گۈزەل خۇلق - ھايانى يوقىتىپ سەن﯐ ھەي ئېسىت﯐
پەزىلەتنىڭ سۈيىدە ئاقالمىدىڭ بىر غېرىچ.
نېمە قىلساڭ مەيلىغۇ﯐ ئۇنۇتمىساڭ ئەسلىڭنى﯐
ئەيش - ئىشرەت كويىدا يوقاتمىساڭ ۋەسلىڭنى﯐
نادانلىققا يول ئېچىپ﯐ قۇرۇتمىساڭ نەسلىڭنى﯐
ئويلان﯐ ھالاك بولۇشقا پەقەت قالدىڭ بىر غېرىچ.
مەنبە:نۇر تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-18 21:27:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  ئىكەن،
ۋاقتى: 2014-2-19 18:09:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شىئېر ئىكەن.رەھمەت.
لىكىن ھازىرقى جەمىيەت بۇلارنى بىر غىرىچ ئەمەس،خىلى بىر نەرسە كۆرسىتۋاتىدۇ جۇمۇ...بۇ شىئىر ئۆتمەسمىكى داپشاقلارغا
ۋاقتى: 2014-2-20 01:04:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئر ياخشى يىزىلىپتۇ، بىراق، باشقىلارنى ئالدىراپ«بۇ شىئىر ئۆتمەسمىكى داپشاقلارغا...» دىمەيلى...ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق ۋاقتى كەلسە ئاياللارنىڭ «بىر غىرىچ »بولۇپ قىلىش سەۋەبىنىڭ ھىسابىنى بىز ئەرلەر بىرىمىز...

باھا سۆز

بۇ توغرا گەپ بوپتۇ .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-20 01:42
ۋاقتى: 2014-2-20 01:40:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ  قاملىشىپتۇ  ماۋۇ  شېئىر !
ماۋزۇسىنى " بىر  غېرىچ " دەپلا  قويسا  بولغۇدەك .
ۋاقتى: 2014-2-20 01:42:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىر0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 01:04
شىئر ياخشى يىزىلىپتۇ، بىراق، باشقىلارنى ئالدىراپ«بۇ ش ...

بۇ  توغرا  گەپ  بوپتۇ .
ۋاقتى: 2014-2-20 10:49:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرغا ھەم شائىرغا قايىل بولدۇم، ھەر قانداق ئىش بولسا ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە باھا بېرىپ ، ھەم ئۆزىمىزنى تۈزىتىپ ئاندىن باشقىلارغا باھا بېرەيلى.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 05:39

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش